شاھىتلارنىڭ ئۇيغۇر سوتى توغرىسىدىكى تەسىراتلىرى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ لوندۇندا چاقىرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان شاھىدلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر سوت جەريانىدىكى تەسىراتلىرى ۋە باھالىرىنى بايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندا باشلانغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن 4-كۈنىگە قەدەم قويدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كېلىپ، مەزكۇر سوتتا شاھىدلىقتىن ئۆتكەن بىر قىسىم گۇۋاھچىلار بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە مەزكۇر سوتنىڭ تۇنجى ئەرزدارى ھېسابلانغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇ 4 كۈن داۋاملاشقان بۇ سوت ھەققىدە بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سوتنىڭ ئۆزلىرى كۈتكەندىنمۇ نەتىجىلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سوتنىڭ 1-كۈنى گۇۋاھچى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ تەسىرلىك بايانلىرىدىن كېيىن، لاگېر شاھىدى ئۆمەر بېكئالى گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختالغاندا، گەرچە گۇۋاھلىق ئىشلىرى ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھچىلار 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق سوتقا قاتنىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە، بۇ سوتتىن ياخشى نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن لاگېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ ھەقتە توختالغاندا، شاھىدلار ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ سوتتا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتچىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى بولسا گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ سوتتا تۈرلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن مەركىزى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر سوتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان مۇھىم بىر تارىخىي ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى ئۇزۇندىن بۇيان جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ سوتقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ياخشى باھالارنى بەردى. سوتقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ شۇ قەدەر قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماي تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سوتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.