كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىدا پەقەت مۇستەقىل ۋە ئەركىن تەكشۈرۈشكىلا ماقۇل دېيىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ 14-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە بازىرىنى ئېچىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئىككى نۇقتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈپ تەلەپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىننىڭ ئەڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى بولسا ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى يۈز نۇرانە تەلەپ قىلىشىدۇر.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېز مىشېل 14-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە بولغان ئەندىشىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق»، «بىز مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق»دەپ كۆرسەتتى. بۇ، ھازىرغا قەدەر تاراتقۇلارغا مەلۇم بولغان چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى يۈز نۇرانە قويۇشىدۇر.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىدىكى بىر بۇرۇلۇش ئىكەن. فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مارىيە خولىزمان خانىم لاگېرلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خولىزمان خانىم 15-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇرۇلۇش ياساشتىكى تۇنجى مۇھىم ۋەقە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدۇر. بۇ، ياۋروپانىڭ، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ئىسىغا ئۇنىڭ تارىخىدىكى بەك نۇرغۇن قاباھەتلىك ئەسلىمىلەرنى سالدى. چۈنكى گېرمانىيەنىڭ بۇ ئەسلىمىلەر بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى بار. ئۇلار، بىز جازا لاگېرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز دېيىشتى».

خولىزمان خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى پوزىتسىيەسى ئىكەن. ئۇ: «بۇ يىل ئەتىيازدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا خىتاينىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى. خىتاينىڭ دۇنياغا يالغان سۆزلەپلا قالماي ئۆز خەلقىگىمۇ يالغان سۆزلىگەنلىكى ياۋروپا خەلقىنى چۆچۈتتى. بىز يەنە خىتاينىڭ يۇقۇمدا ئۆز خەلقىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇنىڭ ھەرىكىتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى»دەپ كۆرسەتتى.

چارلېز مىشېل شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى تەلەپكە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. لېكىن، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى»گېزىتىنىڭ 15-سېنتەبىر ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشقا يەنە تەكلىپ قىلغان. خىتاي بۇ تەكلىپنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆتكەن يىلى قويغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەت قىلغان. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيارەت ئۆمىكى كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىمەيدۇ، چېن چۈئەنگو بىلەن كۆرۈشمەيدۇ، دېگەندەك ھەر خىل يولسىز شەرتلەرنى قويۇپ تۇرۇۋالغان.

ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تەكلىپىگە ھوشيار بولۇشى، پەقەت مۇستەقىل ۋە ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىلا قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ پىكىرنى گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۇلرېخ دېلىيۇس 15-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

ئۇلرېخ دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار يەنى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكىلەر خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا زىيارەت قىلىشنىڭ خەتىرىنى بىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ تەكلىپىنى ئەينەن قوبۇل قىلىپ، پەردازلانغان ئاتالمىش لاگېرلارنى كۆرۈپ كېلىشنى خالىمايمىز. ھەممە كىشى خىتاينىڭ ئۆتكەن ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىلدى. مەن، ئۇلار مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، خىتاينىڭ قانداق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش، قانداق تەكلىپىنى رەت قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن».

بۇ نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى سۆھبىتى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ۋىدىيو ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلدى. 14-سېنتەبىر، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى »گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى، لاگېرلارنى تاقاشنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش، تۇغماس قىلىشنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئۇلرېخ دېلىيۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتىكى ئىپادىسى بىر «ئىجابىي تەرەققىيات»ئىكەن. ئۇلرېخ دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭ ئۆزى بىر تەرەققىيات. چۈنكى، نەچچە يىللاردىن بېرى ياۋروپا-خىتاي سۆھبەتلىرىدە ئىقتىسادى ئامىل يەنى ياۋروپا ۋە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى دائىم مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ قېتىم ھېچ بولمىسا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈنتەرتىپكە قويۇشقا بىز مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇنىڭ ئۆزى بىر تەرەققىيات. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇق نۇرغۇن يىللاردىن بېرى چەتكە قايرىپ قويۇلغان».

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تەنقدىتتە بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەمگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خولىزمان خانىم 15-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى كۈتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىڭلارغا بولمايدۇ، دېگەندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى تۇرغان گەپ. ئەلۋەتتە، مەن شى جىنپىڭنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۈتمەيمەن».

بۇ نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبىتى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلېز مىشېل، ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لەيەن، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سۆھبەت مەزگىلىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى ئىكەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.