پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى: بىزنىڭ مەقسىتمىز ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش

29-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا، «خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ يىغىن ئىستانبۇلدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇرلار، تېۋىپلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكىگە ئالاقىدار 30 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى، مۇدىر ۋراچ ۋە پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندى ئېچىلىش سۆز قىلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەسمىيەتسىز ۋە ياكى يەككە ھالەتتىكى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندى «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكنىڭ تەرەققىيات تارىخى باسقۇچلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ۋە تارىخى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مىلادىيدىن ئىلگىرى 375-460-يىللار ئارىسىدا ئوتكەن تېۋىپ غازباينىڭ خوتەندە ياشىغانلىقىنى، ئۇنىڭ 312 خىل دورا ھەققىدە «غازباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» دېگەن مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ھاجى ئۇچقۇن «دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى تېبابەتلەر ۋە ئۇلارغا ئائىت سىياسەتلەر»، دوكتور نامەتجان مۇھەممەد ياغما ئەپەندى «چەتئەلدە ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن پۇرسەتلەر ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر»، دوكۇر مەغپىرەت بوزلار «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە باشقا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكتە قوللىنىدىغان بەزى ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ تەسىرلىشىشىگە بىر نەزەر»، ماھىرنۇر مۇھەممەد ئەمچى «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك نەزەرىيە ئىلمىنىڭ ھازىرقى زامان تەتقىقات نەتىجىلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە نەتىجىسىدە، «خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمئىيىتى» نامدا جەمئىيەت قۇرۇلغان ۋە «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي ژۇرنىلى» نامىدا ھەر ئالتە ئايدا بىر نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنال تەسىس قىلىنغان ۋە بۇ ژۇرنالنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلمىي ماقالىلەردىن 30 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن تۇنجى سانى نەشر قىلىنغان.

بىز بۇ يىغىن ۋە ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندى ۋە باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپى، 12-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەخپە ئۇيغۇر تېبابىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش، ساقلاپ قېلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇشنى شۇنداقلا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان ئۇيغۇر تېبابىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن.

پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى داۋالاش كەسپى، ئىككىنچىسى دورىگەرلىك كەسپىدۇر. دورىگەرلىك كەسپىنى ئۆگىتىش ئۇيغۇر دىيارىدا توختىتىلغان ۋە 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك زاۋۇتلىرى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىلگەن ۋە ئۇيغۇر شىركەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن ھۆددە ئالالمىغان ۋەياكى بەزى خىتاي شىركەتلەر ئۇيغۇرلار بىلەن شېرىك بولۇپ دورا ياسىغان. بىراق، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن خىتاي شىركەتلىرى رېتسېپلارنى سېتىۋېلىپ ئۆزلىرى دورا ياساشقا باشلىغان ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان يەككە تىجارەتچىلەرگە چەكلىمە قويغان.

يىغىن ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دورىگەر ئادىلجان بۇ يىغىندىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ شۇلارنى بايان قىلدى: ۋەتەندە پېشقەدەم تېۋىپلىرىمىز بىر-بىرلەپ دۇنيادىن كېتىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا خىرىس قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ۋەخپى مەسئۇلى مۇتەللىپ ئەلىھاجى ئەمچىنىڭ باشچىلىقىدا ۋە بىر قىسىم تېبابەت خادىملىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىن ئۇيغۇر تېبابىتىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر تېبابىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىنىشكىسىز ياكى يەككە ھالەتتىكى ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىنى قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلىھاجىم ئەمچى ئەپەندى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ئەمەلىي داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك توغرىسىدا د 30 پارچىدىن ئارتۇق تېببىي كىتاب ۋە دەرسلىك يازغان. ئۇ، 2016-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تېبابەت ساھەسىدە كۇرس ئېچىپ تېۋىپ يېتىشتۈرمەكتە ئىكەن.