غۇلجادىكى داڭلىق ساخاۋەتچى بايلاردىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.19
shwetsiyide-uyghur-osmur-putbol.JPG شۋېتسىيىدە خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار. 2012-يىلى ئىيۇل.
RFA/Shohret Hoshur

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ بۇرۇن ئىگىلىك تىكلىگەن، كۆپ ساندا كىشىلەرنى تىجارەت يولىغا باشلىغان ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتىم-يېسىر ھەم ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىلاپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر سودىگەرلەردىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى، سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ قايسى تۈرمە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان. خادىملاردىن بەزىلىرى بۇ ئىككى مەشھۇر ساخاۋەتچى سودىگەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سادىقجان ۋە ساقىھاجى 2000 ‏-يىللارنىڭ بېشىدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا «سادىقجان-ساقىھاجى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى» نامىدا مەكتەپ سالغان. مەكتەپ كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق بىلەن ئوقۇتۇشتىن باشقا، 30-40 چە ئوقۇتقۇچىنى ئىش بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2012‏-يىلى شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىدە 80 نەچچە كوماندا بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ توربېتىدە خىتايغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن بۇ نەتىجە ھەققىدىكى خەۋەر ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ. ئەمما مەزكۇر «ئۈمىد مەكتىپى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى سادىقجان ۋە ساقىھاجىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى بارلىق خەۋەرلەر خىتايچە تورلاردىن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىنىڭ غۇلجادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ تۇتقۇن ھەققىدە يېقىن تونۇش-بىلىشلىرىگىمۇ مەلۇمات بېرەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ئىنكاستا، غۇلجادا لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەسىرى بار كىشىلەرنىڭ غۇلجا شەھىرى ئىلى دەريا يولى بويىدىكى ياماچاڭ يەنى كەندىر زاۋۇتى يېنىدىكى لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى سادىقجان ۋە ساقىھاجى ھەققىدە ئىلى دەريا يولى ساقچىخانىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ ساقچىخانا خادىمى ئىلى ئوبلاستلىق ساقچىنىڭلا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ خىتايچە «جيەنزى جياۋپېي جوڭشىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر لاگېردا ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. مەزكۇر ساقچىدىن «بىرىنچى نومۇرلۇقلارنى تەربىيەلەش مەركىزى» مەنىسىدىكى بۇ لاگېرنىڭ ئورنىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ لاگېرنىڭ نەق ئىنكاستا دېيىلگەندەك، ياماچاڭ، يەنى كەندىر زاۋۇتى يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىكى «ئۇيغۇر رايوندىكى ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھىبلىرى» تىزىملىكىدە غۇلجا شەھىرىدىكى 47 شىركەت ۋە ئۇنىڭ ساھىبىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 4 نەپىرىلا ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلار «بەخت يار ئۆي مۈلۈك شىركىتى» نىڭ ساھىبى سادىقجان ساۋۇت، «گۆھەر زېمىن ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ ساھىبى ئابلىمىت قادىر، «پەرۋاز ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ ساھىبى ئەنۋەر تۇرسۇن، «سىنان ئۆي-مۈلك شىركىتى» نىڭ ساھىبى باتۇر ئەخمەت قاتارلىقلاردۇر. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا غۇلجا شەھىرىدىكى مۇقىم نوپۇسنىڭ 557 مىڭ 760 ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 47.4% نىڭ ئۇيغۇر، 36.6% نىڭ خىتاي ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، نوپۇستا 47.4% نى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ساھىبلىرى ئىچىدە 10% نى ئىگىلىيەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، رايوندىكى سىياسىي بوران چاپقۇنلاردا ھۇجۇم نىشانىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.