خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇيغۇر سوتىغا قارشى بايانات بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-09-14
Share
خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئۇيغۇر سوتىغا قارشى بايانات بەرگەن خىتاينىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ھازىرقى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا. 2019-يىلى 13-دېكابىر، بېيجىڭ.
REUTERS

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 13-سېنتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ۋەزىپىسى تېخى ئاياغلاشمىغان. بىرىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 6-ئايدا ئېچىلغاندىلا ئولتۇرالماي قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ سوتنى ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى ۋە ئەيىبلەشلىرىنى توختاتماي كەلگەنىدى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تور بېتىدە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زىگۇاڭنىڭ ئۇيغۇر سوتىنى ئەيىبلەب بەرگەن بايانلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى ئېلان قىلىنغان. 10-سېنتەبىر كۈنى، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەخسۇس ئۇيغۇر سوتى توغرۇلۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي بۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن باشقا يەنە BBC، رۇيترېس ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغانىدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ ئەنگلىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىنى ئەيىبلىگەن، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ بۇنى تېخىمۇ قوللاپ، «شۈ گۇيشياڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر سوتىنىڭ ماھىيىتىنى پاكىت ۋە قانۇن جەھەتتىن ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇ پەقەت خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويناپ چىققان بىر مەيدان ئويۇن» دېگەنىدى.

خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جېڭ زېگۇاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسى» نىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختىگە ھېچكىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدەك كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت ۋە دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنى» دەپ ئاقلىغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى نوپۇس كۆپىيىشىنى مىسال كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان.

ئۇ ئەنگلىيەدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر سوتىنى ئەيىبلەپ: «ئاتالمىش ئۇيغۇر سوتى ماھىيەتتە خىتاينى قارىلاشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ئويۇن، بۇ سوت خىتايغا قارشى كۈچلەر ياردەم قىلغان ھۆكۈمەتسىز ئورگان، ئۇ يالغان، ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇن ئاساسى ياكى تەسىر كۈچى يوق. سوتتا كۆرسىتىلگەن ئاتالمىش ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلار. ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئۇزۇن يىل خىتايغا تۆھمەت قىلىش ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەر. بۇ سوتنى تەشكىللىگۈچىلەر ئاتالمىش گۇۋاھچىلارنى، يالغاندىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇۋالغان ئارتىسلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ ئويۇن قويدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى خىتاينى قارىلاش، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش، خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش. بىز بۇ يامان غەرەزلىك قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئەيلەيمىز».

لۇك ئەپەندى خىتاي ئەلچىسىنىڭ بۇ ئەيبىلەشلىرىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر سوتىنى ئەيىبلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار كۈچىنىڭ بارىچە بۇ سوتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشى ئەجەبلىنىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى نومۇسلۇق بىر ئىش، قورقۇنچلۇق خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى نورمال ئىش».

جېڭ زېگۇاڭ يەنە «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسى» مۇخبىرىنىڭ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سوتىنى قوللامدۇ؟ ئەگەر قوللاپ قالسا بۇ سوتتىن كېيىن خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر جازا يۈرگۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ سوت يالغان سوت، خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. بۇ سوتنىڭ ھېچقانداق تەرەققىياتى بولمايدۇ، چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ؛ خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىزگە بۇ سوتنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سوت بىر ھۆكۈمەتسىز ئورگان، ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنى نوپۇزى يوق. لېكىن مەسىلە شۇكى، سىز بۇ ئادەملەرنىڭ خىتاي توغرۇلۇق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشىغا يول قويماسلىقىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاي-ئەنگىلىيە خەلقى ئارىسىدىكى ئىشەنچ ۋە دوستلۇقنى بۇزىدۇ. ئەگەر ئەنگلىيە بۇ ئىش سەۋەبىدىن خىتايغا جازا يۈرگۈزسە خاتالىشىدۇ، ئۇلار خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئالدانماسلىقى كېرەك» دېگەن.

خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكىنىڭ كوردىناتورى لۇك دى پولفورد ئەپەندى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سوتى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە بۇ سوتقا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىمكانقەدەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇ ئىش تېخىمۇ كۆپ غەربلىك سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ باشقا تاللىشى يوق ئەھۋالدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمىتى بولۇپ قالدى».

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئادىل سوت مەيدانىدا پاش قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنىڭغا بولغان دىققىتىنى ھەر دائىم جانلىق تۇتۇپ تۇرىدىغان مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە خەتىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن. خىتاي بۇ ئۇيغۇر سوتىنى قانچە ئەيىبلىگەنچە، ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتكەن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا تېخىمۇ رەسۋالىشدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت