مۇتەخەسسىسلەر: «ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى خىتاي دۆلىتىگە باغلاش ئۈچۈن قۇربان ھېيتىدا ئۇيغۇرلارغا زىياپەت بەرگەن»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇربان ھېيتىدا ساقچى چېدىرلىرىنى ئېچىش، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىش، قىزىل كىنو كۆرسىتىش ۋە زىياپەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ساقچى خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئائىلە تۇرمۇشىغا ئۈسۈپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىغا مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى خىتاي دۆلىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە باغلاشنى مەقسەت قىلىپ بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرى «شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى ئىلگىرى سۈردى» مەزمۇنىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپلەپ تارقاتقان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زىيارەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ساقچى خادىملىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى. كىشىلەر بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بايرامنى تەبرىكلىدى. ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى ئاممىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مەسئۇلدۇر. ئۇلار ئەلۋەتتە دۆلەتنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغۇچى، يەنى دۆلەتنىڭ ۋاكالەتچىسىدۇر. ئۇنداقتا ئۇلار بۇ ئەھۋالدا يەنى بۇ بايرامدا قايسى خىل سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ؟ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەشكە ئارىلىشىش بولسا رايوندا يولغا قويۇلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلق ۋە مۇسۇلمان. مەپكۇرىسى پەرقلىق. ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) مەدەنىيەت قىممەت قارىشى، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي قىممەت قارشى خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدا. شۇڭا خىتاي دۆلىتى ئۇلارنى تەھدىت دەپ بىلىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ سىياسىتى خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ خىل كىملىكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى خىتاي دۆلىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە باغلاشنى مەقسەت قىلىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ دوتسېنتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قۇربان بايرامىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ۋە تەشۋىقاتىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

«ساقچىلارنىڭ قۇربان ھېيتتا ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى غەلىتە بىر ئەھۋال. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا مۇداخىلە قىلىۋاتىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇربان ھېيتىنى بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئىسلام دىنىنى دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى ئىسلام دىنىدىن ئايرىيدۇ. خىتايدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىدىن ۋە ئىسلام ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراق بىر مىللەتنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»

مەزكۇر خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «6-ئاينىڭ 16-كۈنى، كېرىيە ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ساقچى چېدىرىدا ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹كۈچلۈك جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ۋە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش› پائالىيىتى ئېلىپ باردى».

دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ساقچى چېدىرىدا ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

«قۇربان ھېيتى ئائىلە بىلەن بىرلىكتە خۇشال-خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان بىر بايرامدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇربان ھېيتى بىر دىنىي ئىبادەتتۇر. ساقچىلار ۋە بۇ ماقالىنى يازغان كىشى بۇ مۇھىم نۇقىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ساقچىلارنىڭ ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىر تەشۋىقات. بۇ يەردە ساقچىلار ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مىللىي ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىزىل كىنو كۆرۈش ۋە باشقا تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇلار، ئاممىنىڭ ھەق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردۇر. ئەلۋەتتە، دىنىي بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ سىرتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېپىزىمولوگىيەسىنى (epistemologies) ۋە چۈشەنچىسىنى ئەسكەرتىدىغان بىر پەيت. خىتاي، دىننى تەكىتلىمەي، دىنسىز بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەسلى دىنىدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلىدۇ».

قۇربان ھېيتى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلغان. ما شىڭرۇي زىيارەت جەريانىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) ۋە دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، خىتايدا پەقەتلا خىتايلارنى مەركەز قىلغان بىرلا مىللەتنىڭ «مىللىي دۆلىتى» بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.