يېقىندا خىتاينىڭ «دوۋيىن» يەنى «تىك-توك» تورىدا تارقالغان «شىنجاڭلىق گۈزەل ئۇيغۇر سىڭىلچاق» نامىدىكى پەسكەش تور ئېلانىدا بىر خىتاي ئەرنىڭ تولىمۇ ياش ئۇيغۇر قىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قاراڭلار، شىنجاڭدىكى بۇ ئۇيغۇر سىڭىلچاققا، ئۇ گۈزەلمىكەن؟ گۈزەللەر ماكانى بولغان شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ. بۈگۈن كېچە سىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز،» دەپ سۆزلەۋاتقان بىر مىنۇتقا يېقىن پەشكەش تور ئېلانى تۋىتتېر، فېيسيبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى ۋە قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىگە قارىتا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنكاسلاردا بۇ خىل پەسكەش ئېلانلارنىڭ ئىلگىرىمۇ خىتايلار تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. ئىنكاسلاردا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان بۇ خىل تور ئېلانلىرىغا بولغان كۈچلۈك غەزەپ ۋە نەپرەت ئىپادىلەندى.
«شىنجاڭلىق گۈزەل ئۇيغۇر سىڭىلچاق» نامىدىكى بۇ پەشكەش تور ئېلانىغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن داررېن بايلېر، تىموسى گرۇس، تاڭ دەنخوڭ قاتارلىقلار قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.
ئامېرىكادىكى روز خۇلمېن تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، خىتايدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس تىموسى گروسې ئەپەندى مەزكۇر تور ئېلانىغا قارىتا مۇنداق ئىنكاس يازغان: «مەن بۇ فىلىمنىڭ ئارقىسىدا مەن بىلمەيدىغان ‹مەزمۇن› نىڭ بار-يوقلۇقى بىلەن كارىم يوق. ئەمما بۇ يىرگىنچلىك سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (ئۆز تەشۋىقاتىدا) كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مىللىي گۇرۇپپىلارغا (قانداق) قاراش ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتەك خاھىشلار ئەكس ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەتتىن باشقا تولۇق ئەمەس.»
ئىسرالىيەدىكى خىتاي تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تاڭ دەنخوڭ خانىم ئىنكاسىدا ئاتالمىش «گۈللىنىش ئارزۇسى» دىكى خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان «ئەرۋاھ» دەپ تەسۋىرلىگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
تاڭ دەنخوڭ خانىم مۇنداق يازغان: «خىتاي بۇ جەھەننەمدىكى قورقۇنچلۇق ئەرۋاھلار دۆلىتى. بۇ دۆلەتتە مەينەتچىلىك، نىجاسەت ۋە تېزەكلەر ئاقىدۇ. ئۇلار تاغ بىلەن ئۇچراشسا تاغنى چىرىتىدۇ. تاشلار بىلەن ئۇچراشسا تاشلارنى قۇرت-قوڭغۇز باسىدۇ. خىتايدىكى مەينەتچىلىك دەرياسىدا شۆلگەي ۋە يىرىڭلار دولقۇن ياساپ ئاقىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ئەرۋاھلارغا ئوخشىغان پۇقرالارنىڭ ۋۇجۇدىنى شەھۋەت ۋەسۋەسىسى چىرمىغان. ئۇلارنىڭ مېڭىسى بوش ۋە قۇرۇق. ئۇلارنىڭ قەلبى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ. كۆز، قۇلاق قاتارلىق بەش ئەزاسى پەقەت ۋارقىراپ-جارقىراپ مال سېتىش بىلەن مەشغۇل، مانا بۇ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىمفونىيىسى. . . ئەگەر ئىنسانلار بۇنداق مەينەت ۋە نومۇسسىز يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇلار ئۈچۈن بۇنداق ئۆلۈم ھاياتتىن ياخشى. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى سېھىرگەرلىك بىلەن ئاتالمىش ‹ئۇلۇغ گۈللىنىش› نىڭ مەسخۇش چۈشلىرى كۆرمەكتە.»
15-ماي رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تاڭ دەنخوڭ خانىم ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە «شىنجاڭلىق گۈزەل ئۇيغۇر سىڭىلچاق» نامىدىكى پەشكەش تور ئېلانىغا بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېلاندىكى خىتاي يېنىدىكى ياش ئۇيغۇر قىزنى خۇددى بىر سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ ئورنىدا تەشۋىق قىلغان، ئۇنىڭ نەزەرىدە خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان بۇ ئۇيغۇر قىزى پەقەت سېتىلىدىغان بىر مال، خالاس. بۇنداق كىشىلەر خىتاي قىز-ئاياللىرىغىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىش مۇئامىلىسىدە بولىدۇ. شۇنداقكەن، ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىغان قىز-ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ پەسكەش بولغان ھۆرمەتسىز ۋە ھاقارەت مۇئامىلىسىنى قىلىدۇ. خىتاي ئەرلىرىنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى غەربلىكلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تولىمۇ تار، شۇڭا مەن بۇ جەمئىيەتنى رەزىللىككە تولغان پەشكەش جەمئىيەت دەپ قارايمەن.»
تاڭ دەنخوڭ خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن بىر ئايال ۋە بىر قىزنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «شىنجاڭلىق گۈزەل ئۇيغۇر سىڭىلچاق» نامىدىكى بۇ خىل پەشكەش تور ئېلانىنى كۆرگەن چېغىدا قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ۋە بۇ ئېلاننى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدىكى ئازاب ۋە نەپرەتنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خىل كىشىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى يانتاياق بولغان دەپ قارايمەن. شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل پەشكەش ئېلانلارنىڭ توردا ئاشكارا تارقىتىلىشىغا يول قويۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ۋە ئۇنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ ئۇلارنى خىتايلارغا ئوخشاش قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا خۇددى خىتاي قىز-ئاياللىرىغا قىلىۋاتقان پەسكەش مۇئامىلىلەرنى قىلىشىغا، ئەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىشىغا يول قويىدۇ.»
15-ماي كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئەرلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سودا خاراكتېرىنى ئالغان پەسكەش مۇلازىمەتلەرگە زورلىنىۋاتقان بۇ خىل ئېلانلارنىڭ خىتاي تورلىرىدا ئاشكارا تارقىتىلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ پەسكەش تور ئېلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بۈگۈنكىدەك قىيىن بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى سۆزلەش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئەيىبلەش تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00