ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، تىرىنېر بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.05.23
ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، تىرىنېر بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى 20-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپنىڭ ئوغلى، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، تىرىنېر بەختىيار ئابدۇۋەلى ئەپەندى ئايالى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Oqurmen teminligen

ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، 20-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپنىڭ ئوغلى، ئۇنىۋېرسىتېت تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، تىرىنېر بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا جامائەتچىلىك ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلىك رولىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە سادىق ھالەتتە ياشاشتەك ھايات شەكلى بىلەنمۇ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتكەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 30 نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىلىرى، شۇنداقلا 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۆزئارا مەشرەپ ئوينىغان. بۇ مەشرەپتە ئۇنىۋېرسىتېت ماركىسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پارىيە ياچېيكا سېكرىتارى ئابدۇل ئىسمائىل پاششاپ رولىنى ئالغان بولسا، تەنتەرتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تىرېنېر بەختىيار ئابدۇۋەلى يىگىت بېشىلىق قىلغان. غۇلجادىكى سەرخىل زىيالىيلارنىڭ بۇ مەشىرىپى ئىلى جەمئىيىتىدە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى تېخىمۇ سۆيۈش ۋە قەدىرلەش قىزغىنلىقى پەيدا قىلغان بولسا؛ خىتاي دائىرىلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى پارتىيەدىن ئۇزاقلىشىش ۋە دۆلەتتىن ياتلىشىش كەيپىياتى، دەپ قارالغان. ئەمما ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ مەشرەپنى چەكلىگەن ئېنىق ھۆججىتى ياكى قانۇن-بەلگىلىمىسى بولمىغاچقا، دائىرىلەر بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا ھالدا توسۇيالمىغان. پەقەت2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى مەشرىپى «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «مىللىي بۆلگۈچىلىكنىڭ تەشۋىقات سەھنىسى» دەپ قارىلىپ، مەزكۇر مەشرەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تىرىنېر، جامائەت ئەربابى ۋە مەشرەپنىڭ سابىق يىگىتبېشى بەختىيار ئابدۇۋەلى ئەڭ دەسلەپتە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى، تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەختىيار ئابدۇۋەلى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، غۇلجادىكى زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى-ياسىنجان ئەپەندى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەشرەپ پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچىمۇ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نىجات سوپى، دىلمۇرات ئاۋۇت ۋە ئابدۇللا ئىسمائىللار بۇ مەشرەپنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى بولغان بولسا، تىرىنېر ۋە جامائەت ئەربابى بەختىيار ئابدۋۋەلى مەشرەپتە يىگىتبېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجا جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. دېيىلىشىچە، 1997-يىلى غۇلجادا مەشرەپ ئەھلى ئۆزئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە بەختىيار تىرىنېرلىق قىلغان؛ تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا سۇ قويۇۋېتىلىپ، مۇسابىقە دەخلىگە ئۇچرىغاندا، بەختىيار ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلار بىلەن سۆزلىشىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ ئەينى چاغدىكى بۇ يوللۇق ئىنكاسلىرى2017-يىلىغا كەلگەندە، «ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىش» ۋە «جەمئىيەتتە مىللىي قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلىش» دەپ بېكتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت سىياسىي بۆلۈمىىنىڭ خادىمى، دەسلەپتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشكە تەمشەلگەن ئىدى. ئۇ بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ھامان، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئەنسىز شەكىلدە بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە قانۇن تارماقلىرىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىق ھالەتتە ئىشارەتلىدى.

ئىنكاستا، تەكشۈرۈلۈش داۋامىدا بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭ يەنە مەكتەپتىكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرگەن» لىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار «جىنايى پاكىت» لارنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. ياسىنجان ئەپەندى، بەختىيارنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا بىر ئاشخانا ئاچقانلىقى ۋە بۇ ئاشخانىدا بىر قىسىم تۇرمۇشىدا قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تاماق بېرىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئابدۇرېشىت خەمىتنىڭ بۇ ئاشخانىدا بەختىيارغا ھەمكارلىشىپ بىر مەزگىل ئىشلىگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ياسىنجاننىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، بەختىيار ئابدۇۋەلى 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە درامما ئارتىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ساقلانغان دادىسى ۋە دادىسىنىڭ سەبداشلىرىغا ئائىت يازما ماتېرىياللار ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى، مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ئەسلەش جەريانىدا، بەختىيار ئابدۇۋەلىنىڭمۇ تۇتقۇنلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.