«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە چىقىرىدىغان قارارى كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-09-17
Share
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى رادىيومىزدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ
Photo: RFA

ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇن ۋە سېنتەبىردە جەمئىي 8 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنى 13-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلاشتى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش ئادۋوكاتلىرىدىن بىر بولغان ھامىد سابى ئەپەندى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىدىن خۇلاسە چىقاردى. ھامىد سابى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككى قېتىملىق مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى 70 دىن ئارتۇق گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغان. 30 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى 10 مىڭ سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 500 دىن ئارتۇق گۇۋاھچىنىڭ يازما گۇۋاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز مىڭ بەتلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرگەن.

ھامىد سابى ئەپەندى بۇ يىل ئىيۇن ۋە سېنتەبىردە جەمئىي 8 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىدا بېرىلگەن گۇۋاھلىقلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى مۇنداق يىغىنچاقلىدى: «بىزنىڭ توپلىغانلىرىمىز پەقەتلا ئىستاتىستىكا ئەمەس. سىلەرگە كۆرسىتەلىگىنىمىز پەقەت ‹مۇز تاغ› نىڭ كۆرۈنگەن قىسمى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى، جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان ئورۇن، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە بېرىپ ئىسپات توپلىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، كوللېگىيە ئېرىشەلىگەن چەكلىك مەنبە ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق كوللېگىيە ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئىككى قېتىملىق، 8 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىندا گۇۋاھچىلار ئايرودرومدىن، ئۆيىدىن، ھەتتا ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان يەردىن قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار يەنە لاگېرلاردا نورمىدىن جىق ئادەمنى بىر كىچىك ئۆيگە قامايدىغانلىقى، لاگېر شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، ئۇخلاتماسلىق، جىنسىي خورلاش ۋە توكقا چېتىش قاتارلىق ھەر خىل قىيناش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. لاگېردا ئۇلارغا دائىم ئېنىق بولمىغان دورا ئېچكۈزۈلگەن، ئوكۇل ئۇرۇلغان. لاگېر شاھىتلىرى يەنە ئاياللارنى نىشان قىلغان جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى. ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئەرلەر تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كادىرلار ھەققىدە نۇرغۇن ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئادۋوكات بېرىلمىگەن، سوت ئېچىلمىغان. ھېچبىر قانۇنىي تەرتىپكە چۈشۈرۈلمەي، ئۇدۇللا سولانغان. بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا بارلىق گۇۋاھلىقلىقلارنى يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا سىلەرنىڭ گۇۋاھچىلارنىڭ تور بېتىمىزگە قويۇلغان يازما گۇۋاھلىقىنى ۋە گۇۋاھلىقلرىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئېلىپ بارغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىنىڭ رىياسەتچىسى جېففىرىي نايىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» يۇقىرىدا ئېيتىلغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدىكەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ژۇرنالىست بەنېدكىت روجىرىس ئەپەندى «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ بېسىمىغا پىسەت قىلمىدى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «كوللېگىيەنىڭ ئاخىرىدا قانداق ھۆكۈم چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر يەنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىش ياكى بېكىتمەسىلىكىدىن قەتئىينەزەر، بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن قارىغاندا، ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بولدى.»

ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىغا نەق مەيداندىن قاتناشقان. ئۇ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنى ئاخىرلاشقاندا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىمقى گۇۋھلىق ئاڭلاش يېغىنىغا قاتناشتىم، يىغىن ناھايىتى قايىل قىلارلىق بولدى. بۇ قېتىمقىسىدا ئالدىنقى قېتىمقىسىغا سېلىشتۇرغاندا پاكىت كۆرسەتكەن گۇۋاھچىلار ئازراق، تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرگەنلەر كۆپرەك بولدى. بۇ كوللېگىيەنىڭ قارارى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مېنىڭچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى كۈچلۈكرەك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› تەرەپسىز، قانۇنغا، پاكىتقا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ئاڭلىنىشىغا، ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.»

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتا باشلىقى لىندساي ھويلې ۋە يۇقىرى پالاتا باشلىقى لورد ماك فال «خىتاينىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازالىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغىچە، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پارلامېنت بىناسىغا كىرىشىنى چەكلەش» نى تەلەپ قىلغان.

-26مارت كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى قوغداش تەرەپدارى بولغان ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زىياپەتكە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنىڭ قاتنىشىشىغا كەسكىن قارشىلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسىغا كىرىشى چەكلەنگەن.

بەنېدكىت روجىرىس ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا ئېلان قىلىشىنىڭ ۋە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ھەقىقەتنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ بىر بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە بېيجىڭنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يازغان خەتلىرىگە ۋە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يېغىنىغا ئادەم ئەۋەتىش تەكلىپىگە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قارارى ھەققىدە كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئىسپاتلار ئۆزى ‹سۆزلىسۇن›. ئەگەر ئىسپاتلار قانۇن بويىچە ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ياخشى، ئەگەر ئىسپاتلىيالمىسا ياكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئىسپاتلارنى يىتەرسىز دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا ھازىر بىز پەقەت ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ئىش بېجىرىش جەريانىغا ئىشىنىشىمىز ھەمدە ئاخىرىقى نەتىجىسىنى ساقلىشىمىز كېرەك.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت