تەتقىقاتچى سانىيە ئىمىن: «تەسۋىرىي سەنئەت بىزنىڭ قارشىلىقىمىز ۋە قەيسەرلىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇسۇلدۇر»
2024.11.20

ئامېرىكادا تۇغۇلغان ۋە بالىلىق چاغلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن سانىيە ئىمىن، يېقىندىن بۇيان كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ياش ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ۋە زامانىۋى ئىجادىيەتتە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى سانىيە ئىمىن، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىجادىي ئەمگەكلىرى» ناملىق ماقالىسىدە تەپسىلىي شەرھلىگەن. ئۇ، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئالمۇتا ۋە تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالى، گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى، شۇنىڭدەك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل سەنئەت لايىھە ئىجادىيىتى تۈرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۇ ئوخشىمىغان جۇغراپىيە ۋە دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت تېمىلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
سانىيە ئىمىن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىر ۋە قاراشلىرىنى يېقىندا مەركىزى ياۋروپادىكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى يىراقتىن ئېتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈش» پىروگراممىسى (remote-xuar.com) تورىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىجادىي ئەمگەكلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە نۇقتىلىق بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ئارقىلىق ئانا ۋەتىنىگە تۇتاشقان ھېس-تۇيغۇلىرى، ئەسلىمە ۋە سېغىنىشلىرى، ئۇيغۇر كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقا مىللىي مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى بىلەن سىياسىي مەيدانىنى قانداق شەكىل ۋە ئۇسلۇبتا ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلغان.
بېلگىيە ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان سانىيە ئىمىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بەدئىي ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇساپىرەتتىكى كۆپ قىرلىق ھايات بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى:
«مەن 2016-يىلىدىن باشلاپ، ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۆي-ئائىلە ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسىنى قانداق پەيدا قىلىدىغانلىقى؛ مۇساپىرلىقتا يېڭى ئۆي-ماكان قۇرۇش، ئانا يۇرت سېغىنچىنىڭ مۇساپىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يېڭى ئۆي-ماكانى بىلەن بولغان باغلىنىشى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە، ، يەنى ۋەتەندە كىشىلەر توپ-توپى بىلەن غايىب بولۇشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن ۋەزىيەتمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغاپ، تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشىمنى بۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشۈمگە سەۋەب بولدى. مەن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ ساقلىنىشى، داۋاملىشىشى، قوغدىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي كىرىزىسقا قانداق ماسلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى تولىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. يەنى مەن سەنئەتنىڭ بۇ نۇقتىنى نامايان قىلىشتىكى بىر ئالاھىدە يولى بولالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم، دەپ قارايمەن.»
سانىيە ئىمىن 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئالمۇتا، تاشكەنت ۋە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى فىلىم فېستىۋالى ھەمدە گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشقان. ئۇ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئوتتۇرىسىدىكى ياش پەرقى، مۇساپىرلىق ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، شۇنىڭدەك ۋەتەن ھەققىدىكى ئەسلىمە-خاتىرىلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۇلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
سانىيە ئىمىن بۇ ھەقتىكى ئىنچىكە كۆزىتىشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن يىلى ئالمۇتادا جانا-سېكارا فىلىم فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى، ئەمما فېستىۋال باشلىنىشقا بىر نەچچە كۈن قالغاندا فېستىۋالنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ فېستىۋالنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىقى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىدى. ھالبۇكى، ئىككىنچى قېتىملىقى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىكار قىلىندى. دېمەكچىمەنكى، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ بۇ فېستىۋالنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ فېستىۋالغا قويۇلىدىغان ئەسەرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىغا قانداق ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلار ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان ئىدى. بەختكە قارشى فېستىۋال بىكار قىلىندى. ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغىنىدەك ئالمۇتادىكى يەرلىك تاماشىبىنلار بىلەن ئالاقە قىلالمىدى، ئەمما بۇ فېستىۋالنى توردا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ ھەم دۇنياۋى تاماشىبىنلارغا ئېرىشتى.»
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش، شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئالدامچىلىقى ئېلىپ بېرىشقا، ھەتتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلارنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولدى.
بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىممۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت-سەنئىتى زور خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەت ئىكەن.
مەرۋايىت ھاپىز خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتى ۋە سەنئەت ئىجادىيىتى جەريانىدىكى مول تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدىغانلىقىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
سانىيە ئىمىن چېگرا ھالقىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە ئۇيغۇر خەلقى كوللېكتىپ دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرىنى ۋە جاراھەتلىرىنى تۈرلۈك شەكىل ھەم ئۇسلۇبلاردا ئىپادە قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، تەسۋىرىي سەنئەت بىزنىڭ قارشىلىقىمىز ۋە قەيسەرلىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇسۇلدۇر. دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ ھايات تەسىراتلىرىمىز بىز كۆرگەن مەدەنىيەت، كىملىك ۋە ماكان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ئامىللار ئاسانلا كونترول قىلىنىدۇ. بىز ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە جىددىي تۈردە ساياھەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن، ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بىزنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا، ھەتتا تارىخىمىزدىكى پارلاق مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن بىزنىڭ تارىخىمىزنى قايتا يېزىپ، ئۇنى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ پايدىسىغا ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقىنى بىزنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تارىخىمىز ۋە رېئاللىقىمىز بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، دەل مۇشۇلار سەنئەتكارلىرىمىز ۋە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ساداسىنى نامايان قىلىدىغان زېمىنى بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى سەنئەتكارلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئۆتمۈشنى ھازىرقى زامانغا ئېلىپ كىرىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ھازىرقى سىياسىي رېئاللىقنى سەنئەتنىڭ ھەر خىل ئىجادىي تۈرلىرى ئىچىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەلگۈسىمىزدىن بېشارەت بېرىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ بار.»
سانىيە ئىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتىدا ئوبيېكتلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىدىكى سىمۋوللۇق ئەھمىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرغان. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر بارلىق ئېلېمېنتلار، يەنى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر، چالغۇ ئەسۋابلار، توقۇلما بۇيۇملار، ھەتتا ياغاچ قوشۇق ياكى قاپاققا ئوخشاش ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك مەدەنىيەت سىگنالىغا ئىگە ئوبيېكتلار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كىملىكىنى خاتىرىلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ كونكرېت ۋاسىتىسى بولالايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئابىستىراكىت ياكى ئاشكارا شەكىلدىكى ئوبيېكتلار بولسۇن، تەسۋىرىي سەنئەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىجادىي ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇر كىملىكىنى ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.