خۇدسۇن ئىنستىتۇتىدا ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.29
hadson-sophi-instituti-hudson ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتىدا «كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن قوللانما: ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2025-يىلى 28-نويابىر.
Photo: RFA

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدسۇن ئىنستىتۇتى 28-يانۋار كۈنى ئولىۋىيا ئېنوس، سوفىي رىچاردسون، ئانوك ۋېر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەييارلىشىدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان «كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن قوللانما: ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

تېخنولوگىيە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى يادرولۇق رىقابەت مەيدانىغا ئايلانغان، تاموژنا بېجى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى كەسكىن قورالى بولۇۋاتقان، شۇنىڭدەك ئامېرىكادىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلاش جىددىي قانات يېيىۋاتقان بىر پەيتتە سۇنۇلغان بۇ دوكلاتتا، يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قانداق سىياسەت تۇتۇشى ھەققىدە ئەتراپلىق تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خۇدسون ئىنستىتۇتى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 28-يانۋار يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئەركىنلىك سارىيى، تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەييارلانغان بۇ دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلغان.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، خۇدسۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىكنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىدىكى كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسى، بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مايكېل سوبولىك مۇنداق دەيدۇ: «دىققەت قىلارلىق بىر نۇقتا شۇكى، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى كۆرۈنەرلىك مەسىلە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭ ئامېرىكادا ئىنتايىن ئىختىلاپلىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىشىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە مەزكۇر دوكلاتتىكى كەلگۈسى سىياسىي تەۋسىيەلەرنىڭ بىرى. شۇڭا بىز توختىلىۋاتقان مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، خىتايدىن قېچىپ كەلگەن بەزى مىللەت كىشىلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا ئېتىبار بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش پىروگراممىلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەر، نۆۋەتتە كۈنتەرتىپتىكى سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا».

ھالبۇكى، يىغىندا «خوڭكوڭنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي مەھلىھەتچىسى ئانوك ۋېر (Anouk Wea)  مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق تەۋسىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئانوك ۋېر مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ مەسىلە بىزنىڭ سۇنغان تەۋسىيەلىرىمىزنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدۇر. خىتاينىڭ تەھدىتى ھەققىدە سۆزلەش، ئۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك بولۇش، خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتىگە قارشى تىركىشىش دېگەنلەر ئىنتايىن مۇھىم پىكىرلەر. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭغا قارشى بىزنىڭ قانداق كونكرېت ئىشلارنى قىلىشىمىزدۇر». ئانوك ۋېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتى ۋە تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى، بۇ كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەرنى قوللاش ۋە قوغداش ئىكەن.

ئانوك ۋېر مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەھدىتى ۋە تەسىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى مۇھىم  يوللارنىڭ بىرى، بۇ كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەرنى قوللاشتۇر. بۇ خىتاينىڭ جازالىشىدىن قېچىپ ئامېرىكاغا كەلگەن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار مەيلى ئۇلار خىرىستىيان، مەيلى  دېموكراتچى ياكى باشقىلار بولسۇن». ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا تاشقى سىياسەت ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنى قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

يىغىندا «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى» نىڭ قوش رەئىسى سوفىي رىچاردسون، تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. سوفىي رىچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار بىر قانۇنىي ئېنىقسىزلىقنىڭ ئىچىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. سوفىي رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن، تايلاند ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرغان تەقدىردە ئامېرىكانىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كىشىلەرنى قويۇپ بەرمەي، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئون ئىككى يىلدىن بېرى ئىنتايىن ناچار شارائىتتا، خەلقئارا قانۇننىڭ مۇساپىرلار ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا تېڭىلغان قانۇنىي ئېنىقسىزلىق ئىچىگە مەھكۇم قىلىندى». سوفىيە رىچاردسوننىڭ تەكىتلىشىچە،  ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان. سوفىي رىچاردسون «ئالاقىدار مۇساپىرلار ئورگانلىرى، بولۇپمۇ ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى بۇ كىشىلەرنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى. ئەسلىدە ئۇلار بۇ كىشىلەرنى ناھايىتى ئاسانلا مۇساپىر، دەپ ئېلان قىلالايتتى» دەپ تەكىتلەيدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، نۆۋەتتە ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ بۇ كىشىلەرگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرمەسلىككە، دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلماسلىققا ھېچقانداق سەۋەبى يوق. پاكىت شۇكى، بۇنىڭ ئۆزى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر چاقىرىقتۇر. بۇ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك تەشكىلسىز، شۇنىڭدەك بېيجىڭنىڭ بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش غەرىزىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە».

بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلاردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيەلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پىرېزىدېنت ترامپ سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى تازىلايدىغانلىقى ھەم چېگرانى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى دەرھال مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «ئامېرىكانىڭ تۇغما ۋەتەنداشلىق قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ، سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى توڭلاتقان. شۇنىڭدەك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە ھەيدەپ چىقىرىشقا باشلىغان ئىدى. ھالبۇكى، مايكېل سوبولىكنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ يادروسىنى تېخنولوگىيە رىقابىتى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخنولوگىيەدىكى بارلىق يېڭىلىقلار كىشىلىك ھوقۇققا تاقاشماقتا ئىكەن.

مايكېل سوبولىك مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ھەقلىق رەۋىشتە تېخنولوگىيە ساھەسىگە نۇقتىلانماقتا. ئەلۋەتتە، ھازىرقى بۇ تېخنولوگىيە 21-ئەسىردە ھەل قىلغۇچ  بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋاشىنگتون-بېيجىڭ ئارىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك رىقابەتنىڭ مەركىزى ئۇرۇش مەيدانى بولىدۇ. بۇنىڭدىن قاچقىلى بولمايدۇ. لېكىن دىققەت قىلارلىق نۇقتا شۇكى، بۇ تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىقلار ھەر قېتىم كىشىلىك ھوقۇققا بېرىپ تاقاشماقتا».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.