جون ھوپكىنېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابۇنتلىرىنى ئانالىز قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى جون ھوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابۇنتلىرىنى كۆزىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يازما، يوللىغان پىكىر، ماقالە ۋە ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئانالىز قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بىر تەتقىقات دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۋىتتېر ئابۇنتلىرىنى تەقىب قىلىپ، تۋىتتېردىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر پىكىرلەرنى كۆزەتكەنلىكى، بۇ ھەقتىكى پىكىر، مۇنازىرىلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«باشقىلارنىڭ قېيىقىدا ئولتۇرۇپ دېڭىزغا چىقىش: خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تەسىر قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىرىنى قانداق كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى فېيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.

مەركىزى فرانسىيەدىكى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئۈچۈن چەتئەلدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر رېياللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سېدرىك ئالۋىيانى بۇنىڭدا يەنە خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەدرىك ئالۋىيانى 15-ئاپرېل زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رول ئوينىماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلەر تورى ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر يېيىپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. خىتاي ئەلچىلىرى خىتايغا قارشى ماقالە ئېلان قىلغان دۆلەتلەردىكى مۇخبىر ۋە تاراتقۇلارغا ئىزچىل ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇلار يەنە ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتا تور بېكىتى ۋە تۋىتتېرنى تېخىمۇ كەڭ قوللىنىپ، خىتايغا قارشى تەنقىدلەرنى جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.»

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ خاتا ئۇچۇر تارقىتىشىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى تەيۋەن مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بەزى تەيۋەن ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئافرىقالىقلارغا قارشى ئىرقچى سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىدۇر. لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي پۇقرالىرى ئافرىقالىقلارغا قارىتا ئىرقچىلىق قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىنغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئەيىبلەپ، خىتايدىكى ئىرقچىلىقنى ياپتى ياكى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى بۇرمىلىدى.»

جون خوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھېسابى يوقلۇقى، ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوللانسىمۇ، «لېكىن بۇ پۈتكۈل خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئانالىزى كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ 2018-يىلى تەييارلىغان تۋىتتېردىكى ئۇيغۇر ئابۇنتلىرىغا دائىر دوكلاتى بۇ جەھەتتىكى «تىپىك ئۆرنەك» ئىكەن.

دوكلاتتا «تۋىتتېر سۇپىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق ئەندىزىسى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر» ناملىق بۇ دوكلاتتا نۇرغۇن ئوخشىمىغان تىپتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ تۋىتتېردىكى ئاساسلىق ئەزالىرى ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى، «ئۇلارنىڭ تۋىتتېر ھېسابلىرىنىڭ قاچان ئېچىلغانلىقى، ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۇپىسىنىڭ تۈرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق شەھىرى، ئوخشىمىغان ئابۇنتلارنىڭ ئۇچۇر يوللاش قېتىمى، ياقتۇرۇشى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانى قاتارلىقلار ئانالىز قىلىنغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

لېكىن بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن قوللانسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. بۇ سۆزلەرنى گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر 15-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

جون خوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتىدا «كونكرېت تۋىتلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتى، مەزمۇنى، قوللانغان خەشتەگلەر ئانالىز قىلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور ئالاقە دىئاگراممىسىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا ئېغىر يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت ئىكەن. دوكلاتتا بۇ يېتەرسىزلىكنىڭ مۇنازىرە قايسى تېمىدا كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر خۇلاسىگە كېلىشنى قىيىنلاستۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن ئاسىيا ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ خىل مېتودى ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىكى چىقىش نۇقتىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى سېدرىك ئالۋىيانى خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشىغا قارىتا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەدبىر ئېلىشى شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ھوشيار بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «دېموكراتىيەلەر خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشى، دائىرىلەر خىتاي ئەلچىلىرىگە ئۇلارنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تاراتقۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە پۇقرالار خىتاي تارقاتقان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتە ھوشيار بولۇشى لازىم،» دېدى.

جون خوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى ئۆزىنىڭ پىكرىنى يېيىش، پسىخولوگىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق باشقىلارنى قورقۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش تەشۋىقاتىدا قوللىنىپلا قالماي، بەلكى نىشاندىكى دۆلەتلەرگە قارىتا سىياسىي ئارلىشىشتىمۇ قوللىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.