«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتى رادىيومىزدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ

ئەنگلىيەدىكى مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك قېتىملىق ئاڭلاش يىغىنى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە لوندۇندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلۈپ خەلقارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.
ئالدىنقى قېتنلىق سوت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم سوتلاشدەك بىر تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالغان.

ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىلىق سوتىنىمۇ نەق مەيداندىن ئۇلاپ خەۋەر قىلىدۇ.

4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىملىق نەق مەيدان خەۋەرلىرىمىزنى تۆۋەندىكى تۆت مەنبەدىن كۆرەلەيسىز:

يۇتۇپ قانىلىمىزدىن كۆرۈش:
https://youtube.com/user/RFAUyghur

فېيسىبۇك بېتىمىزدىن كۆرۈش:
https://www.facebook.com/ErkinAsiyaRadiosi

تىۋىتتېر بېتىمىزدىن كۆرۈش:
https://twitter.com/rfa_uyghurnews