يېقىندا ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرى بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققەت مەركىزىدە بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىقلىرىمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق پائالىيەتچىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار پەقەت ئايرىم ھۆكۈمەتلىك ئەمەس ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغانىدى. شۇلارنىڭ بىرى «ۋلاست» تور-ژورنالىدا بېرىلگەن «ئېتنىكىلىق قازاقلار شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ تەقىبلىنىش پاكىتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان يىغىنلىرىدا سۆزلىدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئولگا لوگىنوۋا «ئازادلىق» رادىيوسى خەۋەرلىرىگە ۋە شۇ سوت ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغان. ئۇ مەزكۇر سوتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە ئۆز باھاسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان. ماقالىدا بولۇپمۇ قازاقىستاندىن لوندونغا بارغان باقىتالى نۇر، ئورىنبېك كۆكسىبېك ۋە ئېرباقىت ئوتاربايغا ئوخشاش قازاقلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا كۆرگەن زۇلۇملىرى ھەم شۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەھۋالى يورۇتۇلغان. بولۇپمۇ باقىتالى نۇرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتايغا قارىتا زور نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىىڭ رەھبىرى ئېربول دەۋلېتبېكۇلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن لوندون ئۇيغۇر سوتىدىن
قازاق قانداشلىرىمىزمۇ چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدىن زەرداب چەككەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، مەيلى مۇشۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 200 نەچچە كۈندىن بۇيان نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئانىلارمۇ، شۇ يەردىكى باشقا قانداشلىرىمىزمۇ خىتاينى سوتقا تارتسا، ئالدىمىزدىكى چوڭ سوتلارنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالسا، دەپ مۇشۇ سوتقا قاتتىق ئىشىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى لوندون سوتىغا سايراگۈل ساۋۇتباي، ئۆمىربېك بېكالى ئوخشاش قانداشلىرىمىز قاتناشقان بولسا، بۇ قېتىمدا تۆت قېرىندىشىمىز قاتناشتى. ھېلىمۇ خىتاي لاگېرلىرىدا بولۇپ كەلگەن قانداشلىرىمىز قازاقىستاندا ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي بېسىمى سەۋەبىدىن گۇۋاھلىققا چىقالمايۋاتىدۇ. بۇ سوت يەنە داۋام قىلىپ، كەلگۈسىدە كۆپلىگەن شاھىتلار قاتنىشىدۇ ۋە سوتتىن چوڭ نەتىجىلەر چىقىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ سوتتىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن بۇ شاھىتلارنىڭ ئۇتۇق-تۇغقانلىرىغا بولغان بېسىم يەنە داۋام قىلىدۇ. خىتاي بۇ بېسىمنى توختاتمايدۇ، تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئەمدى قازاقىستاندىكى مەتبۇئاتلاردا بۇ مەسىلە كۆتىرىلمەيدۇ. سەۋەبى قازاقىستان بىلەن خىتاي زىچ ئىقتىسادىي ئالاقىدە. شۇنىڭدەك قازاقىستان خىتايغا قارىتا بىرەر قارشىلىقمۇ بىلدۈرمىدى. بۇ مەسىلە پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يورۇتۇلماقتا».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مەسلىھەتچىسى، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رىزا سەمەدى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، بۇ سوتنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى خۇرسەن قىلىپ، ئۇنىڭ كېلەچىكىگە چوڭ ئۈمىد-ئىشەنچ بېغىشلىغانىكەن.
ئۇ خەلقئارا ئۇيغۇر سوتىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدىكى ئەھمىيىتى زور سوت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ سوتتا خىتاي باسقۇنچىلىرىنى، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيلىكلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى خەلقئارا قانۇن-قائىدە بويىچە سوتقا تارتتى. مانا بۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان ئارزۇ-ئارمىنى ئىدى. يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى، خىتاي ئىستىلاچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ بولمايدىغان ئەمەلىي دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى بولدى».
رىزا سەمەدى ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈشىنىڭ خىتاي مەستەملىكىچىلىرىنى ئالاقزادە قىلىپ، ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ يىلى لوندوندىكى ھەر ئىككى سوتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-پاكىتلارنىڭ يىغىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ سوت مەركىزىي ئاسىيادىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا، ئاڭلىق ئۇيغۇرلارغا زور تەسىر قىلدى. چۈنكى ئاساسىي خەلقىمىز يېزىلاردا تۇرغانلىقتىن ئىنتېرنېت مەسىلىسى بار، كۆپى تىڭشالمايدۇ، قارالمايدۇ. بۇ سوتنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرى پاش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بولدى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى گۇۋاھچىلار لاگېرلاردىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنى پاكىتلىق ئېيتىپ بەردى. بۇ سوتتا كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي دەلىل-پاكىتلىرى، دوكلاتلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. بۇمۇ ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلدى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردا مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بىر ئىشەنچ ھاسىل قىلدى».
قەھرىمان غوجامبەردى بۇ سوتتىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەي، داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىسىنىڭ باياناتلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئالمۇتا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش بولۇپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا گۇناھسىز ياتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتىكەن. بىز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بايبولات كۈنبولات بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بايبولات كۈنبولات ئەپەندى نامايىشقا چىقىۋاتقىنىغا بۈگۈن 220 كۈن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى 22 كۈننىڭ ئىچىدە ئۈزۈل-كېسىل شۇ يەردە يېتىپ، قونۇۋاتىمىز. كۈندۈز-تۈنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ياتىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى قازاقىستانغا قويۇپ بەرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمەيمىز دېگەن پرىنسىپتا. ئەمدى يېقىندا لوندوندا بولۇپ ئۆتكەن خەلقئارا ئۇيغۇر سوتىغا
بىز يۇقىرى دەرىجىدە باھا بېرىمىز. بۇ سوتنىڭ بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش بىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ سوت خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىز سوت پەيتىدە شۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىغا قاتناشقانىدۇق. بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ھۆرمەت. بۇ سوتنىڭ كېيىنكى نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ قاماقتىن بوشاپ، قازاقىستانغا كېلىشىگە بۇ سوتنىڭمۇ تەسىرى زور دەپ ھېسابلايمىز».
40ياشلىق بايبولات كۈنبولات ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2020-يىلدىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارغا پات-پات چىقىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىنىسىنىڭ ۋە باشقىمۇ قانداشلىرىنىڭ لاگېرلاردىن ئازاد قىلىنىشىنى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بايبولات كۈنبولات بىر نەچچە قېتىم يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، قامالغان ۋە ھەر خىل جەرىمانە پۇللىرى سېلىنغانىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى گۈلىستان ھەمرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان پاجىئەلەردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئاتقۇرۇۋاتقان ئىشلىرىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار دائىم خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ قېتىمدا لوندوندا بولۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئىككىنچى يىغىنى توغرىلىق خەۋەرلەر قازاقىستاندا ئۆتۈۋاتقان ھەر خىل پائالىيەتلەردە، يىغىلىشلاردا ئاھالىگە يەتكۈزۈلۈپ تۇردى. شۇنداقلا بۇ خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. لوندوندا بولغان بىرىنچى سوتنىڭ نەتىجىلىك تاماملىنىشى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ماددىي ياردەم كۆرسەتكەنلەرنىڭ، مەنىۋى قوللىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىيلار، دېھقانلار، تىجارەتچىلەر، ياشلار، ئومۇمەن مىللەتپەرۋەر شەخسلىرىمىز كۆپ بولدى. لوندون سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ كەلتۈرگەن پاكىتلىرى بىزنى قاتتىق تەۋرەتتى. پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنىڭدىن ئويغىنىپ، يېقىن ئارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئوخشاش تۈرك-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن».
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ھەر قانداق قانۇنسىز نامايىش قىلىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەنىي قىلىنغانىكەن. قانۇن بۇزغۇچىلار ھەر خىل مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا كېسىلىدۇ يا بولمىسا ئۇلارغا تۈرلۈك مىقداردا جەرىمانە پۇلى سېلىنىدىكەن. شۇڭا ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتىن مەھرۇم قالغان، ھەتتا رەسمىي شەكىلدە يىغىلىش قاتارلىق نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆتكۈزەلمەي كەلمەكتە. خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىشقا، ھەتتا تۈرمىلەرگە سولاشقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاشلا قازاقىستاندا جازاغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئاشكارا ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلالماي كەلمەكتە.