ئۇيغۇر سوتى ئۈچۈن گۇۋاھچىلار لوندونغا جەم بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.06.01
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»
Uyghur Tribunal

لوندونغا جەم بولغان گۇۋاھچىلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4-ئىيۇن باشلىنىدىغان سوتى ئۈچۈن جىددىي ھازىرلىق قىلماقتا.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4-ئىيۇن باشلىنىدىغان سوتى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىغان گۇۋاھچىلار 27-ماي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ لوندونغا جەم بولغان ۋە نۆۋەتتە كورۇنا ۋىرۇسى سىنىقى مەزگىلىنى باشتىن كۆچۈرمەكتە ئىكەن.

مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىمقى تۇنجى سوتى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن، 1-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى لوندوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سوتنىڭ ياخشى بىر نەتىجە بىلەن خۇلاسىلىنىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىممۇ لوندونغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا سوتتا بىگۇناھ تۇرۇپ ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە يولدىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئائىلىسىدىن قامالغان 24 كىشى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى سوتنى ئۇزۇندىن بۇيان جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى توغرىلىق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن مەركىزى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەست´ئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ لوندونغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر سوت ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەر سەرپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان توپلاپ كەلگەن جازا لاگېرلىرىغا ئا´ئىت ماتېرىياللىرىنى گۇۋاھلىق سۈپىتىدە سوتتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتى 25-ماي كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە گۇۋاھچىلارغا بۇ سوتقا قاتناشماسلىق ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كەلگەن. لوندونغا يېتىپ بارغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاينىڭ تۈرلۈك ھۇجۇملىرى ۋە تەھدىتلىرىگە قارىماي سوتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.