«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ قارارى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.06.07
Geoffrey-Nice-jefferi-nayis.jpg كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس(Geoffrey Nice) ئەپەندى ئۆيىدىكى خىزمەت ئۈستىلىدە. 2020-يىلى 2-سېنتەبىر، ئەنگلىيە.
AP

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېفىرىي نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇن كۈنىگىچە ئىسپات ئاڭلاش ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ ساندا لاگېر شاھىتى ۋە بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. 4 كۈن داۋاملاشقان بۇ سوت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئامما ئارىسىدا زور خۇشاللىق ئىنكاسى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە بۇ سوتتىن چىققان قارار ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەن سوئال پەيدا بولدى؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇ سوتنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان تارىخىي بىر تەرەققىيات بولدى. شۇنداقلا چەتئەلدىكى داۋانىڭ مۇھىم بىر قەدىمى بولغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز بۇرۇن خىتاينىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى زۇلۇم سىياسىتى دەپ كەلگەن ئىدۇق، ئەمدى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيەلەيدىغان بولدۇق. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم سىياسىتى خەلقئارادا بىرقىسىم دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسەتچىلەرمۇ بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ زور پايدىسى بولىدۇ. بۇ دەۋانىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرىنى سوتلايدىغان يوللارمۇ ئېچىلىدۇ».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ سوتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئاساس سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىرى بۇ سوت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان بولىدۇ. دەۋانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان بولدى.»

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىن چىقىدىغان ھۆكۈمنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «لوندوندىكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› قىلىۋاتقان ئىسپات توپلاش پائالىيىتى، كۆپ ساندا كىشى بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى كېلەچەكتە خىتاي دۆلىتى ھېساب بېرىشكە توغرا كەلسە بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇلاردىن سىرت بۇ سوتنىڭ قارارى ئەگەر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ياكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىلسە باشقا دۆلەتلەرمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. تۈركىيە پارلامېنتى ياكى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ سوتتىن چىققان ھۆكۈمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بەزى قارارلارنى ماقۇللىسا بولىدۇ».

قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى، ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر بار، بۇلار خىتاينى تۈركىيەدە سوتقا بەرسە ياكى تۈركىيەدىمۇ بۇنداق بىر سوت قۇرۇلسا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن بىر دۆلەتنىڭ سوتىدا باشقا بىر دۆلەتنى سوتلاش مۇمكىن ئەمەس، خەلقئارا قانۇن بويىچە مۇشۇنداق. باشقا بىر دۆلەتنى سوتلاش ئۈچۈن چوقۇم خەلقئارالىق سوت بولۇشى كېرەك. سابىق يۇگوسلاۋىيەدە قۇرۇلغان سوت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلغان سوت ئىدى. تۈركىيەنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوتىدا خىتاينى سوتلىغىلى بولمايدۇ. ئۇنى سوتلاش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلغان سوت بولۇشى كېرەك. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارسا ئۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ بەزى قارارلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ».

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە؟ 7-ماي كۈنى گۇۋاھلىق بەرگەن نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىم 4 يىلدىن بۇيان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقىنى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىن كۈتكەن بىرىنچى ئۈمىدىنىڭ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن قويۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 4-چېسلا باشلىنىپ، 7-چېسلا ئاخىرلاشقان بولۇپ، كۆپ ساندا شاھىت ۋە مۇتەخەسسىس گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.