ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا ئورنىتىلغان غازىباينىڭ ھەيكىلى ئېلىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-11-20
Share
ghazibay-heykel-uyghur-tebabet.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ قورۇسىغا ئورنىتىلغان، ھازىر چېقىۋېتىلگەن، ئۇيغۇر تېبابىتىگە سىمۋول بولۇۋاتقان غازى باينىڭ ھەيكىلى. 2017-يىلى، ئۈرۈمچى.
Photo: RFA

مەلۇم بىر ئاڭلىغۇچىمىزدىن يېقىندا رادىيومىزغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇچۇردا «چېن چۈەنگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر تېبابىتىگە سىمۋول بولۇۋاتقان ھەيكەلمۇ يوق قىلىندى» دېيىلگەن ئىدى. بۇ ئۇچۇرغا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ قورۇسىغا ئورنىتىلغان، ئاق مەرمەردىن ياسالغان ئىنتايىن كۆركەم بىر ھەيكەلنىڭ سۈرىتىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىلگەن ئىدى.

سۈرەتتىكى ھەيكەلنىڭ ئاستىغا ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئىككى خىل يېزىقتا «غازى باي»، «مىلادىدىن بۇرۇن 450-330 يىل» دېگەن سۆزلەر ئالتۇن ھەل بېرىپ يېزىلغان ئىدى. ھەيكەلنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ بىناسى ۋە مۇنارى روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خادىملىرىنىڭ سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەت خاتىرىلىرىنى تەكشۈرۈپ ۋە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2017-يلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەتلەردە غازىباينىڭ بۇ ئاق مەرمەر ھەيكىلى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن كېيىن تارتىلغان بۇ دوختۇرخانىنىڭ سۈرەتلىرىدە بولسا بۇ ھەيكەلنىڭ ئورنى تامامەن قۇرۇق.

QQ تورىدا 2017-يىلى تارقىتىلغان ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى تونۇشتۇرۇلغان بىر تەشۋىقات فىلىمىدە، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن ھاشىم سۆزلەۋاتقاندا ئارقا كۆرۈنۈشتە غازىباينىڭ ھەيكىلى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تارقىتىلغان بۇ دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇر ۋە خادىملارنىڭ دوختۇرخانا بىناسى ئالدىدا بايراق چىقىرىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ قىزىل ناخشىسىنى ئېيتىۋاتقان بىر تەشۋىقات فىلىمىدە قورۇدىكى ھەيكەل كۈرۈنمەيدۇ. فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ئەسلىدىكى ھەيكەل قويۇلغان بۇ ئورۇننىڭ بايراق چىقىرىش مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن تېلېفون ئارقىلىق ئالغان مەلۇماتلىرىمىزدا، بۇ دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى غازىباينىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

بىر ياش ئۇيغۇر سېسترانىڭ بىلدۈرۈشىچە، غازىباينىڭ ھەيكىلى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ 17 قەۋەتلىك يېڭى بىناسى پۈتۈپ بولغاندا، يەنى تەخمىنەن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، 2016-يىلىنىڭ باشلىرى ئورنىتىلغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەيكەلنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن ئېلىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنى باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئوخشاش ئۆلچەملەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.

غازىباينىڭ ھەيكىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىۋېتىلگەنلىكىگە جاۋاب تېپىشتىن ئىلگىرى «غازىباي كىم» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدىشىمزگە توغرا كېلىدۇ.

بەزى يازما مەنبەلەردە غازىباينىڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى ۋە ئۇيغۇر قەدىمىي دورىگەرلىكىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى تېبابەت پېشۋاسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرى 375-460-يىللار ئارىسىدا ئۆتكەن تېۋىپ غازىباينىڭ خوتەندە ياشىغانلىقى، ئۇنىڭ 312 خىل دورا ھەققىدە «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» دېگەن مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى بايان قىلىنغان.

-2016 يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتى ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپ مۇتەللىپ ئەلىھاجىم بىزنى غازىباي ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.

مۇتەللىپ ئەلىھاجىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە مەلۇماتى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى غازىباينى بىلىدىكەن. چۈنكى غازىباينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا مەخسۇس دەرسلىك سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئىنسانلار پەيدا بولغان تارىخ بىلەن باراۋەر دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا غازىباي ۋە ئۇنىڭ قامۇسى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئىلمىي ۋە تارىخىي پاكىت ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ئەمەلىي داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك توغرىسىدا 30پارچىدىن ئارتۇق تېببىي كىتاب ۋە دەرسلىك يازغان ئىكەن. ئۇ 2016-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن.

تۈركىيەدە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ-2019 يىللىق تۇنجى سانىدا بېسىلغان، مۇتەللىپ ئەلىھاجىمنىڭ غازىباي تونۇشتۇرۇلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» (ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇستا غازىباي ھەقىقدە مۇنداق مەلۇماتلار يېزىلغان ئىكەن: «تارىم يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ، 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئۇلار نەچچە مىڭ خىل ئۆت-چۆپ دورىلارنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار غازىباينىڭ قامۇسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىلمىگە ئاپىرىن ئوقۇغان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى ئاز دېگەندە مىلادىدىن 350 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدىكەن.»

مۇتەللىپ ئەلىھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا قويۇلغان غازىباينىڭ ھەيكىلى ئۇنىڭ تۇنجى ھەيكىلى ئەمەس ئىكەن.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ۋە خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە قامالغان دوختۇر خالمۇرات غوپۇر غازىباينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئورنىنى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىكەن. غازىباينىڭ تۇنجى ھەيكىلى ئەڭ ئاۋۋال خالمۇرات غوپۇر باشچىلىقىدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان چى كاڭ ئۇيغۇر دورا زاۋۇتى قورۇسىغا، 2005-يىلىلا ئورنىتىلىپ بولغان ئىكەن.

ئەمما خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، غازىباينىڭ بۇ تۇنجى ھەيكىلىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت پېشۋاسى غازىباينىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىنىڭ ھويلىسىغا قويۇلغان سىمۋول خاراكتېرلىك ھەيكىلىنىڭ ئېلىۋېتىلگەن ۋاقتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى بۇ ۋاقىت ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدە چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتكەن مەزگىلى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشقا يۆتكەپ كەلگەندىن بۇيان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان غوللۇق زىيالىيلاردىن دوكتور خالمۇرات غوپۇر 2017-يىلى دېكابىردا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2018-يىلى «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئىككى يىل كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

-2017 يىلىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئاتالغۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تېۋىپلارنىڭ داۋالاش كىنىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بىردەك خىتايچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى شەرت قىلىش، يەرلىك قەدىمىي دورا رېتسېپلىرىنى كەڭ تۈردە خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش، خىتاي تېبابەت دورىخانىلىرى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنى قوشۇۋېتىشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، 2500 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى ئېغىر ۋەيرانچىلىق ۋە تەھدىتكە يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.