ئالىمجان سابىرلى: نىشانىمىز پەرزەنتلەرنى ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە زامانىۋى بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش
2023.08.08

4-ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ تەلىم تەربىيە مەركىزى بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2022--2023-يىلى ئىستانبۇلدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش، مۇكاپاتلاش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «ۋەتەن ھەسرىتى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، نەسىر ئوقۇدى ۋە ھەر خىل نومۇر كۆرسىتىپ يىغىنغا قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇراسىمدا ئېچىلىش سۆزى سۆزلىگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا پەرزەنتلەرنى ياخشى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن ۋەتەن ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەمما شۇ ۋەتەننى قۇتقۇزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل، بۇ ۋەتەنگە ساھىب چىقىدىغان ياشلىرىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. پەرزەنتلىرىمىزگە كىچىكىدىن تارتىپ ئىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ زېھنى چۈشەنچىسىنى، ئەخلاقىنى، ئېتىقادىنى، ھەر قايسى جەھەتتىن ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى ناھايىتى ياخشى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك».
ئىستانبۇلدىكى بەزى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەت، دىنى ئېتىقاد ۋە قىممەت-قاراش چۈشەنچىلىرى بىلەن يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھەر خىل يەسلى، مەكتەپ ۋە كۇرسلارنى ئېچىپ تەلىم تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ئەنە شۇ خىل تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان مەركەزلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىستامۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان يازلىق تەتىللىك تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 13 سىنىپ ئېچىلىپ 270 قىز-ئوغۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇغان. ئۇنىڭ سىرتىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 4 -6 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 19 ئۆسمۈرگە مەخسۇس ئانا تىلى دەرس ئۆگىتىلىپ ئۇيغۇر تىلى ساۋاتى چىققان.
ئالىمجان سابىرلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ھەپتىدە بەش كۈن ھەر كۈنى ئالتە سائەت دەرس ئۆتۈلگەن بولۇپ، دەرسلەردە ئاساسلىقى، ئۇيغۇر تىلى، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تۈركچە، ئىنگلىزچە، ماتېماتىكا ۋە تەنتەربىيە دەرسلىرى ئۆتۈلگەن.
ئالىمجان سابىرلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى ھەممىمىزگە مەلۇم، بىزنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئانا تىلى دەرسلىرىنى ئۆگىتىۋاتىمىز، ئانا تىلىدا ھەر خىل ساھەدىكى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۇنىڭدىن زوق ئالالايدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز، ئانا تىل دەرسلىرىمىزنى بىرىنچى سىنىپتىن ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-سىنىپقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيەسى بويىچە ئانا تىلى دەرسلىرى بېرىۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشى، دىنى ئېتىقادىنى تونۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر خىل دەرس ۋە پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلارنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز».
بىز يەنە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان ھىزبۇللا قارى ئىسىملىك كىشىنى زىيارەت قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىزبۇللا قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇنىڭ، خەيرىنىسا، ھەمزە، مۇستاپا، مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىزى بار ئىكەن. ئۇ، تۆت پەرزەنتىنىڭ سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىر قىزى ۋە بىر ئوغلىنىڭ كۈچلەندۈرۈش دەرسلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر ئېلىپ دۆلەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە ئوقۇغان 30 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭمۇ شۇ نۇقتىلىق مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ يەنە ئۇيغۇر تىلى ساۋاتى چىققانلىقىنى، ھازىر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ راۋاب چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان سابىرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى 2012-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت مەكتىپىدىكى ئاساسىي دەرسلىرىنى كۈچەيتىش ۋە تەكرارلاش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئانا تىلى، ئەدەبىياتى، دىنى ئېتىقادى، تارىخ ۋە كۈلتۈرىنى پۇختا بىلگەن، يېڭى زامان بىلىملىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە قوراللانغان ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەشنى نىشان قىلغانىكەن.