خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى ئارقىسىدا (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا ئومۇميۈزلۈك قەست قىلىشى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى يوق قىلىشى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكى ۋە ئەنئەنىۋى دورىگەرلىكىمۇ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تېۋىپلار ۋە دورىگەرلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىغا ئىگە بولۇشىغا خىتاي تىلى سىناقلىرىدىن ئۆتۈشى شەرت قىلىنىپ، كۆپلىگەن تېۋىپ ۋە دورىگەرلەر ئۆز كەسپىنى قىلالمىغان. چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش دوكتورلار 2016-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى نىشان قىلغان چوڭ تۇتقۇندا خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان.

نۆۋەتتە دۇنيادا ساغلاملىق ئېڭى ۋە كىشىلەرنىڭ تەبىئىي دورىلارغا بولغان مايىللىقىنىڭ ئېشىشى، ئەنئەنىۋى تېبابەت دورا سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە. ھالبۇكى بۇ پۇرسەتلەرگە خىتاي دورا شىركەتلىرىنىڭ كۆز تىگىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خىتاي دورا شىركەتلىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورا رېتسېپلىرى ۋە ماتېرىياللىرىنى پۈتۈنلەي «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرى» دېگەن نامدا قىممەتكە ئايلاندۇرماقتا.

«بېيجىڭ ياشلار تورى» 18-نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى» دە، «شىپايى» ماركىسىدىكى قار لەيلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ماركىنى بازارغا سالغان «شىنجاڭ چىمۇ دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى» 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى (مىللىي تېبابىتى) تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان. ئەمەلىيەتتە «شىپايى» ماركىسى 2003-يىلى خوتەندىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كېيىن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورا قىلىپ ئىشلىنىدىغان قۇرۇتۇلغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر يەنى 80 خالتا.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورا قىلىپ ئىشلىنىدىغان قۇرۇتۇلغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر يەنى 80 خالتا. (saveuyghur.org)

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىتاينىڭ دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن خىتاي تېبابىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «داڭلىق قەدىمكى رېتسېپلار مۇندەرىجىسى» نى تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىگە دائىر 38 رېتسېپ بار ئىكەن.

خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. ھالبۇكى خىتاي دورا شىركەتلىرى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ياكى ئۇنىڭ تەركىبلىرىنى خىتاي تېبابىتىگە قوشۇۋېتىشكە، يەنى ئۇنى شالغۇتلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور پاترىك خالزون(Patrick Hallzon) ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلخەت ئارقىلىق مۇنداق دەپ يازغان:

«2015-يىلى خوتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، شىۋېتسىيە ئارخىپلىرىدا بار بولغان ئۇيغۇر تېبابەت مەنبەلىرى ھەققىدە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغانىدىم. مەن ئۇيغۇر يۇرتىغا قىلغان شۇ سەپىرىمدە دورا دۇكانلىرىنى كۆزەتتىم. ماڭا يەنە ئۇ يەردىكى تېببىي مەكتەپ ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش پۇرسىتى بېرىلگەنىدى. بىزگە تارقىتىپ بېرىلگەن بىر قانچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا (2015) دوختۇرلارنى تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بۇ ساھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئۈمىدلەر كۆرۈلگەن. ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستان تېبابىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم بارغىنىمدا، ھەممە يەردە ساقچىلار، مېھمانخانىلاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرى بولۇۋېتىپتۇ. نېمە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، زور پالاكەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇملىرىنى بىلىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر لاگېرلارغا ئەۋەتىلدى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەر جەھەتتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى».

دوكتور پاترىك ئەپەندى يەنە 2017-يىلىدىن بۇيان خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ، ساپ ئەنئەنىۋىلىكتىن ئىبارەت يادرولۇق قىممىتىدىن بارغانچە ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:

«2017-يىلى، نەچچە ئون دۇكان ئىلگىرى خېرىدارلارغا مايىل بولغان كونا بازار كوچىسىدىن، ھازىر شەھەر سىرتىدىكى بىر باغچىغا يۆتكەلدى. مەسىلە شۇكى، يېڭى بازاردا خېرىدار يوق دېيەرلىك ئىدى. تېببىي كىتابلارغا كەلسەك، ئۇلار يەنىلا 2017-يىلى بار ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بارلىق كىتابلارنى تاپشۇرۇۋالغانىدىم، بۈگۈن بۇلار (بىر قانچە تەرجىمىدىن باشقا) يوق بولدى. شۇڭا ئىلگىرى كىتابخانىلاردا مەن تاپقان كىتابلارنىڭ، بۈگۈن بارلىقىغا ئىشىنىش تەس. خىتاي كارخانىلىرىغا تەۋە دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى دورىلىرىمۇ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا خاس دورىلارنىڭ ئاز بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. دۇئا ئوقۇتۇپ داۋالاشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. قانداقلا بولمىسۇن، بەزى دورىلار يەنىلا «دۆلەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوللايدۇ» دېگەن يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىلماقتا، مەسىلەن خۇددى «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تاماقلىرى»، «خۇشال ئۇيغۇر ئۇسسۇلى» دېگەنگە ئوخشاش. ھازىرقى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئەسلىدىكىدەك بولماسلىقى، ھەقىقىي ئەنئەنىلىكتىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىن».

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورنى، سۇ، تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتى دورا ماتېرىياللىرىنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشمۇ باي بولۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈشتە تېرىقچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەتقىقات ۋە تەرەققىياتنى بىرلەشتۈرگەن كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 2021-يىلى خىتاي دائىرىلىرى دورا ماتېرىياللىرى ئۈچۈن 14 «خاسلاشتۇرۇلغان دورا ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى» قۇرغان. ئۇ «شىركەت + ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى + ھەمكارلىق + دېھقان» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۆسۈملۈك دورا شىركەتلىرى ئۈچۈن خام ئەشيانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كۆلەملىك تېرىش ھەممە ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە سىياسەت ئارقىلىق پىلانلىق يولغا قويۇلماقتا ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي دورا شىركەتلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانى دەپ قارىماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش كۆلىمى 490 مىڭ 600 مو بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 355 مىڭ توننىغا يەتكەن. «پىلان» دا 2025-يىلغا بارغاندا، رايوندىكى ئەنئەنىۋى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 600 مىڭ موغا يەتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.

«خەلق تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 81 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي كارخانىسىدىن 12 سى بار ئىكەن. ھالبۇكى بۇ كارخانىلار زور كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىلىرىنىڭ پاتېنت ئىگىلىرىنىڭ ھازىر خىتاي تۈرمىلىرى ۋە لاگېرلاردا يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردىن تارتىۋېلىنىپ خىتاي دورا شىركەتلىرى تەرىپىدىن سانائەتلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنىڭ، خام ئەشيا تېرىشتىن تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالى دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.