ئوخشىمىغان ئېتىقاد يېتەكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى زور ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە باستۇرۇشى تاشقى دۇنيادا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىدىنمۇ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا خىرىستيانلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، يەھۇدىي تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىسلام ئۆلىمالىرى، خرىستىئان پوپلىرى، يەھۇدىي راببايلىرى، بۇددىست راھىبلار قاتارلىق كۆپلىگەن ئېتىقاد سىستېمىسىدىكى 76 نەپەر يېتەكچى شەخسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى 9-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشتى ھەمدە بەلگىلىك مۇھاكىمىگە سەۋەب بولدى.

مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى نىشان قىلغان كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بۇنى «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى قىرغىنچىلىققا قارشى بىر قېتىملىق دۇنياۋى ھەمكارلىق» دەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بويىچە بىرنەچچە پارچە يىرىك ئەسەرنى نەشر قىلدۇرغان يېۋېلىنا ئوچاب (Ewelina U. Ochab) خانىمدۇر.

ئۇ بۇ قېتىمقى بايانات ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭ تېخىمۇ زور ئورتاق قوللاشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى رېئاللىق دۇنيادىن ئاشۇنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «بۇ خىلدىكى دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ قولىدىن چىققان باياناتلار، جۈملىدىن بۇ قېتىمقى 75 كىشى ئىمزا قويغان بىرلەشمە بايانات بىر-بىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان كۆپلىگەن دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق بولغان دۇنياۋى مەسىلە ئالدىدا بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز، ئادەتتە بۇنداق كۆپ ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى پىكىر جەھەتتە بىر يەرگە جەم قىلىش بەك قىيىن بىر ئىش. شۇڭلاشقىمۇ بۇ بايانات ناھايىتى كۈچلۈك بىر قېتىملىق سادا بولدى. ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇ بايانات بەك كۆپ تارقالدى، نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى بەس-بەستە كۆچۈرۈپ باستى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا بۇنىڭغا يەنە بىر سوئال بەلگىسىمۇ تاشلاندى: ھازىرقى زاماندىكى بەكلا داڭلىق بولغان يەنە بىر قىسىم دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ ئىمزاسى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتتىن يەر ئالالمىدى. زۇلۇمغا قارشى بۇ باياناتقا ئۇلارنىڭ ئىمزا قويماسلىقىدا ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۆزىگە يارىشا بېسىملار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمغا داۋاملىق سەل قاراشقا ياكى بىر كۆزىمىزنى قىسىۋېلىشقا ئىمكان قالمىغانلىقنى تەكىتلىدۇق. گەرچە بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا بولسىمۇ، ھازىرچە بىز مۇشۇنى بىر قەدەم دەپ قارىدۇق. مۇشۇ قەدەمنىڭ باھانىسىدە پوپ فرانسىس ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىسا، چېركاۋلار دۇنياسى بۇ ھەقتىكى سۈكۈتكە خاتىمە بەرسە، خەلقئارا جامائەتمۇ تېگىشلىك سادا چىقارسا دېگەننى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. دېمەكچىمىزكى، بۇ ئىشلارغا ئەمدى سۈكۈت قىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى قىرغىنچىلىق پاكىتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا بۇنىڭغا قارىتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ بولسا بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغان كىشىلەر ئارىسىدا بىرىتانىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور خالىد ئانىس (Khalid Anis) مۇ بار. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويۇشىنىڭ ئاللىقاچان مەجبۇرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ چىققان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈتنى تاللىغاندا مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىككىلەنمەستىن ھەقىقەتنى تاللىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

«مەن ئىسلام دۇنياسىدا ياشىمىغانلىقىم، يەنە كېلىپ بىرىتانىيە پۇقرالىقىدىكى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن باياتىن سىز تىلغا ئالغان مەسىلىلەردە مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا. بۇ ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۈچۈن تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىق بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقاندا سۈكۈت قىلىشى ياكى خىتاي تەرەپتە تۇرۇشى ئادەمنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل ئىككى يۈزلىمىلىك ھازىر دۇنيادا بەكلا يامراپ كەتكەن بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل قوش ئۆلچەم مەسىلىسىنىڭ ‍ئارقىسىغا ھەرقاچان ئوخشىمىغان مۇددىئالار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. دەرۋەقە بۇ قېتىم بۇ بايانات ئارقىلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ كىچىك بولسىمۇ بىر قەدەم ئېلىندى. يەنە بىر ياقتىن بۇ بايانات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەنىڭ دۇنيا مىقياسىدا، بولۇپمۇ بىرىتانىيە تەۋەسىدە تېخىمۇ كەڭ مىقياستا مۇھاكىمە قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.»

ئىمام خالىد ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ خەلقئارا ھەرىكەتكە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە مۇشۇ قېتىملىق باشلىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى تېخىمۇ كەڭ بىرلىك ۋە ھەمدەملىككە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «راستىنى دېسەم، بۇ ئەھۋالدا ئاشۇ ئۇيغۇرلارغا ئاللانىڭ رەھمىتىنى ئەسلەش ۋە جانابىي ھەقنىڭ ‹قۇرئان› دا بىزگە بۇيرۇغان ‹ئىبادەتنى چاماڭلار يەتكەن دائىرىدە قىلىڭلار› دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللىشى قالمىدى. ئاللاھتىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ئۈچۈن سەبىر ۋە ئەجىر تىلەيمىز. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ، يەنە كېلىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى مەلۇم بىر قوۋمنىڭ مەسىلىسى دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملار ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ تەبىرلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە يالغۇز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياقا يىرتىشى لازىم ئىدى. مېنىڭ خۇشال بولغىنىم بۇ قېتىم ئاشۇنچە كۆپ دىنىي ئېتىقادقا مەنسۇپ يېتەكچىلەر بۇ باياناتقا ئىمزا قويۇپتۇ. شۇڭا مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن ئىمزا قويدۇم. دېمەك، بۇ بىر قەدەم نۆۋەتتە ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى ئاشۇ زاتلار ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىملىق ئىش بىرلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە غايەت زور ئىقتىسادىي دەسمىي سېلىش بەدىلىگە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا دەل مۇشۇ مەسىلىدە بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتنىڭ خەلقئاراغا ناھايىتى ياخشى بىر قېتىملىق جاۋاب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما يېۋېلىنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە بايانات ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەنىڭ ئالدىدا پەقەت كىچىككىنە بىر قەدەملا بولۇپ، بۇ ساھەدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەكمۇ كۆپ ئىكەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: «ئەلۋەتتە، بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى داۋاملىق كۆزىتىمىز. مەنمۇ داۋاملىق بۇ ھەقتە يېزىشنى توختاتمايمەن. مەن ئىلگىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى زور كۆلەملىك پاجىئەلەر ۋە قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە يازغان بولسام ئەمدى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار ھەققىدە يازماقچىمەن. چۈنكى خىتاي تەۋەسىدىن بىزگە مەلۇم بولۇۋاتقان شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار بۇنىڭ سۈكۈت قىلىۋېرىشكە بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ كۈچى يېتىشىچە قەلەم تەۋرىتىپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرمەكچىمەن. بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارانىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغاش ھەمدە ئۇلارنى بۇ جەھەتتىكى رېئاللىقتىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بىزدە ھەرىكەت بولۇشى لازىم. بۇنىڭدا بىز تەلەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋال ئاشۇ جايغا بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش ئارقىلىق يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشىمىز بەك مۇھىم. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرگە قارىتا تېخىمۇ زور قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا مەن ئاي-ئايلاپ، يىل-يىللاپ مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشىم مۇمكىن، ئەمما بۇلار ھەرگىزمۇ كۇپايە قىلمايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە بايانات ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە كەڭ تارقىلىپ، ئوخشىمىغان ئاخباراتلاردىن يەر ئالغان. بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن خەۋەردار بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.