ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆلمەس پولك» نامايىشىدىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.05.09
Qirghizistan-2-dunya-urushi-uyghur-jengchiliri-xatire-namayishi-2019.jpg قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. 2019-يىلى 9-ماي. بىشكەك، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

بۈگۈن، يەنى 9-ماي ئامېرىكا، سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا ئاخىرلاشقان غالىبىيەت كۈنىدۇر. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھەر يىلىنىڭ 9-ماي كۈنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غالىبىيەت كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىن پارچىلىنىپ مۇستەقىل بولغان مەملىكەتلەردە بۈگۈنگە قەدەر بۇ كۈن بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.

رۇسىيەدە ۋە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن پارچىلىنىپ مۇستەقىل بولغان مەملىكەتلەردە بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» نىڭ غالىبىيەت سىمۋولى بولغان «ئۆلمەس پولك» نامايىشى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. مەزكۇر نامايىشنىڭ مەقسىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جاسارەت كۆرسەتكەن ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ناملىرىنى ئۇنتۇماسلىق، تىنچلىقنى ساقلاپ، خەلقئارا بىرلىكىنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

9-ماي كۈنى قىرغىزىستاندا ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە «ئۆلمەس پولك» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتناشقان ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەجدادلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى. نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، ياشلار ۋە ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىشقا قاتناشتى. 

ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇر جەڭچىلەردىن سۈلھى لۇتپۇللايېف، داداش باباجانوف، مەسىم ياقۇپوف ۋە شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ئوردېن-مېداللارغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق كىشىلەردىن ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ۋە باشقا قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرى ئورۇن ئالدى.

مەزكۇر نامايىشقا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېفنىڭ باشچىلىقىدا ياشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى پائال قاتناشتى. ئۇلار فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى ئوردېن ۋە مېداللارغا ئېرىشكەنلىكىنى نامايىش قىلدى.

نامايىشقا قاتناشقان كۈرەش ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتى ۋە پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

نامايىشچىلار ئۇرۇش قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، بىشكەك شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، تۆت سائەتتەك يول يۈرۈشتى. ئۇلار نامايىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى باشلىرىغا كىيىۋالدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈن يەنە رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىمۇ نامايىش بولغان. بۇ نامايىشقا خەمىت توختىيېف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ۋەتەن» جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. ئۇلار نامايىش جەريانىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئۇرۇش قەھرىمانىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ چىققان شۇنداقلا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قۇربان بولغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ ئېلىپ چىقىشقان. ئۇلار نامايىش جەريانىدا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تېگىشلىك تۆھپىسى بارلىقىنى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ئۇرۇش قەھرىمانى» ئوردېنلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى رەھىمجان ھاپىزى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

بۈگۈنكى خاتىرىلەش كۈنىدە يەنە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى «سامبو» فېدېراتسىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا «غالىبىيەت كۈنى» گە بېغىشلانغان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى» دېگەن ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرگە ئاتاپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.