ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى ۋە لاگېرلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق بىر مەھەل دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭدا يېڭى يۈزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى ۋە لاگېرلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئالقىشلاندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق بىر مەھەل دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭدا يېڭى يۈزلىنىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل رېئاللىققا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىسمەتلەرنىڭ قانداقتۇر ئۆتكۈنچى ھادىسە ئەمەس، ئەكسىچە سىستېمىلىق ھالدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش تىرىشچانلىقى 22-ماي كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسۋىرى كۆرۈنۈشى» تېمىسىدىكى يىغىندا ئەكس ئەتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان بۇ قېتىملىق يىغىننى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قېتىملىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى دېگەندىن كۆرە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز بولۇۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى دېيىش مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى قۇدرىتىنى دەستەك قىلغان ھالدا خەلقئارادا ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى بۇ قېتىم نامايان قىلغان رېئاللىق خىتاينىڭ قانداق يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org