ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى ۋە لاگېرلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالقىشلاندى
2024.05.23
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق بىر مەھەل دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭدا يېڭى يۈزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل رېئاللىققا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىسمەتلەرنىڭ قانداقتۇر ئۆتكۈنچى ھادىسە ئەمەس، ئەكسىچە سىستېمىلىق ھالدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش تىرىشچانلىقى 22-ماي كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسۋىرى كۆرۈنۈشى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئەكس ئەتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان بۇ قېتىملىق يىغىننى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قېتىملىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى دېگەندىن كۆرە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى دېيىش مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى قۇدرىتىنى دەستەك قىلغان ھالدا خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى بۇ قېتىم نامايان قىلغان رېئاللىق خىتاينىڭ قانداق يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
«ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم!»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر تىلى بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، دوكتور رىشات ئابباسنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت نىشانى قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمى تۈپەيلىدىن مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىقىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئەمگىكى سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىققان بەش قىسىملىق «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» كىتابى ئېلىپبە باسقۇچىدىن تاكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇشلۇققىچە بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش توپلام بولۇپ، نورمالدا بىرنەچچە يىللىق ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك. بۇ كىتابقا ئەجىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئەزىز بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان قىزىل تاشلق ھۆججەت چىقىرىپ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقاردى. ئەمما بۇ دەرسلىك كىتابلار بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىزدىكى بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى» دەپ كۆرسەتكىنىدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ توپلامغا سىڭدۈرگەن كوللېكتىپ ئەمگىكى يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئوڭۇشلۇق تاماملانغان.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەمىد قاراخان يىغىن ئەھلىگە بۇ توپلامنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ توپلامنى ئىشلەش بىرنەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇنىڭ ئومۇمى لايىھەسىنى قانداق تۈزۈش ۋە قانداق تاماملاش ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىنغان. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا «قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىملىق باش قوشۇش يىغىنى چاقىرىلغان. بۇ جەرياندا مەزمۇن، قۇرۇلما ۋە شەكىل قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىپ، «دەرسلىك كىتاب ھەقىقىي مەنىدە ئۇيغۇرچە بولۇش، شەرقىي تۈركىستان روھى دەرسلىك كىتابتىن ئورۇن ئېلىش، ئوقۇش-يېزىش-ئاڭلاش بىر گەۋدىلىشىش» دېگەندەك ئاساسىي پىرىنسىپ قوبۇل قىلىنغان. ئەنە شۇ يوسۇندا دەسلەپكى سىناق نۇسخا بولغان بەش قىسىملىق توپلام دۇنياغا كەلگەن.
ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سكوت ۋوردېن (Scott Worden) دەل مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا، مۇشۇنداق بىر دەرسلىك گۇرۇپپىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ ئەمەلىيەتتە يوقىلىۋاتقان بىر گۈزەل تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇنىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى باسقۇچلىرىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان.
نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلاردا ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان ۋە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىر تۇتاش دەرسلىكنىڭ كەمچىل بولۇشى بىر زور قىيىنچىلىق بولۇپ بىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇ خىلدىكى دەرسلىك كىتابلارنىڭ كۆپلەپ نەشر قىلىنىشى دەل ئاشۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم قەدەم، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.
«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ!»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ بىلىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان بۇ ھەقتە ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت ئامېرىكا بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارارنىڭ ئېلىنىشى، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى دەسلەپكى قەدەملەر سۈپىتىدە بىرنەچچە قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى بۇ جەھەتتە بىر خەلقئارالىق ئۈلگە ياراتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا ئالاقىدار قەدەم-باسقۇچلىرى ئاللىقاچان خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ نىشان قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ خەۋپ بولۇۋاتقانلىقى تېخىمۇ ئاشكارا بولدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت ياردەمچى مىنىستىرى ئاللىسون پىتېرس (Allison Peters) نىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ ۋە بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ. ئۇ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە سۆز بولغاندا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەرقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە» دېدى.
ئاللىسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەيدانى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلار تورى ھاسىل قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇنبىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كەلمەكتە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئىزچىل تۈردە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلماقتا. گەرچە ھازىر بۇ خىلدىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىگەن بولسىمۇ بوشاشماستىن «ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىنى بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرنەچچە قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشىغا زور ئەجىر قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ياڭ كىم (Young Kim) خانىممۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ پىكرىچە، كوللېكتىپ ھالدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇشۇ خىلدىكى سادالارنى ياڭرىتىش ئۆز نۆۋىتىدە بۇ خىلدىكى سادالارنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئاچىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئاۋاز چىقىرىش تېخىمۇ مۇھىم. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق بىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقاندا بۇنداق سادالار توختاپ قالماسلىقى، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا تېخىمۇ كونكرېت بولغان ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزى تونۇشتۇرغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانمىغۇچە بۇ يولدىن ھەرگىزمۇ قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان كىشىلەردىن توم سۋازى (Tom Suozzi) ئەپەندىمۇ مۇشۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى پەيدا قىلغان جاراھەتلەر مۇشۇ ئەۋلاد بىلەنلا تۈگەپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە بۇنىڭ تەسىرى كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى سەرپ بولىدىغان بۇ خىل تۈرلەرنى قوللاشقا تېخىمۇ كۆپ ساھەلەرنى جەلپ قىلىش زۆرۈر. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى قانداق قىسمەتلەرگە ۋە كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىدۇ. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنغىلى ئىككى يىل بولۇپ قالغاندا، بۇ تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن بولۇۋاتقان كۈچلەر ھە دېسە ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرگە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا سانى كۆپ بولمىغان كىچىك گۇرۇپپىلار ھەرگىزمۇ روھىنى چۈشۈرمەستىن ھەققانىيەت ئۈچۈن بولۇۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىشى، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ قوللاش ۋە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يول ئېچىشى لازىم.
«جازا لاگېرلىرى مەن ئويلىغاندىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەن!»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنى ئەڭ تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن ھۆججەتلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى ئىچكى ئارخىپلار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ لاگېر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى قاتتىق بىر چالغىتقان ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «ھۈنەر-تېخنىكا ئۆگىنىش ئورنى» دەپ پەردازلاۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان، شۇنداقلا خالىغان شەكىلدىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى جانلىق يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. يىغىن مەيدانىغا چۆرىدەپ تىزىلغان تاللانما سۈرەتلەر تاختىسى دەل ئاشۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى مەسئۇل بولۇپ تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى ئۈچ ئۆلچەم (3D)لىك لاگېر تەسۋىرى بۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كونكرېتلاشقان تەسۋىرىي بايانى شەكلىدە يىغىن ئەھلىگە سۇنۇلدى.
بۇ تۈرگە مەسئۇل بولغان كىشىلەردىن بەختىيار ئۆمەر بۇ خىزمەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە لاگېرلاردىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيناشنى كىشىلەرگە ئەڭ زور دەرىجىدە جانلىق كۆرسىتىپ بېرىشنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇلار تەييارلىغان ئۈچ ئۆلچەملىك لاگېر تەسۋىرى لاگېرلارغا مەھبۇسلارنى ئېلىپ كېلىش، ئۇلارنى سوراق قىلىش، تۈرلۈك تېببىي سىناقلارنى تەتبىقلاش، جىسمانىي قىيناق، سىياسىي مېڭە يۇيۇش، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ھالقىلارنى جانلىق شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق يىغىن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پىرو توزى (Piero Tozzi) ئەپەندى بۇ خىلدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرنىڭ بىر مۇھىم قىسمى بولغان دۇربۇنلۇق كۆزئەينەكنى بىۋاسىتە تاقاش ئارقىلىق كۆزئەينەكنىڭ ئىچكى ئېكرانىدا كۆرگەن لاگېر تەسۋىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «بۇ نېمە دېگەن دەھشەت! لاگېرلار مەن ئويلىغاندىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەن» دەپ سالدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدىكى رېئاللىقنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن پائالىيەت بولۇش سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ساھەدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكىدا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.