«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

14-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى ئومۇمىي نۇقتىدىن چىقىپ بايان قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇسىيەدە تارىخ ئوقۇغانلىقى، شۇنداقلا خىتايدا ياشىغانلىقىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىنى تولۇق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخنى ئوبيېكتىپ، لىللا مەيداندا تۇرۇپ يېزىش ناھايىتى مۇھىم. بۇ تارىخىي ئەسەر رۇسىيەنى ھەم خىتاينى چۈشىنىدىغان بىر ئۇيغۇر تارىخچى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئېغىپ كېتىشتەك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى ۋە بايانلىرىدىن خالىي بولغانلىقى بىلەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇستەملىكە قىلىنغان، دۆلەتسىز قالغان مىللەتنىڭ تارىخى كۆپ ھاللاردا ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلار تەرىپىدىن يېزىلىدۇ. بىر مىللەت ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىپ چىققاندىلا ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ بۇ مىللەتنى يوق قىلىۋېتىشىگە قارشى قارشىلىق كۈچى شەكىللىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇر مىللىتى ئۆز ۋەتىنىدە بىر مىللەت سۈپىتىدە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ مۇھىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېزىلغان بۇ ئومۇمىي تارىخ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.» شان روبېرتس ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرشۇناس جەيمىس مىلۋارد دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئۇنىڭ بۇ تارىخىي ئەسىرىدىن ناھايىتى كۆپ تارىخىي ئۇچۇرلارنى بىلىۋالالايمىز دەپ ئويلايمەن، شۇڭا بۇ كىتابنىڭ تولۇق نەشردىن چىقىشىنى كۈتىمەن،» دېدى.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس پەرھات بىلگىن مەزكۇر تارىخىي ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ياردەم قىلغۇچىلار گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان مىللىي رۇھ، دىن، مەدەنىيەت ۋە تارىختىن ئىبارەت تۆت ئامىلنىڭ ئىچىدە تارىخنىڭ، يەنى بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈش خاتىرىسىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ تارىخىي ئەسەردە ئۇيغۇلارنىڭ 3500 يىللىق تارىخى، 2500 يىللىق دۆلەت قۇرۇش تارىخى يېزىلغان. تارىختىن ئىبارەت بۇ ھېكايە ئاددىي ھېكايە ئەمەس، ئۇنىڭدا بىر مىللەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، مەغلۇبىيىتى، ئەقىل-پاراسىتى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە باشقا ھەممە خاتىرىسى مۇجەسسەم بولغان.» ئۇ يەنە سۆزىدە ئۆز تارىخىنى بىلىدىغان ۋە ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تارىخ سەھنىسىدىن يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار يوقىلىپ كېتىش كرىزىسىغا يولۇققان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تارىخىدىن ساۋاق ئېلىش ۋە ئىلھام ئېلىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارىخچى ئابلەت كامالوۋ ئەپەندى ئومۇمىي تارىخنىڭ ئادەتتە ئاكادېمىك ئورۇنلار ۋە بىر قانچە تارىخچىنىڭ بىرلىشىپ يازىدىغانلىقىنى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆزى يالغۇز ئورۇنلاپ چىقالىغانلىقىنى، بۇ ئەسەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مىللىي تارىخ كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى يېزىشتا دوكتور نەبىجاننىڭ رۇسچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق كۆپ تىل مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ تارىخنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرەلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنى، جۈملىدىن ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخىنى كۆپ تىل مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ روشەن يېڭىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە بۇ تارىخىي ئەسەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشىغا بېرىلگەن چوڭ زەربە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ تارىخنى بىلىشىدە ۋە خىتاينىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چۈشىنىشىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى بىلىپ مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلىنىشىدە بۇ كىتابنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 30 يىللىق تەتقىقاتى ۋە 10 نەچچە يىللىق ئەمگەك نەتىجىسى بولغان 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە بۇ كىتابنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى بولۇپلا قالماي، دىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تارىخى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بۇ كىتابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي تارىخىغا بېغىشلانغان قىسمىنىڭ، يەنى يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى تومىنىڭ بۇ قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بالدۇر نەشر قىلىنغانلىقىنى، كېيىنكى قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.