ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلمەكتە. لېكىن بۇ يىل كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلىدىن يىغىلىشلار چەكلەنگەن بولغاچقا سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق «ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، قازاقىستاندىكى ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندىلەر ئۇيغۇر تىلى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدا مائارىپنى چەكلىدى؟ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەن تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، بۇ يىغىننى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇنداقتا تىلنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىدىكى رولى نېمە؟ تىل پەقەتلا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇدىيىتى دېگەن بولىدۇ. بىر تىل يوق بولسا ئۇ مىللەتمۇ يوق بولىدۇ. قازاقىستاندىكى ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى بۇ خىل قاراشتىكى مۇتەخەسسىسىدۇر. ئۇ تىلنىڭ مىللىي كىملىكنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە يىغىنىدا يەنە نۇقتىلىق ھالدا تىلنىڭ سىياسەتتىكى رولىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ يىغىن ئاخىرىدا بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى سىياسەتتە تىلنىڭ بىر مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇش، ئانا تىل مەكتىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلار تەكىتلەندى.
بۇ سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ ۋە ئادەت جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراپلا قالماستىن تىلىنىڭمۇ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تىلنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىشىدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىننى باشتىن ئاخىر كۆرگەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورانتى ئېلى مەمەت ئەپەندى يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەر تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغانىدى. شۇ چاقىرىققا بىنائەن ئۇيغۇرلار، دۇنيا ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمىنىمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.
0:00 / 0:00