يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ مەخپىي دوكلاتى: «‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن ئېلىشىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قېيىنلىقىنى چۈشەندۇق»

0:00 / 0:00

يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ھەققىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومغا يوللىغان مەخپىي دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرى خىتايچە «دۇەنتوڭليەن» دەپ ئاتالغان «چەتئەل بىلەن ئالاقە ئۈزۈش» نامىدا خىزمەت دولقۇنى قوزغالغان. بۇ دولقۇندا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قايتىشقا قىستىلىش بىلەن بىرلىكتە قەشقەردە «ئىككىنى قىلماسلىق» بەلگىلىمىسى، يەنى «چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفوننى قەتئىي ئالماسلىق، ئۇقۇشماي ئېلىپ قالغان تەقدىردە ھېچ نېمە دېمەسلىك» بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنغان. بىر قاتار ئىنچىكە ۋە قاتتىق تەدبىرلەر بىلەنمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى توسالمىغانلىقى شىكايەت قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا ئاتالمىش «‹ئۈچ خىل كۈچ› لەر بىلەن ئېلىشىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ۋە مۇرەككەپلىكى» تەكىتلەنگەن.

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر مەخپىي دوكلاتىدىن ۋە ئىلگىرى ئىگىلەنگەن بىر قىسىم خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە 2016 ‏-يىلى ۋە 2017 ‏-يىللىرى خىتايچە «دۇەنتوڭليەن» دەپ ئاتالغان «چەتئەل بىلەن ئالاقە ئۈزۈش» خىزمەت دولقۇنى قوزغالغان. بۇ دولقۇندا دائىرىلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە جىددىي ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە قەشقەردە چەتئەلدە تۇغقىنى بار كىشىلەرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە سوراققا تارتقان.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغىدىكى دائىرىلەر 2016 ‏-يىلنىڭ ئاخىرىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان يوپۇرغۇلۇق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يەكشەنبە بازاردىكى ناۋاي دادىسى بىلەن ئاكىسىنى شۇ چاغدا «دېھقانلار قانۇن مەكتىپى» دەپ ئاتالغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە سولىۋالغان. دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر خىزمەت دولقۇنىدا دەسلەپتە چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە مەخسۇس قوللانما تارقاتقان ۋە قوللانمىدا چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونغا بېرىلىدىغان ئەڭ قىسقا جاۋاب ئەستە قالارلىق ۋە بايان قىلىشقا ئاسان جۈملىلەر بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە خادىملارغا يادىلىتىلغان. مانا بۇ مەزگىلدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يوپۇرغىدا 12 ياشلىق ھەزىرىتى ئېلى ئۆمەرنىڭ (پاسپورتتىكى ئىسمى ئەمرۇللا) مىسىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، دادىسى ۋە بەش تاغىسىنىڭ 7 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەخپىي دوكلاتتا دېيىلىشىچە، «مەزكۇر قوللانما ئاساسىي قاتلاملاردا ئۆيمۇ-ئۆي ۋە ئىشخانىمۇ-ئىشخانا كەڭرى تارقىتىلغان بولسىمۇ، خادىم ۋە ئاھالىلەر يەنىلا بىخۇدلۇق قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قىلتىقىغا دەسسەشتىن ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ساقلىنالمىغان.» دائىرىلەر شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىدە «ئىككىنى قەتئىي قىلماسلىق» بەلگىلىمىسى، يەنى «چەتئەلدىن كەلگەن ۋە ناتونۇش تېلېفونلارنى قەتئىي ئالماسلىق؛ ئۇقۇشماي ئېلىپ قالسا ھېچنېمە دېمەسلىك» ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغا ھەققىدە 2017 ‏-ۋە 2018 ‏-يىللىرى رادىيومىزدا 11 پارچە خەۋەر ئىشلەنگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى لاگېرغا ئالاقىدار بولۇپ، خەۋەرلەردىن بىرىدە گۈلنار ئەمەت ئىسىملىك 19 ياشلىق بىر قىزنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسى دىلبەر ئەمەت بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئۈچۈن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى پاش قىلىنغان ئىدى.

ئاھالىلەرنىڭ «كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چېگرانى تونۇيالىغان بىلەن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان چېگرانى تۇنىيالمايدىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يەكشەنبە بازاردىكى 80 ياشلىق بوۋاينى تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكوم، 4 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردىكى چەتئەلگە چىقىپ كەلگەن ۋە چەتئەلدە تۇغقىنى بارلاردىن 171 ئائىلىنى كېچە-كۈندۈز زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارغا چەتئەل بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈش ھەققىدە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەن. ئۇلار يەكشەنبە بازاردىكى تور قوللانغان 364 ئائىلە، ئۆي تېلېفونى قوللانغان 328 ئائىلە ۋە ئىشخانا تېلېفونى قوللانغان 107 ‏ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ 3 ئايلىق تېلېفون خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە بۇ تېلېفونلاردىن 3 يىلدىن ئارتۇق قوللانغان بارلىق تېلېفونلارنىڭ نومۇرلىرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.

مەزكۇر مەخپىي دوكلاتتا دائىرىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى توسۇپ بولالمىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، بۇ ئەھۋالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېلىشىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.