ئەنگىلىيەدىكى «SOAS يىپەك يولى كوللېكتىپى» سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.11.29
ئەنگىلىيەدىكى «SOAS يىپەك يولى كوللېكتىپى» سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا «سواس يىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ كونسېرتىدا مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، تالانتلىق ناخشىچى رەھىمە ماخمۇت خانىم «گۈلشەندىكى نىدا» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىماقتا. 2021-يىلى 27-نويابىر، لوندون.
Photo: RFA

لوندوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان داڭلىق قەدىمى چېركاۋ-سانت-بارتولومېۋ چېركاۋىدا 27-نويابىر شەنبە ئاخشىمى دۇتار، راۋاب، غىجەك، داپلار بىلەن ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك كلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرى كونسېرتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

مەزكۇر كونسېرتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا «گۇد فەيت پرودۇكتىونس»، «تارىم تورى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئەنگلىيىلىك داڭلىق مۇزىكانت ۋە پائالىيەتچى ۋېنستون مارشال قاتارلىق شەخسلەر ئاساسلىق رول ئوينىغان. ۋېنستون ئەپەندى كونسېرتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، 898 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمى بۇ چېركاۋدا مەزكۇر كونسېرتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ مىليولىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان بۇ قىيىن مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كونسېرتنىڭ كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يۇقۇم داۋاملىشىۋاتقان 2 يىلدىن بۇيان لوندوندا تۇنجى نەق مەيدان كونسېرتنى بەرگەن «SOASيىپەك يولى كوللېكتىپى»، بۇ كونسېرتنىڭ مۇقەددىمىسىنى مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، تالانتلىق ناخشىچى رەھىمە ماخمۇتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «گۈلشەندىكى نىدا» ناملىق ناخشا بىلەن باشلىغان.

تاماشابىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا ئەگىشىپ، رەھىمە خانىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى، بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سېغىنىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان سېغىنىش ئازابى ۋە ۋەتەن يۇرت سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۆز ئائىلىسىگە بولغان چوڭقۇر قايغۇ-ھەسرىتىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىپ، بۇ ناخشىسى تاللىغانلىقىنى تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ كونسېرتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنىۋىي جەھەتتىن ئىلھام بېغىشلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە تاماشابىنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشىنى ۋە ئۇلارنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كونسېرت جەريانىدا رەھىمە خانىم تاماشىبىنلارغا ئۆزى بىلەن تەڭ سەھنىدە مۇزىكا ئورۇندىغۇچى سەنئەتكارلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تەتقىق قىلغۇچى دوكتور راچېل ھاررىس خانىم دۇتتار بىلەن، ئۆزبېكستانلىق سەنئەتكارلاردىن ئابباس قاسىموۋ داپ بىلەن، ئىماگون فائۇس غىجەك بىلەن، سەردار مىرزاخوجايېۋ راۋاپ بىلەن، باشقا سەنئەتكارلار تۈرلۈك چالغۇلار بىلەن سەھنىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇلار رەھىمە ماخمۇت خانىم ئېيتقان «يارۇ»، «تارىم ناخشىسى»، «ئاي بىلەن كۈن يار ساڭا»، شۇنداقلا ناۋا مۇقامىنىڭ جۇلاسى قاتارلىق ئۇيغۇر ناخشىلىرىغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ مۇزىكا تەڭكەش قىلغان.

كونسېرت داۋامىدا يەنە ھەر بىر سازچى ئايرىم-ئايرىم ماھارەت كۆرسىتىپ، تاماشابىنلارنىڭ ھاياجانلىق ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەن.

كونسېرت ئاخىرىدا رەھىمە خانىم كۇچا خەلق ناخشىسى «گۈليارىخان» نى ئورۇندىغاندا، نەق مەيداندىكى تاماشابىنلار ھاياجان بىلەن بەس-بەستە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن. تاماشابىنلار سەنئەتكارلارغا گۈل دەستىلەر سۇنغاندىن باشقا يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ۋە ئۆزگىچە بىر كېچىلىكتىن بەھر ئالغانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ھەيران قېلىشقانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.

كونسېرتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك كلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مۇزىكا ۋە مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ئەھۋالىنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئاخىرىدا «SOASيىپەك يولى كوللېكتىپى» نىڭ سەنئەتكارلىرى گەرچە يۇقۇم سەۋەبلىك ئىككى يىلدىن بۇيان سەھنىلەرگە چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق مەشق ۋە رېپىتىسلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.