ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-07-29
Share
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى «قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش» تېمىسىدا بىر قېتىملىق بىرلەشمە تور مۇزاكىرىسى تەشكىللىدى. 2021-يىلى 28-ئىيۇل.
uscirf.gov

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» نى ھەمدە «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي شوئارنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ۋە گۇرۇھلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان كۆلەمدە قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ دىنىي جامائەتنىڭ ھەرقاچان مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىقتىكى مۇھىم نىشانلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەممىگە مەلۇم پاكىتلاردىن بولۇپ قالماقتا. بۇ خىلدىكى قىلمىشلار ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا «د ئا ئى ش» گۇرۇھى (ISIS) نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تېزدىن يامرىغان بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر سىستېمىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى.

«قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش» تېمىسىدىكى بىرلەشمە تور مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆزگە  تەكلىپ قىلىنغانلار. 2021-يىلى 28-ئىيۇل.
«قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش» تېمىسىدىكى بىرلەشمە تور مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار. 2021-يىلى 28-ئىيۇل.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مۇشۇ خىل يوسۇندا بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە قانداق ئىش بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن 28-ئىيۇل كۈنى «قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش» تېمىسىدا بىر قېتىملىق بىرلەشمە تور مۇزاكىرىسى تەشكىللىدى.

يىغىن رىياسەتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېيدىن ميانزىي خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دىنىي جامائەت ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرگە بىنائەن قانداق قوغدىنىش ھەقلىرى بارلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى ھىمايە قىلىشتا ئادالەتنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن ھەر ساھەدىكى سىياسىيونلارنى ۋە گۇۋاھچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېيمىس مەكگوۋېرن ۋە كىرىستوفېر سىمىسلار مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇلار نۇقتىلىق قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ جاكارلانغان دۇنياۋى شوئارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئەمەلىيەتكە خىلاپ ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ھازىر بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە جاۋابكار بولغانلارغا جازا بېرىش لازىملىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەمدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە «يېشىل چىراغ» يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ كىرىستوفېر سىمىس ھازىر نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلىدە تېخىمۇ كۆپ مەۋجۇت سىياسىي قوراللارنى ئىشقا سېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ھازىر بۇلارنىڭ تولۇق ئىشقا سېلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە ئاقىۋەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى ئېغىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا گىرىپتار قىلغۇسى پاجىئەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مىسال قىلغان ھالدا ئاشۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بۇ زور مەسىلىنى تەكشۈرۈش ھەمدە خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، دەل ئەنە شۇنداق بىر قىيىن شارائىتتا لوندوندىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتىنى چاقىرغانلىقى ۋە خىتاينى خەلقئارا سورۇندا جاۋابكارلىققا تارتقانلىقى، سوتتا قىرغىنچىلىق شاھىتلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى نامايان قىلىشتا ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ خەلقئارا مىقياستا ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. .

ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنى ھىمايە قىلىش ھەمدە قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەتلەرنى خەلقئارادىكى قانۇنىي ۋاستىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ سابىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار باش ئەلچىسى ستېفان رەپ ئەپەندى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «د ئا ئى ش قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىقنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» نىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جوناسان ئاگار مەخسۇس سۆز قىلدى. . بولۇپمۇ ستېفان رەپ ئەپەندى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا قىيىنچىلىقنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇلارغا قارشى چارىلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي شەكىلدە ھۆججەتلەشتۈرۈشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، قىرغىنچىلىقنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم بولغان بىرىنچى قەدەم بولۇپ، ھەرقايسى قىرغىنچىلىقلاردا بۇ نۇقتا تولۇق ئىسپاتلانغان. بولۇپمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ماددىي ئىسپاتلىرىنى، شاھىتلارنىڭ بايانلىرىنى يىغىش، دەلىللەش ۋە شۇ ئارقىلىق قىرغىنچىلىق قىلغۇچىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىش دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خاس قىرغىنچىلىققا قارشى جازا قانۇنلىرىنى، جۈملىدىن «ئا ق ش قىرغىنچىلىق قانۇنى» ۋە «ئا ق ش ئۇرۇش جىنايەتلىرى قانۇنى» دېگەنلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىدە زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن.

گۇۋاھچىلاردىن جوناسان ئاگار تەكىتلىگەن قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىنى ھەمدە دەلىل ئىسپاتلىرىنى يىغىپ بىر پۈتۈن ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇش، قىرغىنچىلىقنىڭ جەريانىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ھەمدە شۇ ئاساستا بۇنىڭغا ماس قانۇن چىقىرىش، خەلقئارا جامائەتنى بۇ مەسىلىگە سەپەرۋەر قىلىشتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا «ئادالەت ۋە جاۋابكارلىق مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى كارمېن چاڭ ئالاھىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولغۇچىلارنى سوراققا تارتىشتا يەرلىك خەلقلەرنىڭ يېتەرلىك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ زور توسقۇنلۇقلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭدا يالغۇز بىرەر-ئىككى دۆلەتنىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ سۆز قىلىشى بىلەن قىرغىنچىلىقنى توسقىلى ياكى ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتقىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر جاۋابكارلارنى جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش مەۋقەسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشى لازىم ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى قانۇن رامكىسى بۇنىڭغا بەزى توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرىنىڭ نازارەت مېخانىزىمىغا لازىملىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىگە ئېكسپورت قىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق قانۇنىي چەكلىمىلەرنىڭ بولماسلىقىدەك رېئاللىقمۇ يەنە بىر ياقتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدىكەن. .

بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان 2016-يىللىرىدىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەچ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقنى قانداق شەكىلدە ھازىرقىدەك زور كۆلەمگە ئېلىپ چىققانلىقىنى، شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى قانداق قىلىپ تۇنجى بولۇپ دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئالىم سېيتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېزلا ھۇجۇم نىشانىنى چەتئەلگىمۇ قارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى پاش قىلغان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تۈرلۈك بەدناملارنى چاپلاشتىن قىلچىلىكمۇ ئۇيالمىغان؛ زۇلۇمنى ۋە قىرغىنچىلىقنى پاش قىلغان شەخسلەرنى «تېررورلۇق» قا باغلاشقا ئۇرۇنغان؛ بۇ ھەقتىكى پاكىتلارنى كۆپلەپ ئاشكارا قىلغان لوندون ئۇيغۇر كوللېگىيەسىنىڭ سوت پائالىيىتىنىمۇ زور كۈچ بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرقى جازا تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولغان جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارمىقىدىكى خەلقئارا سوت (ICJ) قا ئەزا بولغان خىتاينىڭ ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئ‍ەھۋالدا پەقەت خەلقئارا سوتقا ئەزا بولغان باشقا بىر دۆلەتنىڭلا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان يەنە بىر دۆلەتنى ئەرز قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنداق ئىمتىيازى بولمىغان ئەھۋالدا جەزمەن بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ھەقتىكى داۋانى سوتقا ئېلىپ چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن ساھىبخانلىرى ھەرقايسى گۇۋاھچىلاردىن قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قېلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى چارىلارنى قوللىنىش ھەققىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن كۆپلىگەن ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. يىغىندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ قېتىمقى مۇزاكىرە ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىت ئىنكاسلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىمۇ بۇنى ئىشارە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قىرغىنچىلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىغىمۇ بىر چوڭ سوئال قويۇلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىرلەر رەتلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە دۆلەت مەجلىسىگە يوللاپ بېرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت