ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى نارىمان قۇربانوف ئاسىيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2022.06.23
ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى نارىمان قۇربانوف ئاسىيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى دوھادا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە نارىمان قۇربانوف ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. 2022-يىلى 18-ئىيۇن، قاتار.
RFA/Oyghan

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى رۇس تىللىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتى گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى نارىمان قۇربانوفتا بولماقتا. يېقىندا، يەنى 15-18-ئىيۇن كۈنلىرى قاتار پايتەختى دوخادا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىگە قازاقىستان كوماندىسىمۇ قاتنىشىپ، ئومۇمىي نەتىجىلەر بويىچە 5-ئورۇننى ئىگىلىگەن. شۇ جۈملىدىن كوماندا ئەزاسى، يەنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى نارىمان قۇربانوف كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرىمۇ قازاقىستاننىڭ شەنىنى قوغداپ، بىر نەچچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ۋە بۇ جەرياندا چوڭ ئۇتۇقلار قازىنىپ، كوماندىسىنى، ئاتا-ئانىسىنى، ئۇستازلىرىنى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇشال قىلغانىدى. بۇ قېتىم نارىمان قۇربانوف توغرىلىق خەۋەرلەر ئۇنىڭ رەسىمى بىلەن قازاقىستاننىڭ «نۇر»، «قاز تاگ»، «لىتېر»، «قازاقاخبارات» ئوخشاش ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دوخادا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر گىمناستىكىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە ئۆز ھۈنەرلىرىنى نامايان قىلغان. نارىمان قۇربانوف بۇ قېتىممۇ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا، بىرىنچى ئورۇننى ئىيوردانىيە، ئۈچىنچى ئورۇننى خىتاي گىمناستىكىچىسى ئىگىلىگەن.

دوھادا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە نارىمان قۇربانوف(سولدا) ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. 2022-يىلى 18-ئىيۇن، قاتار.
دوھادا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە ئاسىيا مۇسابىقىسىدە نارىمان قۇربانوف(سولدا) ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. 2022-يىلى 18-ئىيۇن، قاتار.
RFA/Oyghan

بىز نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قىتئەلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مېدالىم. بۇ قېتىم مەن ماھارىتىمنى خېلى ياخشى ئورۇنلىدىم. ئۆز ئالدىمغا ئىجرا قىلىپ كۆرسىتىمەن دەپ ئويلىغان بارلىق قىيىن ماھارەتلەرنى تولۇق كۆرسىتەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. كوماندىمىزغا بەش ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىرىش ۋە ئىككى مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى قويۇلغانىدى. شۇنىڭغا تىرىشىپ، بىز ھەقىقەتەنمۇ بەش ئەڭ كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، ئىككى مېدالغا ئېرىشتۇق ۋە دۇنيا مۇسابىقىسىگە رۇخسەت قەغىزى ئالدۇق. مەن كۈمۈش مېدال، سەپدىشىم مىلات كارىمى مىس مېدالغا ئېرىشتۇق. مېنىڭ ئاساسىي رىقابەتچىم تەيۋەنلىك لى چىنكەي بولدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرى بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى بولغانىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇندىنلا مۇسابىقىلىشىشنى ئارمان قىلغان. بۇ قېتىم مەن ئۇنى يېڭىۋالدىم. مەن بىر نەچچە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۈم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلمىدىم. ئەمما ئاسىيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالمۇ بۇ خېلى مۇناسىپ نەتىجە. مەن ھازىر مۇشۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا بولىدىغان ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇسابىقىسىگە، ئاندىن نويابىردا بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىمەن. مېنىڭ باش مەقسىتىم ئالتۇن مېدال ئۈچۈن كۈرەش قىلىش».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر، نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇستازى مەخمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى دوخادا ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدە مۇسابىقىنىڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا شاگىرتلىرىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقىغا ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ئاسىيا، جۈملىدىن 15تىن ئوشۇق ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار قاتناشتى. ئۇنىڭغا خىتاي، ياپونىيە، كورېيە، ۋىيېتنام، تەيۋەنگە ئوخشاش گىمناستىكا بويىچە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى چېمپىيونلىرى، كۆپ مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى ئاتالغان تەنھەرىكەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ھەيۋەتلىك مۇسابىقە بولدى. مانا شۇنداق كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ قاتنىشىشىغا قارىماي، بىز ئەڭ كۈچلۈك بەش كوماندا سېپىگە كىرىشكە تىرىشتۇق ھەم مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. ئەمدى مۇشۇ ئۇتۇقىمىز كوماندىمىزغا ئۆكتەبىر ئېيىدا ئەنگلىيە شەھىرى لىۋېرپۇلدا ئۆتىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا يول ئاچتى».

مەخمۇت ئىسكەندەروف قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ، بولۇپمۇ نارىمان قۇربانوف بىلەن مىلات كارىمىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇتۇقىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نارىمان ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ تىزىمىدا دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ بىر نەچچە باسقۇچلىرى بويىچە مىس مېداللارمۇ، كۈمۈش مېداللارمۇ، ئالتۇن مېداللارمۇ بار. لېكىن ئاسىيا مۇسابىقىسى مېدالى يوق ئىدى. نارىمان دوخادا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن كۈرەشكە چۈشتى. بۇ چوڭ گەپ. مەزكۇر مۇسابىقىدە، ئەلۋەتتە، يىقىلىپ چۈشكەنلەرمۇ بولدى. خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرمۇ بولدى. نارىمان بۇ قېتىم ئۆزىنى قاتتىق ساقلىدى. ھەتتا بەزى مەشىقلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ھەر بىر ھەرىكەتتە تەنھەرىكەتچىنىڭ پسىخولوگىيەسىمۇ چوڭ رول ئوينايدۇ. نارىماننى بۇ تەرەپتىنمۇ مەن ياخشى بىلىمەن. ئۇنىڭ ھازىر كەيپىياتى ئۈستۈن. ئەمدى نارىمان مەشىقلىرىنى پەيدىن-پەي مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. مىلات كارىمىمۇ ياخشى ھۈنەر كۆرسەتتى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار.»

مەخمۇت ئىسكەندەروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق گىمناستىكىچىلار، جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەر كېلەچەكتىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە بار ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشماقتا. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ياش بولغىنىغا قارىماي، چوڭ پىلانلارنى قۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، تايكەۋاندو( يەكمۇيەك ئېلىشىش )، جىيۇ جىتسۇ(بىرازىلىيەچە ئېلىشىش)، چامباشچىلىق، گىمناستىكا ۋە باشقا تۈرلىرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.