ئاۋاكرى شەمسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققان تۇنجى ئۇيغۇر رەسسامى بولغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2023.03.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ressam-awakri-shemsi-1.jpg قازاقىستاننىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكەن رەسسام ئاۋاكرى شەمسىگە بېغىشلانغان «مەڭگۈلۈك ھايات» ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 25-مارت.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەينى ۋاقىتلاردا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، يازغۇچىلار، رەسساملار، سەنئەتكارلار، ئەمگەك قەھرىمانلىرى ئوخشاش كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق رەسسام ئاۋاكرى شەمسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى تۇغۇلغان يۇرتى قازاقىستاندىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەشھۇر بولغان.

ئاۋاكرى شەمسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى رەسسامدۇر. 2013-يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنىدىغان «دوستلۇق» ژۇرنالىدا تونۇلغان رەسسام ھەم تەنقىدچى رەيھان ئېرگالىيېۋا ئۆزىنىڭ ئاۋاكرى شەمسىگە بېغىشلىغان كۆلەملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭدا ئۇ قازاقىستاننىڭ خەلق رەسسامى ئاۇباكىر ئىسمايىلوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاۋاكرى شەمسى-سوۋېت شەرقىنىڭ ئەڭ تالانتلىق رەسساملىرىنىڭ بىرى. ئۇ پەقەت كەسپىي رەسساملاردىنلا بولۇپ قالماي، ئۇ شۇنىڭدەك تومۇرلىرى يىراق ئەسىرلەرگە كەتكەن قەدىمىي ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىدە تەربىيىلەنگەن ياشلارنىڭ مەرىپەتچىسى ۋە ئۇستازى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

قازاقىستاننىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكەن رەسسام ئاۋاكرى شەمسىگە بېغىشلانغان «مەڭگۈلۈك ھايات» ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 25-مارت.

25-مارتتا قازاقىستاننىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئەنە شۇ ئاۋاكرى شەمسىنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ياش رەسساملارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھايات» ماۋزۇسىدا كۆرگەزمىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدە بىلىم ئېلىۋاتقان 50 كە يېقىن مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناشتى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شەمسى» دېگەن تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغان ئاۋاكرى شەمشىدىنوفنىڭ بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن. كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى مەرھۇمنىڭ شاگىرتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى، قازاقىستاننىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تونۇلغان رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت تەشەببۇس قىلغان.

ئالدى بىلەن كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭ مېھمانلىرىنى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىلىيار نۇرخالىقوف قارشى ئېلىپ، مەكتەپ مىراسگاھى بىلەن تونۇشتۇرغان. ئاندىن ئۇلار تەنھەرىكەت زالىغا جايلاشقان ئوقۇغۇچىلار كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭدا ئالمۇتا شەھىرى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، پانفىلوف، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرى مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان 5-11-سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ مويقەلەم، ئاكۋارېل ۋە ئەمەلىي سەنئەت تۈرلىرى بويىچە ئۆز ئەسەرلىرىنى نامايىش قىلدى.

قازاقىستاننىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكەن رەسسام ئاۋاكرى شەمسىگە بېغىشلانغان «مەڭگۈلۈك ھايات» ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 25-مارت.

مۇراسىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا «پەرۋانە» ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىلىرى ھۈنەر كۆرسىتىپ، ھەممىنى نورۇز بايرىمى بايرىمى بىلەن مۇبارەكلىدى. ئەخمەتجان ئەھەتنىڭ كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى ۋە ئاۋاكرى شەمسىنىڭ تەرجىمھالى توغرىلىق قىلغان دوكلاتىدىن كېيىن 1985-يىلى «قازاقتېلېفىلىم» فىلىم ئىشلەش مەركىزى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «شەمسى» ھۆججەتلىك فىلىمى كۆرسىتىلدى.

ئاندىن مۇراسىمنىڭ تەنتەنىلىك قىسمى باشلىنىپ، ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتىدىن بەك خۇش بولغانلىقىنى ئېيتىپ، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ياش ئەۋلادنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك روھتا تەربىيەلەشتىكى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرگە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «ساخاۋەت» ۋە «غەمخور» مېداللىرىنى تاپشۇردى. ئاندىن نۆۋەت كۆرگەزمە غالىبلىرىنى تەقدىرلەش قىسىمىغا بېرىلىپ، ئۇلار مەخسۇس مۇكاپاتلار ۋە ئاۋاكرى شەمسىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدىن سوغىلار بىلەن تەقدىرلەندى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان باشقىمۇ كىشىلەر كۆرگەزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.

رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمىگە بالىلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن سۈرەتلىرى ئاجايىب ۋە كۈچلۈك. ئاجايىب تالانتلىق بالىلىرىمىز رەسساملىقنىڭ ھەممە تېخنىكا، قىر-سىرلىرىنى بىلىۋالغان. بىر مۇنچە بالىلار ھەتتا رەسساملارنى تەييارلايدىغان مەكتەپ، تېخنىكوملاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئوخشاش سۈرەتلەرنى سىزىدىكەن. مەن ئۆزۈم ھەيران قالدىم. كېلەچىكىمىزدە زور، ئاجايىب رەسساملارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بىزنىڭ بۇرچىمىز-ئۆتمۈشتە ئۆتكەن مۇشۇنداق رەسسام، يازغۇچىلىرىمىزنى ياش ئۆسمۈرلەرگە كۆرسىتىش، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش. بۇ كېلەچەك ئەۋلادقا ئىنتايىن كېرەك».

ئۇ يەنە ئاۋاكرى شەمسىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ ساۋاق ۋە تەجرىبە ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بايسېيىت يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشى غىلاجدىن ئوسمانوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاۋاكرى شەمسىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ياركەند. ئوقۇشلارغا بېرىپ، ئىشلەپ، كېيىن ‹خەلق دۈشمىنى› دېگەن ئاتاق بىلەن سوتلىنىپ، سۈرگۈن قىلىندى. سۈرگۈندىن قايتىپ، يەنە ئۆز ئىجادىيىتىنى بايسېيىت يېزىسىدا 50-يىللىرى باشلىدى. ئۇنىڭ 80 ياشلىقىنى مۇشۇ بايسېيىتتا ياشاۋاتقاندا ئالمۇتادىن رەسساملار جەمئىيىتى بىرلىشىپ، ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئاۋاكرى شەمسى ئىجادىدا سادىر پالۋان، غېنى باتۇر، رىزۋانگۈل، نوزۇگۇم، ئانايەتكە ئوخشاش خەلقىمىزدىن چىققان باتۇر-قەھرىمانلار ئورۇن ئالغان. ئومۇمەن ئاۋاكرى شەمسى ناھايىتى تالانتلىق، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چىققان تۇنجى ئۇيغۇر رەسسامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرىدا ھەر تۈرلۈك سىياسىي چۈشەنچىلەر ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇنىڭ سىياسىي تەرىپىنى تېخى ھېچ كىم تولۇق ئېچىپ بولغىنى يوق. ئۇ كىشى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ، ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز».

قازاقىستاننىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئۆتكەن رەسسام ئاۋاكرى شەمسىگە بېغىشلانغان «مەڭگۈلۈك ھايات» ياش رەسساملار كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل 25-مارت.

غىلاجدىن ئوسمانوف مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغان ئەخمەتجان ئەھەتكە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇشۇ يىلى فېۋرالدا رەسسامنىڭ تەۋەللۇتىغا بېغىشلاپ ۋالىبول بويىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، كېلەچەكتە يەنە رەسساملىق بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاۋاكرى شەمسى 1903-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەند شەھىرىدە كەمبەغەل-دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا قىزىققان. ياش ۋاقىتلىرىدا رەسساملار كۇلۇبلىرىنى باشقۇرغان ۋە قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان مەشھۇر رەسسام ئەبىلخان قاستېيېف بىلەن يېقىندىن تونۇشقان ھەم ھەمكارلاشقان. ئۇ، رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى كونسېرۋاتورىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. كېيىنكى يىللاردا ياركەند شەھىرىدىكى زەرۋات مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلىپ، 1936-يىلى ئالمۇتادا قازاقىستان مەركىزىي ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ بىناسىدا ئۆز ئەمگەكلىرىنىڭ چوڭ كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ، 1934-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى رەسساملار ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنغان. رەسسام 1987-يىلى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.