ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى بازار ۋە خىرىسقا تەڭ يۈزلەنمەكتە (1)

0:00 / 0:00

دۇنيا بويىچە تەبىئىي-ساپ، زىيانسىز، ئەنئەنىۋى يېشىل دورىلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دەل بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەنگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىغا دۇنيا بازىرىنىڭ كۆزى چۈشۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى بازار ئانالىزى تورى «ئوربىس تەتقىقاتى» ((Orbis Research يېقىندا «ئۇيغۇر تېبابەت بازىرىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئامىللار ۋە ئاچقۇچلۇق شىركەتلەر» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان. مۇھىمى دوكلاتتا خەلقئارا بازاردا ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ دورا مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ زور ئېچىش بوشلۇقى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بارلىقى ئانالىز قىلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستىقباللىق تاۋار ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

ھالبۇكى، ئىككى مىڭ يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىغا ھازىر خەلقئارا بازاردا يارىتىلىۋاتقان بۇ پۇرسەتنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ساھەدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر تېۋىپ ۋە دورىگەرلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر تېبابەت رېتسېپلىرىنى تالان-تاراج قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىدە ئەكسىچە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كەسپىدىكى تۆھپىكارلاردىن، 2016-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋراچ، پروفېسسور مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئەمچى بۇ ھەقتە ئەندىشىلىرىنى بايان قىلدى.

ئېلى ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدا كۈچلۈك ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان، ئىلگىرى مەبلەغ ۋە تېخنىكا كەم بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر تېببىي دورىگەرلىك بايلىقى كەڭ تۈردە سانائەتلەشمىگەن، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ماددىي بايلىققا ئايلاندۇرۇلمىغان بىر ساھە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى رېتسېپلار ئۇيغۇر تېبابىتىنى چەكلىك بولسىمۇ ئاساسلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىدى.

مۇتەللىپ ئېلى ھاجى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك كەسپىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق پروفېسسورى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى دورا ئىگىلىكىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىشتىن مەھرۇم قالدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشىنى قولايلىق پۇرسەت ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ياساش ۋە سېتىش پايدىسىغا ئىگە قىلغان.

مۇتەللىپ ئېلى ھاجى: «خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر دورىگەرلىكى مۇشۇ يوسۇندا ماڭسا، خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن تەقدىردىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇزغۇنچىلىق ۋە ئېغىر تەھدىتكە يۈزلىنىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

مۇتەللىپ ئېلى ھاجىنىڭ ئەڭ زور ئەندىشىسى بولسا، ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ساداقەتلىك بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىدۇر. ئۇ، پەقەت ئۇيغۇر دورىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىشنىلا كۆزلەۋاتقان، دورىگەرلىك تېخنىكىسى ۋە رېتسېپلارغا ئىگە بۆلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىىدىنمۇ زور ئەندىشە قىلىدىكەن.

«ئوربىس تەتقىقاتى» (Orbis Research) تورىدىكى دوكلاتتا، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى بازىرىدا يېڭىلىق يارىتىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاچقۇچلۇق شىركەتلەر تىزىملىكىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ شىپاۋېي دورىگەرلىك گۇرۇھى، شىنجاڭ چىكاڭ خابوۋېي تېبابەتچىلىك شىركىتى، خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىركىتى، شىنجاڭ تېبابەتچىلىك بىئو-قۇرۇلۇش شىركىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندو لەنۋېي تېبابەتچىلىك شىركىتى قاتارلىق 10 دورا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بازىرىنىڭ كېڭىيىشىدىكى ئامىللار ھەمدە ئۇيغۇر تېبابەت دورا بازىرىنىڭ سودىسى، كىرىمى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغانلىقى يەكۈنلەنگەن.

-2022 يىلى-24 يانۋار، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلەپ تارقاتقان خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى دورا سانائىتىنىڭ سېتىش كىرىمى 2021-يىلى تەخمىنەن 8 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 10.5 ئاشقان. ھازىر رايوندا 64 دورا سانائىتى شىركىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2021-يىلى سېتىش كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 12 شىركەت، سېتىلىش مىقدارى 500 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 3 شىركەت بار ئىكەن. رايوندىكى دورا سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي 759 خىل دورا تەستىق نومۇرى ۋە 53 خىل ئالاھىدە تۈرى بار ئىكەن. ئەمما بۇ تۈر ۋە كارخانىلارغا ئىگىدارلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زۇكام ۋە يۆتەل قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دورىسى-زۇكام كۇمىلىچىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 20 يۈەن ھەم تېجەشلىك بولۇپ، ھەر يىلى زۇكام كۇمىلىچىنىڭ سېتىلىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. دوكتور خالمۇرات غوپۇر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 2019-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى ئىشلەپچىقارغان زۇكام كۇمىلىچىنىڭ سېتىلىشى خىتاينىڭ ئېغىز بوشلۇقى پاتېنتلىق دورا مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە 11-ئورۇنغا تىزىلغان.

بىر قەدەر كەسىپلەشكەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى، دوكتۇر خالمۇرات غوپۇر باشچىلىقىدا 2001-يىلى قۇرۇلغانىدى. بۇ شىركەت بازارغا سېلىپ ئۈنۈم ياراتقان دورىلاردىن زۇكام كۇمىلىچى گەرچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئىناۋىتى ئېشىپ مېڭىۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى خالمۇرات غۇپۇرمۇ-2017 يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى. بۇ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردا ئىستانبۇلغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپىنى داۋام قىلىۋاتقان مەمەت ئېلى ھاجىم، ئىلگىرى خوتەندە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە داۋالاش كەسپىدە شۇغۇللانغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەمەت ئېلى ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى، ئۇيغۇر تېۋىب ۋە دورىگەرلەرنىڭ جاپالىق شارائىتقا قارىماي توختىماي تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئۆتكەن 20 يىلدا ماركا يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەت ۋە چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى، ساپ ھالەتتە، ئەڭ ياخشى سۈپەت بىلەن بازارغا سېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كارخانىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي دورىگەرلىكنى كەسىپ قىلغان شىركەت ۋە زاۋۇتلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، زاۋۇت قۇرۇش، ماركا قۇرۇش، دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە ۋە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە توسقۇنلۇق يارىتىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشى، زاۋۇت قۇرۇشىنى كۈچەيتىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا دورا ئىجازەتنامىسى بېجىرىش، دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئىجازەتنامىلىرىنى بېجىرىش قاتارلىقلاردا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكى بارغانچە ئىسپاتلانماقتا. خەلقئارا بازاردىكى تېبابەت دورا بازىرى سودا ئېھتىياجى ۋە دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ۋە ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ-كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ-2017 يىلىدىن ئېتىبارەن دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان سەرخىللەرنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلغانلىقى، پاتېنت ۋە تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، تالان-تاراج قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى ھەر خىل مەنبەلەردىن ئايان بولۇپ كەلمەكتە.