ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن شەمسىيە ھاجىبەگنىڭ پېنسىيونېر ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى
2021.08.31
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن شەمسىيە ھاجىبەگ ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى بولۇپ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىدىنلا 14 نەپىرىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئىككى پېنسىيونېرنىڭ 2018 -يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى شەمسىيە ھاجىبەگ ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىسى كامىل ئەبەيدۇللا ۋە ئايگۈل ھاجى، مومىسى تاجىنىسا ھاجى، ئاكىلىرى زۇلپىقار كامىل ۋە خالمۇرات كامىل، ئىنىسى دىلمۇرات كامىل ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولۇپ، بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنلا 14 نەپىرىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. شەمسىيەنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن 2017 -يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئالاقىسى شالاڭلىشىشقا باشلىغان ۋە بىر يىلچە تونۇشلىرىنىڭ تونۇشلىرى ئارقىلىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھايات ۋە سىرتتا ئىكەنلىكىدىن يەنى لاگېرغا ئەكېتىلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرغان. ئەمما 2018 -يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئالاقىسى بىراقلا كېسىلگەن.
بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن كامىل ئەبەيدۇللا ئاتۇش شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىدىن، ئايگۈل ھاجى بولسا ئاتۇش شەھەر يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن پېنسىيەگە چىققان. يېشىغا نىسبەتەن بالدۇر پېنسىيەگە چىقىۋالغان بۇ ئەر-ئايال، بىر مەھەل سودىغا ئاتلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلقئارا تىجارەت بىلەن ئارقىدىن ئاتۇشتا بوز يەر ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش بىلەن شۇغۇللانغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇ ئىدارىسى ۋە بانكا خادىملىرى، بۇ ئىدارىدە، بۇنداق ئىسىملىك كىشىلەر يوقلۇقى ۋە بولغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
شەمسىيە ھاجىبەگ چەتئەلدىكى كۆپ ساندىكى مۇھاجىرلارغا ئوخشاشلا بىر مەھەل ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئېھتىيات قىلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەيۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغان ھەم ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزلىرىمۇ، بىۋاسىتە ئىز-دېرىكىنى قىلمىغان. شەمسىيە ئاكىلىرى ۋە يەڭگىلىرىنىڭ ئۈندىدار ھېسابىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۈندىدارغا ھېچقانداق ئۇچۇر چىقارماسلىقىدىنلا، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلغان. چۈنكى شەمسىيەنىڭ بوۋىسى ئەبەيدۇللا 1944 -1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتۈگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈستىگە، تونۇلغان سودىگەر تۇرغۇن ھاجى ئىسىملىك بىر تاغىسى 1997 -يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ، نۇقتىلىق ئائىلىلەر قاتارىدا ئاز كەم 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل نازارەت قىلىنىپ كېلىۋاتقانىكەن.
دېيىلىشىچە، كامىل ئەبەيدۇللا بىلەن ئايگۈل ھاجى ئاتۇش شەھەر ئاھالىسىگە تەۋە بولۇپ، بىز ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئىككى پېنسىيونېرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق
مەلۇم بولۇشىچە، شەمسىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، تەلىپى كەسكىن ھالدا رەت قىلىنغان.
شەمسىيە ھاجىبەگ، ئاتا-ئانىسىڭ يېشى يىلدىن يىلغا چوڭىيىپ قېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ئۈستىدىكى ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئالاقىدار خادىملار، مەزكۇر ئىككى پېنسىيونېرنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى ئۇلارنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز قىزىلسۇ ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر پېنسىيونېرلارنىڭ كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنىڭ دېلوسىنىڭ قايسى ساقچى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى سورىدۇق. بۇ ئىدارىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر ئىككى پېنسىيونېرنىڭ دېلوسىنى، شۇڭقار ئىسىملىك بىر قىرغىز ساقچى ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى؛ يەنە بىر بۆلۈم باشلىقىمۇ ئوخشاش ئۇچۇرنى تەكرارلىدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچى خادىمى، كامىل ئەبەيدۇللا تۇتۇلۇپ «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەندىن كېيىن، تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
شەمسىيە ھاجىبەگ شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرمەمەت ئابدۇلمېجىت تۈركىستانىنىڭ ئايالى بولۇپ، بايان قىلىنىشىچە، نۇرمەمەتنىڭمۇ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 10 نەچچە كىشى لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.