داڭلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف قازاقىستانغا يەنە بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ كەلدى

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيەت ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت بىلەن بىر قاتاردا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىدىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىمۇ دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، دىلمۇرات مىجىتوف بىلەن ئەلانۇر تۇرغانوۋا بوكستىن، رەيھانگۈل گۆھەرباقىيېۋا ئەركىن مۇشتلىشىشتىن، ئەزىز تۇردىيېف پۇتبولدىن، زارىنا توختىيېۋا خاككېي، يەنى مۇز توپ ئويناشتىن، ھەسەن توختاخۇنوف چاڭغا تېيىلىشتىن، نارىمان قۇربانوف گىمناستىكادىن، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىشتىن، فارىڭىز غوپۇروۋا ۋۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىقتىن قازاقىستان، ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونى دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قاتتىق خۇرسەن بولماقتا. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى جۇمھۇرىيەلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە داۋاملىق يورۇتۇلۇپ كەلمەكتە.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوف (ئوتتۇرىدا) كوماندىسى بىلەن. 2022-يىل ئاپرېل.
ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوف (ئوتتۇرىدا) كوماندىسى بىلەن. 2022-يىل ئاپرېل. (RFA/Oyghan)

يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن يەنە بىر خۇشاللىق ھادىسە يۈز بەردى. ئاتاپ ئېيتقاندا، رادىيومىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف بۇ قېتىم قازاقىستانغا يەنە بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ كەلدى. «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يولداش مولوتوفنىڭ «نارىمان قۇربانوفنىڭ يەنە بىر ئۇتۇقى» ناملىق ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نارىمان قۇربانوف يېقىندا ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا «ئات ئۈستىدە» ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىدە 14.633 پاي توپلاپ، غالىپ ئاتالغان. قازاقىستاننىڭ «سپورت» تەنھەرىكەت تورىمۇ نارىمان قۇربانوفنىڭ بىرىنچىلىكنى ئىگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىككىنچى ئورۇنغا ئالبانىيەلىك ماتۋېي پېتروفنىڭ، ئۈچىنچى ئورۇنغا بولسا، فىرانسىيەلىك تومماسون سىرىلنىڭ ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

بىز باكۇدا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش مەقسىتىدە نارىمان قۇربانوفنى زىيارەت قىلدۇق. نارىمان قۇربانوف ئاپرېلنىڭ بېشىدا باكۇدا دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭغا 34 مەملىكەتتىن 145 تەنھەرىكەتچىلىنڭ قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىن تۆت ئادەم، يەنى مەن، مىلاد كارىمى، فارۇخ نابىيېف ۋە دىمىترىي پوتانىن قاتناشتۇق. نەتىجىدە مىلاد كارىمى كۈمۈش مېدالغا ئىگە بولدى. دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە ئالغان ئىككى ئالتۇن مېدالىنىڭ نەتىجىسى بىلەن مەن ھازىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىمەن. مەن دۇنيا مۇسابىقىلىرى باسقۇچلىرىدىمۇ ياخشى كۆرسەتكۈچلەرنى نامايىش قىلىپ، ئالتۇن مېدال ئېلىشنى ئۈمىد قىلدىم ھەم شۇنىڭغا يەتتىم. قازاقىستان ئۈچۈن بۇ ئىككى مېدال چوڭ ئۇتۇق بولۇپ، مېنىڭ كومانداممۇ بۇنىڭغا ئىنتايىن خۇشال. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزگىمۇ قازاقىستان گىمناستىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن خىراجەت بۆلۈندى. بەخىتكە يارىشا بۇ قېتىم ھېچ قانداق بىر مەسىلە تۇغۇلمىدى. بىز ھازىر مۇشۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئۆتىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە ھەم ئالىي مەكتەپ ئوئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىمىز. ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكەن تۆت مۇسابىقىگە قاتناشقان بولساقمۇ، بىزنى يەنە بىر نەچچە چوڭ مۇسابىقىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نارىماننىڭ دادىسى، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى ھۈسەنجان قۇربانوف مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئوغلىنى خەلقارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى، دۇنيا مۇسابىقىلىرىنىڭ تۆت باسقۇچىنىڭ غالىپى قىلىپ تەربىيەلىدىم. ئۇ ئالتە يېشىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. دەسلەپتىلا مەشىقنى ‹ئات ئۈستىدە› ئويۇن كۆرسىتىشتىن باشلاپ، شۇنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. نارىمان 17 يېشىدا تەنھەرىكەت ماھىرى بولۇپ، 20 يېشىدا دۇنيا مۇسابىقىسىدە غالىپ ئاتىلىپ، خەلقارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى دەرىجىسىگە يەتتى. بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە ئۇ كۆپلىگەن خەلقئارا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، مەن ئوغلۇمنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرى بىلەن ئەلۋەتتە پەخىرلىنىمەن. ھازىر توي-تۆكۈنلەردە بولسۇن، نەزىر-چىراقلاردا بولسۇن، باشقىمۇ پائالىيەتلەردە كۆپچىلىك، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ۋەكىللىرى نارىماننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ماختىنىدۇ. ئۇنىڭ كېلەچەكتە دۇنيا چېمپىيونى، ئولىمپىك چېمپىيونى بولۇشىنى تىلەيدۇ. نارىمان پەقەت ئۇيغۇر خەلىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستاننىڭ نامىنىمۇ دۇنياغا تونۇتۇۋاتىدۇ. بۇ بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق.»

نارىمان قۇربانوفنىڭ ئىسمى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ تەنھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى پەيدا قىلماقتا. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بايسېيىت يېزىسى ياشلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئېفرات ناسىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ تەنھەرىكەت بويىچە ئۇتۇقلىرى بارلىقىمىزنى خۇشال قىلماقتا. مۇشۇنداق خۇشاللىقلارنىڭ بىرى يېقىندا ئەزەربەيجان مەملىكىتىنىڭ باكۇ شەھىرىدە تەنھەرىكەت گىمناستىكاسىدىن ئالتۇن مېدال ئالغان قېرىندىشىمىز نارىمان قۇربانوف. 24 ياشلىق نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ ئۇتۇقى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇتۇقى. 6 يېشىدىن تەنھەرىكەتكە قىزىقىپ كېلىۋاتقان يىگىتىمىزنىڭ ئەڭ يېقىن ترېنېرى ئۆزىنىڭ دادىسى. دادىسى ئۇنىڭغا پەقەت ترېنېر بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى بولغان.»

نارىماننىڭ «ئات ئۈستىدە» تېخنىكىلىق جەھەتتىن قىيىن ئېلېمېنتنى ئۆزى ئويلاپ تېپىپ، ئۇنىڭغا Kurbanov نامىنى بەرگەن. بۇ ئېلېمېنتنى ئامېرىكالىق، رۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر قايتىلىغان. بىراق كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە نارىمان قۇربانوفقا ئوخشاش ھېچ كىم ئورۇنلىمىغان. بىز نارىمان قۇربانوفتەك ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇتۇقلىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز. كېلەچەكتە نارىمان قۇربانوفقا ۋە ياش تەنھەرىكەت تالانتلىرىغا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىپ، ئېگىز چوققىلاردىن كۆرۈنۈشىنى چىن يۈرەكتىن تىلەيمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە نارىمان قۇربانوفتەك ياش ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت ۋە دۇنيا دەرىجىسىدە يېتىۋاتقان ئۇتۇقلىرى داۋاملىق يورۇتۇلۇپ، بۇ ياشلارنى ساغلام ھاياتقا، ھالال ئەمگەككە، تىرىشچانلىققا، مىللەتپەرۋەرلىككە ئۈندىمەكتە. شۇ مەقسەتتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى ئېچىلىپ، ھەر خىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا.