ئەنگلىيەدىكى ساياھەت شىركەت خادىمىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى قوللىشى قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى
2025.01.09
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىگە خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەدىكى «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىدىن ساياھەت تەشكىللىگۈچى ۋە ساياھەت رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 80 كىشىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلغان. ئەنگلىيەدىكى «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» (FOSC) ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ساياھىتى توغرۇلۇق لوندوندا دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلىغان. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە ئانالىزچىلار يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
غەربتىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ رايونغا تەكلىپ قىلىنغان يۈزلەرچە ساياھەت تەشكىللىگۈچى ۋە ساياھەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە ساياھەت شىركەتلىرىدىن خادىملارمۇ بولغان. ئەنگلىيەدىكى خىتاينى قوللايدىغان «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ «شىنجاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى دوكلاتى: «يېڭىلىق يارىتىش ۋە كۆپ خىللىقنىڭ بىرىنچى قولدىن بايانى» ماۋزۇلۇق بولۇپ، ئۇلار تەشكىللىگەن بۇ سۆھبەت يىغىنىدا بىر خادىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «كۆپ خىللىقى» ۋە «گۈللىنىش» نى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن. بۇ سۆھبەت يىغىنى «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» تەرىپىدىن يۇتۇبقا قۇيۇلغان.
ئەنگلىيەدىكى چوڭ ساياھەت شىركىتىنىڭ ساياھەت تەشكىللىگۈچىسى ۋە «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن دەيۋىد پىت (David Peat) ياۋروپادىكى يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 80 ساياھەت ۋاكالەتچىسى بىلەن بىللە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە «تونۇشۇش ساياھىتى» گە تەكلىپ قىلىنغان. بۇلاردىن سەككىز كىشى ئەنگلىيەدىن قاتناشقان. دەيۋىد پىت ئۇ پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، بۇ خىل ساياھەتنىڭ ساياھەت تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ «تېتىپ بېقىش، سىناش ۋە ئۇيغۇر رايونىغا تەتىلگە بېرىشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەرگە قايسى يەرلەرنى كۆرۈش ۋە قايسى مەھسۇلاتلارنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىش» پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ «ئازدۇر-كۆپتۇر ياۋروپادىكى ھەرقانداق شەھەرگە ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ل «سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى» تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە دەيۋىد پىتنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلىنغان. سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرى گۇرۇپپىسى ئەنگلىيەدىكى بىر مەكتەپتە دوكلات بەرگەن. بۇنىڭغا بىر كىچىك ئەسلىھە، يەنى تەشكىلات ساھىبخانىلىق قىلغان. ئۇ ئەنگلىيەدىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولمىغان بىر گۇرۇپپىدەك قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇتەخەسسىس ئەمەس. بۇلار ھەقىقىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان. ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىكى ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ياكى سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىدىن كەلگەن. شۇڭا ئۇلار بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بۇ گۇرۇپپىلار خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېيىش ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن بۇ ئىشقا قوبۇل قىلىنغان. خىتاي ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا، ئۆزىنىڭ سۇپىلىرىنىڭ چەت ئەللەردە پاش بولۇشى ياكى ئىشەنمەسلىكى سەۋەبىدىن، چەت ئەللىكلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا بۇ رايوننىڭ ياسالغان يۈزىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن خىتاي ئۈچۈن ئىجابىي دوكلاتلارنى بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. خىتاي دۆلىتى دېمەكچى بولغانلىرىنى ئۆزلىرى دېمەي بۇ ۋاكالەتچىلەر، يەنى سوتسىيالىستىك خىتاينىڭ دوستلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇلار ئارقىلىق دەيدۇ. بۇ شەخسلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيەۋى مەيدانى سەۋەبىدىن بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى بار. راستىنى ئېيتساق، بۇ يەردە بېرىلگەن دوكلات بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىدا ئوخشاشلىق بار».
ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلارنىڭ ئۆزىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن قۇرۇغان ‹پوتېمكىن كەنتىنى› (Potemkin village) نى ئەسلىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ساياھەتچىلەرگە ھەقىقىي يەرلەرنى ئەمەس، ئۆزگەرتىلگەن ساختا يەرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ماڭا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ‹پوتېمكىن كەنتى› (Potemkin village) نى ئەسلىتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ساختا كەنتلەرنى قۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرگە ئۇ يەردە ھەممە ئىشنىڭ نورمال ۋە ياخشى ئىكەنلىكى سۆزلىگەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا باھا بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىكنىڭ قەرز مەسىلىسى ھەل قىلىپ يەرلىكتىن كەلگەن بېسىمنى ئازايتىش ۋە خامچوتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا ھەممە ئىشنىڭ جايىدا، نورمال ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بۇنى قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە خىتاي تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ‹ئەرزان باھالىق ئەخمەق› لەردۇر».
دەيۋىد پىت يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى ۋە مەسچىتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىناقلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىراسلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ماختىغان. ھالبۇكى، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، مىڭلىغان مەسچىت ۋە باشقا دىنىي سورۇنلار يوق قىلىنغان ياكى بۇزۇلغان. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى (ASPI) ئېلان قىلغان 2020-يىللىق دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 16 مىڭ مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ پائالىيەتتە دەيۋىد پىت بۇ دوكلاتلارنى غەربنىڭ ساختىلىقى دەپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ «شىنجاڭغا قارىتىلغان تەشۋىقات ۋە جازا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر قىسمى» دېگەن. ئۇ يەنە: «بۇ بىر قالتىس ئىش. بۇ بەك كۆڭۈللۈك. سىز شىنجاڭنى زىيارەت قىلىڭ ۋە ئۇ يەردە بەرپا قىلىنغان ھاياتنى كۆرۈڭ» دېگەن.
ئۇ سەلبىي ئۇچۇرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكانىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرمىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ، مائارىپچى دوكتور فىلىس ۋوكاب خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دەيۋىد پىتنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇ (دەيۋىد پىت) بەرگەن دوكلاتىدا، يېقىنقى 50 ياكى 60 يىلىدا شىنجاڭدا خىتاي نوپۇسىنىڭ غايەت زور كۆپىيىشىنى تىلغا ئېلىشقا سەل قارىغان. دېمەكچىمەنكى، خىتايلار خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىغان يېڭى كۆچمەنلەر پىروگراممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ رايونغا غايەت زور ساندا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ شىنجاڭغا 2000 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلغان. ئەلۋەتتە، بۇنى خىتاي مەنبەلىرىدە شۇنداق دەيدۇ. مەن سەككىز يىل ئىلگىرى (2018-يىلى) شىنجاڭدا يەنى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋاقتىمدا، كامېرا ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەممە يەردە بار ئىدى. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. شەھەرلەردىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى بار ئىدى. جەنۇبىي يىپەك يولىدىكى بەزى كىچىك شەھەرلەردە ئايلىنىپ يۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. مەن ئۇ يەرلەردە مەسچىتنى زىيارەت قىلاي دېگىنىمدە مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىكىدە قۇلۇپ بار ئىدى. مەسىلەن، مەن قەشقەردىكى چوڭ مەسچىت (ھېيتگاھ جامى) نى زىيارەت قىلغىنىمدا، مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن ھەق ئالدى. ئۇ بىر مۇزېي ئىدى. يەنى مەسچىتنى مۇزېيغا ئايلاندۇرغانىدى. مەن 2018-يىلى بارغاندا مەن مەسچىتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تاقالغانلىقىنى بايقىدىم. 1987-يىلى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى يارىتىشقا ئورۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ يەردە ۋەھشىيلىك قىلماقتا. ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۆزىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ رايونغا ساياھەت تەشكىللەۋاتىدۇ. بۇ ساياھەتنى تەشكىللىگەنلەر شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتىدۇ. بۇ دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايىتىدۇر».