قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2022.05.26
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشتى رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەم. 2022-يىل 24-ماي، رۇسىيە.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دەرىجىدە كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى بولغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۈلگە بولماقتا. يېقىندا رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكەن تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مۇتلەق-ھەقىقىي كۈرەش، يەنى ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا 2004-2009-يىللىرى تۇغۇلغان ئوغۇل ۋە قىزلار ھەم ئۇلاردىن چوڭ ئەرلەر بىلەن ئاياللارمۇ تاللاپ ئېلىنغان. مۇتلەق-ھەقىقىي كۈرەشنىڭ خەلقئارا كېڭىشى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر دۇنيا مۇسابىقىسىگە رۇسىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمەنىيە، بېلورۇسىيە، گرۇزىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، مولداۋىيە، موڭغۇلىيە، سېربىيە، سۈرىيە ۋە تاجىكىستان بولۇپ، 12 مەملىكەتتىن 300 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان.

رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەم (سولدا). 2022-يىل 24-ماي، رۇسىيە.
رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەم (سولدا). 2022-يىل 24-ماي، رۇسىيە.
RFA/Oyghan

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئومۇمىي نەتىجە بويىچە رۇسىيە 1-ئورۇننى، قازاقىستان 2-ئورۇننى، ئەرمەنىيە 3-ئورۇننى ئىگىلىگەن. قازاقىستان كوماندىسى تەركىبىدە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى قىزىلشەرق يېزىسىنىڭ ياش تەنھەرىكەتچىسى مۇنىردىن ئەكرەم 3-ئورۇنغا ئېرىشىپ، مىس مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن.

بىز مۇنىردىن ئەكرەمنىڭ دادىسى مۇختەرجان سەيدۇللايېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇنىردىن كىچىكىدىنلا تەنھەرىكەتكە قىزىقىپ، توققۇز يېشىدا تەنھەرىكەتنىڭ چېلىشىش تۈرى بويىچە مەھەللىمىزدە تەنھەرىكەت زالى يوق بولغانلىقتىن ئۈچ يىل قوشنا يېزا بايسېيىتقا قاتناپ، مەشقلىنىپ يۈردى. مۇنىردىننىڭ چېلىشىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى. مۇشۇ مەھەللىمىزنىڭ بالىسى تۇرسۇنمەھەممەت مۇشۇ يېڭى يىل ئالدىدا ماڭا كېلىپ، تەنھەرىكەتنىڭ يېڭى تۈرى چىقىپتۇ، ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش دېگەن، شۇنىڭغا ئاستانادا بولىدىغان مۇسابىقىگە بالاڭنى ئاپىرىپ قاتناشتۇراي، دېگەن ئىدى. شۇ يەردە ئوغلۇم قازاقىستان چېمپىيونى بولۇپ كەلدى. بۇنىڭغا بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق. يېقىندا ئۇنىڭ رۇسىيەگە بېرىپ، مىس مېدال ئېلىپ كەلگىنىگىمۇ قاتتىق خۇشال بولدۇق. مۇشۇ جەھەتتە ھەممە ياقتىن قوللاپ-قۇۋەتلىگەن يۇرتۇمغا، ئاساسەن ياشلىرىمىزغا چەكسىز رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.»

رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەم ترەنەرى تۇرسۇنمەھەممەت ئابدۇللايەف (سولدىن بىرىنچى) بىلەن. 2022-يىل 24-ماي، رۇسىيە.
رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەم ترەنەرى تۇرسۇنمەھەممەت ئابدۇللايەف (سولدىن بىرىنچى) بىلەن. 2022-يىل 24-ماي، رۇسىيە.
RFA/Oyghan

ئىگىلىشىمىزچە، يېزىنىڭ ئىلگىركى يىگىتبېشى مەرھۇم نۇراخۇن مەتباقىيېف، ھازىرقى يىگىتبېشى نۇرئەخمەت ئابدۇللايېف، قېييۇمبەك نۇرىدىنوف ۋە باشقىلارنىڭ رەھبەرلىكىدە يېزىنىڭ ياشلىرى ھەم چوڭلىرى بىرلىشىپ سالغان تەنھەرىكەت زالى، ھازىر مەخسۇس كىيىم-كېچەك ئالماشتۇرىدىغان ۋە يۇيۇنىدىغان بۆلمىلىرى، مەشقلىنىش زالى، شۇنداقلا باشقىمۇ ھاجەتلىك نەرسىلەرگە ئىگە كەسپىي تەنھەرىكەت زالىغا ئايلانغان. ئۇنىڭغا يېزىدا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەرنىڭ بالىلىرى كېلىپ، تەجرىبىلىك ترېنېرلارنىڭ قول ئاستىدا مەشىقلىنىدىكەن.

مۇنىردىن ئەكرەم 2007-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان، كېيىنچە ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆز يۇرتى قىزىل شەرق يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ شۇ يېزىدىكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن شۇ جايدا مەشقلىنىپ كەلمەكتىكەن. ئۇ 11-سىنىپنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزى ئارمان قىلغان ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدا ئوقۇشنى خالايدىكەن ھەم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى يەنىلا داۋام قىلماقچىكەن.

رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەمنىڭ ئەكرەم نۇردۇنوفتىن پەخرىي يارلىق تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقان پەيتى. 2022-يىل -24ماي ئالمۇتا.
رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇنغا ئېرىشكەن مۇنىردىن ئەكرەمنىڭ ئەكرەم نۇردۇنوفتىن پەخرىي يارلىق تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقان پەيتى. 2022-يىل -24ماي ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكرەم نۇردۇنوف ئەپەندى 24-ماي كۈنى ئۆزنىڭ ئورۇنباسارلىرى، شۇ جۈملىدىن چېلەك رايونى تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەھبىرى مەسىمجن مەخسۇم ئوغلى بىلەن ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىغا بېرىپ، چېلەك رايونىنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىنى كۆتۈرىۋاتقان، ياشلارغا ئۈلگە كۆرسىتىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلكىنى تىلغا ئالدى.

ئەكرەم نۇردۇنوف مۇنداق دېدى: «تۇرسۇنمەھەممەت ئابدۇللايېف، نۇرئەخمەت ئابلۇللايېف، پولات داناخۇنوۋغا ئوخشاش بىزنىڭ داڭلىق ترېنېرلىرىمىزغا ‹ساخاۋەت› مېدالىنى تاپشۇردۇق. شۇنداقلا بىز ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئېلىپ، ئېلىمىز قازاقىستاننىڭ شەنىنى قوغدىغان، خەلقىمىزنى چوڭ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنگەن ياش تەنھەرىكەتچىلىرىمىزدىن يېقىندا سانكىت-پېتېربۇرگتىكى دۇنيا مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇن ئالغان مۇنىردىن ئەكرەمگە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي يارلىقىنى تاپشۇردۇق. شۇڭا مەن مۇنىرىدىننى پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. شۇ ياشلىرىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن قوللاۋاتقان ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا، بارلىق جانكۆيەرلىرىمىزگە چوڭ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن!»

رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قازاقىستان كوماندىسىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2022-يىل 24-ماي، ئالمۇتا.
رۇسىيەدە ئۆتكەن ھەربىي نەيزىلىشىپ جەڭ قىلىش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قازاقىستان كوماندىسىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2022-يىل 24-ماي، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى پەقەت قازاقىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتلاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، زاكىر توختىيېف، غوپۇر توختىيېف، ھېمىت توختاخۇنوف قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىكەن. ھازىر ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە يېتىلىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋىي قوللاپ-قۇۋەتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.