ئىلشات ھەسەن: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ‹غەرب پىلانى› نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نەتىجىسى»

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدىن تېز كۆپىيىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زور بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولغانىدى. بۇ ئەھۋالدا، دائىرىلەر 2023-2024-يىللىق «غەرب پىلانى» پىروگراممىسىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى «پىدائىيلىرى» نى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا خىزمەتكە سەپلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتايدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «خەلق سارىيى» دا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2023-يىلدىن 2024-يىلغىچە بولغان غەرب پىلانىدىكى پىدائىيلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا «غەرب پىلانى» غا قاتناشقان، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن بۇ ئاتالمىش پىدائىيلارنىڭ ئارزۇ-غايىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى» غا ئىلھاملاندۇرۇلغان. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار قاتناشقان.

20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا كېلىۋاتقان خىتاي «پىدائىيلىرى» نىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان، 20 يىلدىن بېرى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «غەرب پىلانى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى سىياسەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان مۇستەملىكە پىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى «غەرب پىلانى» پىروگراممىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 44 مىڭدىن ئارتۇق «پىدائىي» ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ھەر ساھەدە خىزمەت قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى رايوندا قېلىپ، «چوڭقۇر يىلتىز تارتقان» . بۇ قېتىملىق مۇراسىمدا، ئۇلار «پارتىيە خاتىرجەم بولسۇن، دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مەن تەييار» دېگەندەك تەنتەنىلىك قەسەملەرنى بەرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ «غەرب پىلانى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش، ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇيغۇر رايونىنى تالان-تاراج قىلىش ۋە ئۇنى خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىمۇ ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان ھەر خىل ناملار بىلەن ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «غەرب پىلانى» نىڭ نەتىجىسىدۇر.

«غەرب پىلانى» ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش ئىستراتېگىيەسىدۇر

8-ئاينىڭ 15-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» مۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 2003-يىلى يولغا قويۇلغان «غەرب پىلانى» نىڭ تۇنجى يىلىدا ئەڭ دەسلەپتە 403 نەپەر پىدائىي قاتناشقان بولسا، ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن پىدائىيلارنىڭ سانى 44 مىڭغا يەتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ «غەرب پىلانى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن يۆتكەش ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل «غەرب پىلانى» دىكى پىدائىيلارنىڭ %20 ى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارغا، قالغان %80 ى بولسا ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ۋە رايون، شۇنداقلا يېزا-بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا ماڭدۇرۇلىدىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرگەن ھەتتا يەرلەشكەن بۇ خىتاي «پىدائىيلىرى» نىڭ سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشسىز قالىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان «غەرب پىلانى» ھەرىكىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان خىتاي ياشلىرىنى «چېگرا رايونلاردا يىلتىز تارتىش» چاقىرىقىدىنمۇ قەبىھ ھەرىكەت ئىكەن. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۈرمە-لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرىدىن بوش قالغان ساھە ۋە خىزمەت ئورنىغا ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن ئاتالمىش پىدائىيلار ئورۇنلىشىشقا باشلىغان. «غەرب پىلانى» دېگەندەك دەبدەبىلىك ناملار بىلەن ئاتالغان ھەرىكەت ۋە سىياسەتلەر، شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا چۈشى» نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن.