قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تەنھەرىكەت چېمپىيونلىرى تەقدىرلەندى
2022.09.07
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان پانفىلوف ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەجلىس زالىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇچرىشىشتا جۇمھۇرىيەت ۋە دۇنيا دەرىجىسىدە تونۇلغان تەنھەرىكەتچىلەر تەقدىرلەندى. ئۇنىڭغا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەت ئاكتىپلىرى قاتناشتى.
قازاقىستاننىڭ پانفىلوف ناھىيەسى، يەنى ياركەنت تەۋەسى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش رايون بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاقلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ياشايدۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا بۇ يۇرتتىن كۆپلىگەن دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئىگىلىك رەھبەرلىرى ۋە باشقىلار يېتىلىپ چىققان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ رايوندىن ياش تەنھەرىكەتچىلەرمۇ تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتماقتا. ئۇلار تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە دۇنيا مىقياسىدا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە. شۇلار ئىچىدە تەنھەرىكەتنىڭ «گرېپپلىڭ»، يەنى يېقىندىن ئارىلاش چېلىشىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلارمۇ بار.
«گرېپپلىڭ» ئادەتتە بىر نەچچە خىل چېلىشىش، شۇ جۈملىدىن بىرازىلىيەدە جيۇ-جىتسۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەن-ھەرىكەتنىڭ بىر تۈرىدۇر. نۇر-سۇلتاندا ئۆتكەن بۇ ماسابىقە «گرېپپلىڭ» ھەۋەسكارلىرىنىڭ دۇنيا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا مەملىكەت پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە «گرېپپلىڭ»، يەنى يېقىندىن ئارىلاش چېلىشىش تۈرى بويىچە ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسى ئاساسىي سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازاد گايىتوف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ ئەزاسى سابىت ھاجىم يۈسۈپوف، پېشقەدەم ئۇستاز ئالىمجان تاشمەتوف، مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ئايۇپوۋالار ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتكارلار بىلەن بىر قاتاردا كۆپ ساندىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىمۇ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، سوۋغىلىرىنى تاپشۇردى. شۇلار ئىچىدە يېقىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شارلوتت شەھىرىدە ئۆتكەن ئارتىسلىق سۇ ئۈزۈش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ياسمىنا ئىسلاموۋامۇ بولدى.
ئۇچرىشىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ياركەنت ئاھالىسى نۇر-سۇلتان شەھىرىدىن قايتقان ئاسىيا چېمپىيونلىرىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
ئەنە شۇ ئاسىيا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن فارۇخ مەرۈپجانوفنىڭ ئېيتىشىچە، «گراتسىياباررا-ياركەنت» كۇلۇبىدىن 20 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ 19 نەپىرى چېمپىيون بولغان. ئالپامىس ئۇسابايېف، ئىلياس ئابدۇللايېف، سايىت ئىمىنوف، سافىنا سالايدىنوۋا شۇلار جۈملىسىدىن. مەزكۇر كۇلۇبنى ھازىر چېلىشىشنىڭ بىر نەچچە تۈرلىرى بويىچە جۇمھۇرىيەت ۋە خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى بەختىيار تايىپوف باشقۇرىدۇ. ئومۇمەن مۇسابىقىگە رۇسىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن بولۇپ، 100 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى ئىشتىراك قىلغان.
2006-يىلى ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ھازىر جامبۇل نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 11-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان فارۇخ مەرۈپجانوف مەزكۇر مۇسابىقىدە يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ جيۇ-جىتسۇ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا بۇ يىل تۆت يىل بولدى. مېنىڭ تەنھەرىكەتكە قىزىققانلىقىمغا ئاتا-ئانام قارشى بولمىدى. مەكتەپتىكى مۇئەللىملىرىممۇ قوللىدى. بۇ مەن ئۆزۈم تاللىۋالغان تەن-ھەرىكەت تۈرى بولغانلىقتىن مەن ئۇنى ئاخىرىغىچە داۋام قىلىمەن، دەپ ئويلايمەن. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ تۇرغىنىم. شېرىكلىرىمنى يېڭىپ، ماڭا مېدال تاپشۇرغاندا قاتتىق خۇشال بولدۇم ۋە مەغرۇرلاندىم. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى بىزگە قاتتىق تەلەپ قويدى. ئۇزاق تاللىدى. قازاقىستان بويىچە بىر نەچچە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇق. ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قويغان مەقسىتىم دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش. بۇ مېنىڭ ئەڭ بىرىنچى چوڭ ئۇتۇقۇم. ئەلۋەتتە، مەن بىرىنچى نۆۋەتتە، مېنى دائىم قوللاپ كەلگەن ئاتا-ئانامغا رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا بىزنىڭ ترېنېرىمىز بەختىيار تايىپوفنىڭ رولى چوڭ بولدى. ئۇ ۋاقتىنى، بىلىمىنى، كۈچىنى ئايىماي، دائىم بىز بىلەن بىللە بولدى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدا بىزنىڭ كوماندا بىر نەچچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، غالىپ ئاتالدى. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇتۇقىمىزنى ياركەنت خەلقى كوچىغا چىقىپ قارشى ئالدى. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق روھلاندۇق.»
ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تۇرغانجان زايىتوف مۇنداق دېدى: «ياركەنت تەۋەسى كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئولىمپىك ئويۇنلىرىنىڭ چېمپىيونى نۇرباقىت تېڭىزبايېف، جيۇ-جىتسۇنى ياركەنتكە ئېلىپ كەلگەن ئارمان روزاخۇنوف، ھازىرقى مەشىقلەرنى ئۈگەتكۈچىلەر يۈسۈپجان ۋەلىيېف، ئىلشات ئوسمانوف، بەختىيار تايىپوف، ئەكۋەرجان نىيازوف. چوڭ چىغان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مۇئەللىمى ئەزىز ئابدۇسالاموف بىلەن يالقۇنجان غوجاشېفنىڭ شاگىرتلىرى-ۋالىبولچى قىزلار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېمپىيونلىرى ئاتالدى. ناھىيەدە كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت مەكتىپى بىلەن 50 تىن ئوشۇق كۇلۇبتا پۇتبول، ۋالىبول، شاھمات، شاشكا، جيۇ-جىتسۇ ۋە باشقىلاردىن مەشىقلىنىۋاتقان بالىلار كۆپ.»
ياركەنت تەۋەسىدىن ئىلگىرىمۇ تەنھەرىكەتنىڭ ھار خىل تۈرلىرى بويىچە چېمپىيونلار چىققان. قازاقىستان، ئاسىيا قىتئەسى ۋە دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بىر نەچچە مەرتەم چېمپىيون بولغانلارنىڭ ماھىرى گۈلمىنەم ئىمىنوۋامۇ جيۇ-جىتسۇ ۋە «گرېپپلىڭ» بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يۇقىرىدا ئاتالغان بەختىيار تايىپوفنىڭ شاگىرتى.