«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-04-15
Share
«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆردى مەركىزى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

مەزكۇر ژۇرنال سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي مەزمۇندىكى پەسىللىك ژۇرنال بولۇپ، تۇنجى سانىدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ژۇرنالغا يازغان كىرىش سۆزى، ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىنىڭ «ترامپنىڭ سىياسىي مىراسى»، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەلىكزادە خانىم يازغان «خىتاي-يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا شەرتنامىسى»، مۇھەممەدئەلى ئورخۇن ئەپەندى يازغان «خىتاي ئارمىيەسى ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدەملىرى»، يالقۇن ئۇلۇغيول ئەپەندى يازغان «خىتايچە بىرلىكسەپ ئەندىزەسى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى سايلام ئانالىزىدىن يەكۈنلەر» ۋە ئادىلجان ئەرئۇيغۇر يازغان «ۋەھىمە كۈلتۈرى» قاتارلىق ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ ئاخىرىدا يېڭى نەشىر قىلىنغان بىر قانچە مۇھىم كىتاب تونۇشتۇرۇلغان.

بىز مەزكۇر ژۇرنال ۋە ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 2018-يىلى خەلقئارانىڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا دەۋانى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنى ياخشى بىلىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى يۈزسىدىن «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بۇ ژۇرنالنى تەسىس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا 5 پارچە ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ماقالىلەر ئىكەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئورۇن بېرىلگەن ماقالىلارنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى ژۇرنالنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىكى بىر ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، ماقالىلار مەزكۇر ژۇرننالنىڭ ئەسەر باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن كۆرۈلۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئېلان قىلىنىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ژۇرنالنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلماقچى بولغان ئاپتورلارنىڭ ئىلمىي سالاھىيەتكە ئىگە ياكى مول تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىسلەر بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇ ژۇرنالنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلىتىلىشىگە سەھنە ھازىرلاش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق بۇ ژۇرنالنىڭ ئەسەر باھالاش ھەيئىتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئابدۇرەھىم دۆلەت، رۇقىيە تۇردۇش، نىجات تۇرغۇن، ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ۋە يالقۇن ئۇلۇغيول قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت