ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.12.12
Young-Kim

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

IMG_3691

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Adrian-Zenz

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش يىغىنىدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنىز(Adrian Zenz) سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون. RFA/Sintash

Carl-Gershman

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان(Carl Gershman) سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

CECC-Staff-Director-Piero-Tozzi

پېرو توززى سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Elfidar-Iltebir

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Hamid-Sabi

ئۇيغۇر سوتىنىڭ مەسلىھەتچىسى خامىد سابى سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Hon-Beth-Van-Schaack

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى بەت ۋان شاك (Beth Van Schaack) سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Hon-Kelley-Currie

ھون كېللېي كۇرىي سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

Omer-Kanat

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات سۆزلەۋاتىدۇ. 2023-يىلى 11-دېكابىر، ۋاشىنگتون RFA/Sintash

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەسلەپكى قەدەمدە غەرب دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم ساھەگە تونۇشلۇق چۈشەنچىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئالتە يىلدىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان مەلۇماتلار بۇنىڭ يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەنە شۇ خىل رېئاللىققا قارىتا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم بۇ جىددىي مەسىلىگە قارىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 11-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن لۇيىسا گرېۋ (Louisa Greve) بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىنغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم غەرب پارلامېنتلىرىمۇ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغان، شى جىنپىڭنىڭ «باش قوماندانلىقى» دىكى بۇ زور قىرغىنچىلىق زور تۇتقۇن، لاگېر سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە پەيتتە بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمىلى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ جىددىي بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىنغىلى ئىككى يىل بولغان، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغىلى 75 يىل بولغان خاتىرە كۈندە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قانۇن لايىھەلىرىنى تېزدىن قانۇنغا ئايلاندۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسۇشنى بىر تۈرلۈك ئاكتىپ ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ «بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەر قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىققا ئوخشاشلا مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ھامىد سابى (Hamid Sabi) تور ئارقىلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار ئۆز سۆزىدە د ئۇ ق نىڭ ھەر يىلى 9-دېكابىر كۈنىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» دەپ بېكىتىشىدىكى بىر مۇھىم نىشاننىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەردىن بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغىچە مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ پەقەت مىڭدىن ئونمىڭدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا دۇنيانىڭ سۈكۈتى خىتاينىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ يوغىنىتىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى باش ئەلچىسى بېس شاك (Beth Van Schaack) ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كېللىي كۇررىي (Kelley Currie) بار ئىدى. ئۇلار سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا قارىتا نۆۋەتتە يېتەرلىك ئادالەتنىڭ جارى بولمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە شەرق بىلەن غەربتىكى بارلىق كۈچلەرنى بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشى بىر مەۋقەگە جەم قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانى ئېنىق مەلۇم بولغان بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىنىڭ يەنىلا خىتاينى بىر قىسىم يوچۇقلار بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن بەدەل ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جازا چارىلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈش، خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا سودا ساھەسىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىشىگە ياردەم بېرىشتىن چەكلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولغان ياڭ كىم (Young Kim) خانىممۇ يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشنىڭ ئۆزى خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ خىل سۈكۈتنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىى تەنقىدلىدى. شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنزمۇ بۇ ھەقتىكى بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت بولسا شۈبھىسىز ئۇيغۇر رايونى. ئۇلار ئىزچىل بۇ رايوننى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدۇ. بۇ تەھدىت بولسا بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي قىسىمدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە باغلانغان. ئۇلار بۇ تەھدىتنى يوقىتىشتىكى غوللۇق چارە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى باش نىشان قىلىپ مۇقىملاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ غەرىزى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلار توختاپ قالماسلىقى كېرەك.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسە سۆزىنى قىلىش ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرگە بېرىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئىزچىل قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا دۇنيانىڭ تېخىچە بۇنىڭغا شېرىك بولۇشتىن قول ئۈزمىگەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىنىڭ ئاللىقاچان ئامېرىكا تۇپرىقىغا يېيىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ «بۇنىڭغا قارشى ھەممىلا كىشى بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدۇ. ئەقەللىيسى بىز خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىقمۇ بۇنىڭغا تۆھپە قوشالايمىز. ئەمما ھازىر ئەمىلى ھەرىكەت ھەرقاچان كېيىن قېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىن ئارىلىقىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان قانۇن لايىھەلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، مۇشۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 « ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ماقۇللاندى. شۇنىڭدەك NDDA، يەنى ‹دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن دۆلەت ئېلان قىلغان رۇخسەتنامە› گە كىرگۈزۈلدى. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى مۇزاكىرە بۇ ھەپتە تاماملانسا بۇنى كېڭەش پالاتاسىغا يوللايمىز. شۇڭا بۇنى ھازىرچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ. ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۈگۈنكى پائالىيەتمۇ دەل مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىر قاتار تەلەپلەرنى قويۇۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەش، ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق كىشىلەرنى خىتايغا دائىر خىزمەتلەرگە سەپلەش قاتارلىقلارمۇ بار. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈشتە بەك مۇھىم. نېمىشقا دېگەندە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە سۆز قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى يىغىندەك بۇ توغرىسىدا قانچە كۆپ سۆز بولسا قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ۋە كىشىلەرنىڭ تونۇشنى ئۆستۈرۈشتە شۇنچە زور رولى بولىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇ جايدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىزنى خەلقنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىشى بەكلا زۆرۈر. »

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش يولىدىكى بىر قاتار تىرىشچانلىقلارغا كۈتۈلمىگەن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر «مەنزىل ئۇزاق، يۈك ئېغىر» دېگەندەك شەكىلدە تەسۋىرلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.