ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرمىدە جازا ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە زور مىقداردا جەرىمانە تۆلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.05.31
lager-towe-aile-tawabiti.jpg «تەربىيەلەش» لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

 يېقىندا ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى يۇرتىدا تۈرمىدە 15 يىللىقتىن جازا ئۆتەۋاتقان ئانىسى ۋە سىڭلىسىغا 75 مىڭ يۈەندىن جەمئىي 150 مىڭ يۈەن «ئىشتىراپ» كەلگەنلىكى ۋە بۇ پۇلنى تۆلەشكە ئائىلىسىدە بىردىنبىر تۈرمە سىرتىدا بولغان ياشانغان دادىسىنىڭ مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپان ۋە خوتەندىكى سوت ۋە ئەدلىيە خادىملىرى، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسى تۆلەيدىغان «ئىشتىراپ» نامىدا زور بىر مىقداردا ئىقتىسادىي جازا بارلىقىنى دەلىللىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئۇچتۇرپانلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017 ‏-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئانىسى ۋە سىڭلىسى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن. ئائىلىسىدىن يېشى 70 تىن ئاشقان دادىسى كېسەل ھالەتتە بېقىشسىز قېپقالغان. يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قارىشى بىلەن تەستە كۈن كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئاتا، يېقىندىن بۇيان يېڭى بىر دەردكە مۇپتىلا بولغان. ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ساقچى خادىملىرى، ئۇنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئايالى ۋە قىزى ئۈچۈن بۇيرۇلغان 75 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە بولغان «ئىشتىراپ» دەپ ئاتالغان جەرىمانىنى تۆلەشكە قىستىغان، بۇ ئۇچۇرغا غەيرىي رەسمىي يوللار بىلەن ئېرىشكەن ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىر بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالمىغان.

بىز بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سوت خادىمى، مەھبۇس ئائىلىلىرى تۆلەشكە تېگىشلىك ئىشتىراپ يەنى جەرىمانە بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، «بار» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشتىراپنىڭ مىقدارىنىڭ ئادەتتە قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇ پۇلنىڭ مەھبۇسنىڭ «جىنايىتى» نىڭ خاراكتېرى ۋە جازا مۇددىتىگە قاراپ ھەر خىل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭغا ئۇچتۇرپاندىكى بىر مەھبۇس ئائىلىسىگە، جازا ئۆتەۋاتقان ئىككى كىشى ئۈچۈن، جەمئىي 150 مىڭ يۈەن ئىشتىراپ تۆلەشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئەسكەرتكىنىمىزدە، ئۇ 15 يىللىق كېسىلگەن ئىككى كىشى ئۈچۈن بۇ پۇلنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىشتىراپ ئاكتىپلىق بىلەن تۆلەنسە، مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتى توشقان ھامان قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

بىز يەنە «خوتەن ۋىلايەتلىك قانۇن-ئەدلىيە مەركىزى» گىمۇ تېلېفون قىلىپ، بۇنداق بىر ئىشتىراپنىڭ خوتەندىكى ئىجرائاتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم ئىشتىراپنىڭ تۈرمىگە ئەمەس سوتقا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى، ئىشتىراپ تاپشۇرۇلماي تۇرۇپ، مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىشتىراپنىڭ مىقدارى سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلىدىكەن، مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى «جىنايەت» نىڭ خاراكتېرى ۋە جازانىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ 10-20 مىڭ يۈەندىن بىر مىليون يۈەنگە قەدەر پەرقلىق بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىشتىراپ قەغەز يۈزىدە «جاۋابكار» غا قويۇلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «جاۋابكار» جازا ئۆتەۋاتقان بولغاچقا ۋە بۇ بۇل جازا مۇددىتى تۈگەشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇلۇشى كېرەك بولغاچقا، بۇ جەرىمانىنى تەبىئىي ھالدا، مەھبۇسنىڭ ئائىلىلىرى تۆلەشكە مەجبۇر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.