شان روبېرتس بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 26-نويابىر، ۋاشىنگتون.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 26-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشى قىسمەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقاندا، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئەسىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىن پاش قىلدى.

ئامېرىكادىكى پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيەدىكى مانچېېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى 2020-يىلى 1-سېنتەبىردە بىرلىكتە نەشر قىلغان «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىگە قارشى كۈرىشى» ناملىق ئەسەردە شان روبېرتس خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئەل قائىدە» (بازا) تەشكىلاتىغا ۋە ئوسامە بىن لادىنغا باغلاش ئۇرۇنۇشلىرى قەتئىي رەت قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلەت تېرورىزىمىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

مەزكۇر كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور شان روبېرتسنى ئالاھىدە سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىپ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە تور مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە نيو كاسېل (يېڭى قەلئە) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قاتار زور ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورى جوئاننې سىمىس فىنلىي ساھىبخانىلىق قىلدى.

پروفېسسور سىمىس ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھازىرقىدەك جىددىي يۆنۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتقاندا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى نەشر قىلغانلىقى ھەمدە مۇشۇنداق بىر سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شۇنداقلا شان روبېرتسنىڭ قانداق بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ھەمدە مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يېزىشقا قىزىقىپ قالغانلىقىنى سورىدى.

پروفېسسور شان روبېرتس بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇنىڭ ئەسلىدە بىر قېتىملىق تەسادىپىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەسلىدە تولۇق ئوتتۇرىدىكى مەزگىلىدە كوممۇنىستىك ئەللەردىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قىزىقىپ قالغان شان روبېرتس ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلىغان. ئەمما 1987-يىلى ئۇ يۇگوسلاۋىيەگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا كىشىلەرنىڭ سوتسىيالىزم ياكى كومۇنىزىمغا ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى ۋە مىللەتچىلىك مەسىلىلىرىگە بەكرەك قىزىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۆزىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئوقۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىپ قالغان. شۇ قېتىملىق قىشلىق تەتىلدە ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلغان شان روبېرتس بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان قارشىلىقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سوۋېت تۈزۈمىگە بولغان قارشىلىقىدىن بەكلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىل پەرق ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ‍ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى رەسمىي باشلانغان.

جوئاننې سىمىس سورىغان يەنە بىر مەسىلە مەزكۇر ئەسەردىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭى مۇستەملىكە رايونىغا ئايلىنىش مەسىلىسى بولدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكىچىلىك پائالىيىتىگە ئوخشاش بولغان ھەمدە تىپىك مۇستەملىكىچىلىك شەكلىنى ئالغان كېڭەيمىچىلىك بولسىمۇ، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە «خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكى» دېگەن مەسىلىدە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق ئىچىدە سۆز قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ نېمە بولۇشى ھەققىدە سورىدى.

شان روبېرتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدا ئىككى خىل سەۋەب بار ئىكەن. بىرى، «مۇستەملىكىچىلىك» دېگەندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يادىغا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئاسىيادىكى مەملىكەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىشى كېلىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلار ھەرقاچان «مۇستەملىكىچىلىك» ھادىسىسىنى ئاشۇ دەۋر بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىكەن. ئەمما 2007-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىنغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە سىرتتىن كەلگەن خىتايلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىشىدەك پاجىئەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە چۈشۈشكە باشلىغان. يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ب د ت نىڭ ئاشۇ خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىرغىچە خىتايدا ھېچقانداق «يەرلىك خەلق» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ جەھەتتە ئۇلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان يول تۇتقان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق مۇستەملىكىچىلىك پائالىيىتىدە بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن «پالانى-پۇستانى رايون ئەزەلدىن بىزنىڭ ئايرىلماس قىسمىمىز» دەيدىغان سەپسەتە ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى ئالدىدا كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىلاجسىز بۇ رايوننىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان ماكان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان. دەل مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان شان روبېرتس بۇ قېتىملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوننى مۇستەملىكە دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتلەردىن ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەملىكە رايونى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىرنەچچە تەرەپتىن تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن.

مۇھاكىمىدىكى يەنە بىر مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق قىلمىشلىرى» بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان «ئۇيغۇرلار تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېگەننى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» باشلانغاندىن كېيىن بۇ ھال تېخىمۇ كۈچەيگەن.

شان روبېرتسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنلا «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتلىرى» ھەققىدىكى بىر قاتار بايانلارنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ» كە قوشۇلۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق ئىنكاسلار تېزدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ ئىسپاتى» بولۇپ قالغان. مۇشۇنى باھانە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن غەرب دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. شۇ مەزگىللەردىكى ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن بىر كۆزىنى قىسىۋالغان. ئەمما شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلاردا غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان تېررورلۇق ھادىسىسى، يەنە كېلىپ مۇنتىزىم ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى، يەر ئاستى پائالىيىتى، تەشكىلىي ئاپپاراتى قاتارلىق بىر قاتار شەرتلىرى بولغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ جايلاردىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرىمۇ تېررورلۇق ھەققىدىكى تەبىرلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ بىر پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا يېڭى زاماندىكى يېڭىچە «قىرغىنچىلىق» تۈسىنى ئالغان پائالىيەتكە سورۇن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئاشكارا كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە قىرغىنچىلىق بىلەن ئالاقىدار ھادىسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغان.

جوئاننى سىمىس ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، 2017-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھادىسىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق قىلمىشلىرى» نىڭ تەۋرەنمەس ئىسپاتى قىلىپ كۆتۈرۈپ چىققان.

شان روبېرتسىنىڭ قارىشىچە، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى ئۇنىڭدا ھەرقاچان كەڭ خەلق ئاممىسى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كەلگەن ھەرىكەتلىرىدە ھەرۋاقىت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە ساقچىخانىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بۇلار بولسا دەل خىتايدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ خەلق ئاممىسىغا زورلۇق قىلىشىدىكى ۋاستىلار ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن ياكى يارىلانغان دىنىي يېتەكچىلەر بولسا ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسىنى باستۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك ھالدا يار-يۆلەك بولغان، يەنە كېلىپ ماھىيەتتە دىننىڭ ماھىيىتىگە قارشى كىشىلەر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ئورۇنلارنى ۋە شەخسلەرنى «يوقىتىش لازىم» دەپ قاراشقا مايىل بولغان. ھالبۇكى، شان روبېرتسنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇرلارغا باغلىنىدىغان ئاتالمىش «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىمىلا ھەقىقىي مەنىدىكى تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ تەبىرىگە چۈشكەندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى «تېررورلۇق» بىلەن باغلاشنىڭ ئىمكانى يوق ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ ھەرىكەتلەر ھەققىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلاردىكى كۆپلىگەن تەپسىلاتلاردا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بار ئىكەن. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ ھەرىكەتلەردە قانداقتۇر بىرەر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھۇجۇملارنى تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئىسپات مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەندەك مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان بىرەر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىرەر تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ‍ئۇيۇشتۇرغانلىقىمۇ ئەمەلدە كۆرۈلمىگەن ئىشلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساھەگە ۋە كىشىلەرگە مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، شان روبېرتسنىڭ مەزكۇر ئەسىرى بۇ مەسىلىنى ئەڭ تەپسىلىي ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىپ بېرىشتە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت