ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىكى بازار ۋە خىرسقا تەڭ يۈزلەنمەكتە (2)

0:00 / 0:00

دۇنيا بويىچە تەبىئىي ۋە ئەكس تەسىرسىز دورىلارغا ئېھتىياج تۇغۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى پارلاق ئىستىباقلىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ۋارسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەسپ ئەھلىلىرى 2000-يىللاردىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ھازىرقى زامانغا ماس كاپسۇللۇق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنىدى. ئۇيغۇر دورىگەرلىك كارخانىلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغان، بەزى دورىلار ھەتتا قوشنا ئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى خەلقئارادا ئىناۋەت تېپىشقا باشلىغان ئەنە ئۇنداق بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ تالان-تاراجىغا ئۇچرىغانلىقى يىللار ئاۋۋاللا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

-2017يىلى باشلانغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىگەرلىك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر تىبابىتى ساھەسىدىكى سەرخىللرىنىڭمۇ تۇتقۇن نىشانى بولۇشى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىۋاتقان خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، خىتاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا ئېكىسپورت تۈرىگە كىرگۈزۈشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ھازىر دورىلىق ماتېرىيال تېرىش، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىرلەشتۈرگەن يۇقىرى تېخنىكالىق زامانىۋى دورا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىگە ئايلاندۇرۇلغان.

ئۇيغۇر دىيارىدا يەرلىك دورا ماتېرىياللىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، دورىلىق قىممىتىگە ئىگە 2300 خىلدىن ئارتۇق ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە مىنېرال ماددىلار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تىبابىتى ئۈچۈن دورا ماتېرىيالى قىلىنىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 2021-يىلى يۇمغاقسۈت، كەركىدان، يالپۇز قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى ئۈستۈرۈلىدىغان 14 «خاسلاشتۇرۇلغان باغ» سېلىشقا مەبلەغ سالغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس سىياسەت، مەبلەغ ۋە تېخنىكا چىقىرىش بىلەن بىلەن تەڭ نۆۋەتتە يەنە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بارا-بارا بىڭتۇەننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇلتۇر 30-دېكابىر خەۋەر تارقىتىشىچە، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جۇڭگو تېبابىتى جەمئىيىتى» قۇرغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ جەمئىيەت تېببىي داۋالاش مائارىپى، ئىلمىي تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلىقنى ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە باشقا ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە قارىتا قوغداشقا تېگىشلىك قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ئەمەس، پەقەتلا ماددىي قىممەت يارىتىدىغان بىر تۈر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

تۈركىيەدىكى مۇدېر ۋىراچ ۋە پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تىبابىتىنى ئاۋال «مىللىي تىبابەت» قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاندىن ئۇنى خىتايچە داۋالاشنىڭ بىر قىسمى قىلىپ يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. 2000-يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا قايتا گۈللەنگەن ئەنئەۋى ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەت ئەللەردە تونۇلۇشقا باشلىغاندا، خىتاي بۇ ساھەگە پۈتۈنلەي ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ رەزىل تەدبىرلەرنى قوللانغان.

ھازىر خىتايلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورا شىركەتلىرى بازارغا سېلىۋاتقان يېڭى دورىلارنىڭ تۈرلىرى نەپەس كېسەللىكلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، بالىلار ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا باشقا داۋالاش ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ دورىلارنى پۈتۈن دۆلەت ئىچىگە، ھەتتا خەلقاراغا تونۇشتۇرۇشقا باشلىغان.

مۇدېر ۋىراچ مۇتەللىپ ئەلى ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى خەلقئارا بازارغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىشتەك خىرسقا تەڭ يۈزلەنگەن. ھازىر تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر 2015-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش، تەجىربىدىن ئۆتكەن دورا رېتسپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بارا-بارا كۆلەملەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت ئىلمى ۋ دورىلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تىبابەت دورىلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ياساپ، ئۇنى خەلقئارا بازارغا سېلىشتا تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت مۇتەخەسسىسى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مەسئۇلى، پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندىمۇ يىللاردىن بۇيان زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى «فارابىم» دېگەن ماركا بىلەن ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى دورا زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىپ، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى بىمارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مۇتەللىپ ئەلى ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تىبابەت خادىملىرى شارائىت چەكلىمىلىرىگە قارىماستىن ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى كىچىك تىپتا بولسىمۇ كارخانىلاشتۇرۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ كورونا ۋېروسىغا قارشى ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك بىلەن يەرلىك تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسپلارنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر ياراتماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ مېدىتسىنا ساھەسى كورۇنا ۋېروسىغا قارشى جەڭدە گاڭگىراپ قالغان پەيتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دورىگەرلەرنىڭ ياساپ چىققان تەۋسىيىلىك دورىلىرى، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكتىكەن.

2016-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش ۋە دورىگەرلىك كەسپىنى داۋام قىلىۋاتقان مەمەت ئېلى ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دورىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدلىك قارايدىغانلىقىنى بنىلدۈردى.

گەرچە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى غەرب دورىلىرىدەك تېز بولمىسىمۇ، ئەمما كېسەللىكنى يىلتىزىدىن داۋالاشتا ئۈنۈم قازانغان. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇللىرى پۈتۈنلەي يېشىللىق ئۆلچىمىگە ماس بولۇپ، پەقەتلا ئەكس تەسىرىنىڭ يوق بولۇشى، ئىستېمالچىلارنى قىزىقتۇرغان.

ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تىبابەت دورىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يولىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان چەت ئەللەردىكى تىبابات مۇتەخەسسىسلىرىدىكى خىتاينىڭ خرسلىرىغا قارشى كۈچ ۋە ئىشەنچمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتىنىڭ ھەقىقىي ساپ ئەنئەنىلىرىگە بولغان سادىقىتىدىن كەلگەن، چۈنكى ئۇلار ئادەم داۋالاشنى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۆزلىرىنىڭ مېدىتسىنا مىزانى ۋە كەسپىي ئەخلاقى قىلغان.

ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر تىبابىتىدىن ئىبارەت 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇ قىممەتلىك مىراسنىڭ خىتاي تەرىپىدىن خانىۋەيران قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا.