ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى مايوركاس، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرى مەسىلىسىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.10
Alejandro-Mayorkas-AP ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-ئىيۇن، ۋاشىنگتون
AP

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) 9-ئىيۇل ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق بىر ئاقىللار ئامبىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يېڭى فىرونتى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مايوركاسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئېكسپلاتاتسىيە جىنايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا شەخسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بولۇپ، شۇڭا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئېكسپلاتاتسىيە جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى شەخسلەرنى مەركىزى نۇقتا قىلىش يولىنى تۇتماقتىكەن.

ئالىخاندرو مايوركاس 9-ئىيۇل ۋاشىنگتوننى بازا قىلغان «خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» ئاقىللار ئامبىرىدا ئېلان قىلغان سۆھبەتتە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 2022-يىلىدىن بۇيان ئېرىشكەن ئۇتۇقلار ۋە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغان.

مايوركاس، ئېكسپلاتاتسىيە جىنايىتىنىڭ شەخسكە بولغان تەسىرى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شەخسنىڭ بۇ يەردىكى مەركىزى ئامىل ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى قولايلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. مايوركاس مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مەسىلىسىدە، ئەگەر بىرەرسى مېنى چەتكە تارتىپ سورىسا، مەن بۇ جامائەتچىلىكتىكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتالايمەن» دېگەن. لېكىن مايوركاس سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ كونكرېت قانداق قولايلاشتۇرۇلغانلىقىغا ئائىت تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن.

مايوركاسنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىككى يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى خىرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىنگەن.

مايوركاس مۇنداق دەيدۇ: «سۆزنى بىز دۇچ كەلگەن رىقابەتتىن باشلىسام، ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق بەزى ھاللاردا يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئېنىقلاشتا دۇچ كېلىدىغان مۇھىم رىقابەتتۇر. يەنە بىر مۇھىم رىقابەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بىلەن قانۇنلۇق سودا ياكى قانۇنلۇق مال يۆتكەشنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش، ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقتۇر. »

لېكىن مايوركاس، يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار بۇ ئىككى يىلدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق قىممىتى 3. 4 مىليارت دوللارلىق 9 مىڭ مال يوللانمىسىنى توختىتىپ قويغان، 68 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە كارخانىلار بىلەن كەڭ شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن.

مايوركاس مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم، ئىككى يىل ئۇزۇندەك بىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن يېڭى بىر قانۇننى چىقىرىش، ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىككى يىل ناھايىتى ئازلىق قىلىدۇ. بىز ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلدۇق. »

مايوركاس، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ قانۇننىڭ مەركىزىدە ئىنسانلار چېكىۋاتقان ئىزتىراپنىڭ ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايوركاسنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن پولىسىلىكون تەمىنلەش زەنجىرى كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ھالبۇكى، «شەرقىي ئاسىيا مۇنبىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى خىتايدا، دۇنيادىكى پولىسىلىكوننىڭ تەخمىنەن 35 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىكەن.

مايوركاس «خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» دىكى سۆھبەتتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» سەۋەبلىك خەلقئارا پولىسىلىكون تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مايوركاس مۇنداق دەيدۇ: «كۈنتاختىغا ئىشلىتىلىدىغان پولىسىلىكوننى ئالساق، پولىسىلىكون تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت كۈنتاختىغا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا تايىنىشتىن زور كۆلەمدە يىراقلىشىۋاتقانلىقى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ جايدىن باشقا جايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى 2026-يىلىغا بارغاندا شىمالىي ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ كۈنتاختا دەرىجىلىك پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشى 200 پىرسەنتكىچە ئېشىشى مۇمكىن. »

مايوركاس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلماقتا. «خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» دىكى يىغىنغا قاتناشقان «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر قارا تىزىملىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەلفىدارنىڭ 9-ئىيۇل مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى پەقەت ئەمگەك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

 «خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» دىكى بۇ قېتىملىق سۆھبەت، ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىۋاتقانلىقى ۋە سىستېمىلىشىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا داۋاملىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا قارا تىزىملىكنى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ ئاليۇمىن، ئاياق كىيىم-كېچەك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى بەزى كارخانىلىرىنى تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.