«بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرلىرى توپلىمى» ناملىق كىتاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.07.16
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز شېئىرىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىر ۋە دوكتور پەرھات تۇرسۇن.
Photo: RFA

31 نەپەر ئۇيغۇر شائىرىنىڭ 125 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن «بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى» يېقىندا تۈركىيە پارادىگما ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشىر قىلىنغان.

مەزكۇر توپلام دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى تۈركچە شېئىرلار توپلىمى ئىكەن.

مەزكۇر توپلامغا ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان شېئىرى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر توپلامغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىرلاردىن ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن، شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ، ئادىل تۇنىياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىي قاتارلىق شائىرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە سولانغانلىقى مەلۇم.

«بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرلىرى توپلىمى» نىڭ كىرىش سۆزىنى يازغان ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ كىتابنىڭ ياش شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭقۇر كىرزىس تۇيغۇسىنى، روھىي ھالىتىنى، ئىچكى دۇنياسىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرلىرى توپلىمى» ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىل تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار ئالىمجان مەتقاسىم، ئەركان قادىر، ئەنۋەر ھامىت ۋە مەھزۇن قاتارلىق ئەدەبىي تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.

شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئالىمجان مەتقاسىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر كىتابنىڭ تەرجىمە قىلىنىش ۋە تۈزۈلۈش جەريانى ھەققىدە ئاڭلىغۇچىلارغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئىلىم ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر كىتاب ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2018-يىلى قۇرۇلغاندىن بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.