خىتايلارنىڭ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسسۇلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئەڭ پاجىئەلىك قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى ئۆگىنىپ مەيدانلاردا ئوينىشى بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئۆگىتىلىۋاتقان «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى»، ياڭگىر ئۇسسۇلى دېگەنلەر بەكمۇ روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تۈرىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغانىدى.

بۇ ھەقتىكى قىزىقارلىق مىساللارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ھامان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشىماقتا» دېيىشى ھېسابلىنىدۇ. «بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ مۇخبىرى دېيك كاڭ زىيارەت ئۈچۈن ئاقسۇغا بارغاندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى دو ۋەنگۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شېجۈن ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن باراڭلىق ھويلىدا كەچلىك زىياپەت تەييارلىغان. دو ۋەنگۇي ھويلىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ دېيك كاڭغا «كۆردىڭىزمۇ؟ بۇ يەردە قىرغىنچىلىق يوق. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى بەكمۇ ياخشى قوغداۋاتىمىز» دېگەنىدى. غەرب دۇنياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن «كودا ھېكايىلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئوبزور ماقالىسىدە ئاپتومات كۆتۈرگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا ئۇسسۇل ئ‍ويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزنىڭ قىسمىتى بايان قىلىنىپ، بۇ ئۇسسۇللارنىڭ قانداق مەجبۇرلاش ئارقىسىدا ئوينىلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى. يېقىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى بولسا بۇ ھەقتە يېڭى بىر مەيدان غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ تورىغا چاپلانغان يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2022-يىللىق چاغان بايرىمى ۋە خىتاي ھۆكۈمىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» چاغان مەزگىلىدە مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللىگەن. پائالىيەتتە تىپىك ئۇيغۇرچە يوسۇندا كىيىنگەن بىر توپ قىزلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ناھايىتى ئۆلچەملىك كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئوينىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھەقتىكى قىسقا فىلىملار ئۇنىۋېرسىتېت تورىغا چاپلانغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قوشۇپ چىقىرىلغان قىسقا فىلىملاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس شەيئىلەرنى قانداق تۈجۈپىلەپ قوغداۋاتقانلىقى ئالاھىدە شەرھلەنگەن. .

بۇ ۋىدىيولار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغالدى. بەزىلەر كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىغان قىزلارنى «ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇيغۇرچە كىيىنىۋالغان خىتايلار» دېسە، يەنە بەزىلەر «بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۈرۈمچىدىن ئەكەلگەن ئۇيغۇرلاركەن» دېدى. ئەمما بۇ ھەقتىكى غۇلغۇلا ئارىسىدا ئەڭ زور تەسىر قوزغىغىنى بۇ ئۇسسۇلچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇل ئ‍ويناشقا سېلىپ قويۇپ «مانا، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى شۇنچە داڭلىق بىر ئالىي مەكتەپ قورۇسىدا ئوتتۇرىغا چىقىشى بولدى.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە سۆز بولغاندا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدىكى كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلارنىڭ بىرى لوندون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار» (Students For Uyghurs) تەشكىلاتى بولدى. بۇ تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ شۈركۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى جايا پاساك (Jaya Pathak) بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن شۇنچە بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيەدىكى، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹ئالاھىدە› بولغان ‹شىنجاڭ ئۇسسۇلى› نامىدىكى بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان بىر ۋەقە بولدى. نېمىشقا دېسىڭىز بۇ ئۇسسۇل پائالىيىتى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەخسۇس تەشۋىقاتلىرىنى ئەينەن دوراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس. بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات فىلىملىرى ھازىر پۈتكۈل ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى بىر ئالدى. شۇڭا بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل ئويناشتىمۇ مۇشۇنىڭدىن باشقا مەقسەت يوق. چۈنكى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر رايونىدا قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەقتىكى بايانلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنغان. بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئاشكارا ھالدا ئالىي مەكتەپ مەيدانىدا ئوينىلىشى ھەمدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ئۇسسۇلنى كۆرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇشۇنداق بىر پائالىيەتكە خۇشاللىق بىلەن ئىجازەت بېرىشى ئادەمنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىش بەدىلىگە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق يەرلىك جامائەتنى قايمۇقتۇرۇش ئ‍ۈچۈن كۆپلىگەن پائالىيەت شەكىللىرىنى روياپقا چىقارغانىدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ خىل خاتا ئۇچۇرلار ماھىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى يوققا چىقىرىش رولىنى ئوينىغان. بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل پائالىيىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەقسەتلەرگە قانچىلىك باغلىنىشى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا جايا پاساك مۇنداق دېدى:

«شەخسەن مېنىڭ پىكرىمنى سورىسىڭىز، بۇ پائالىيەتنى ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى› تەشكىللىگەن. بۇ بىرلەشمە بولسا لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز تور بېتىدە بۇ بىرلەشمىنىڭ پائالىيەتلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى ئوچۇق يېزىلغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى›نى ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات قورالى قىلىپ ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ بىرلەشمە ئارقىلىق مەكتەپ قورۇسىدىكى پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا سالغان. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى› دېگەنلەرنىڭ خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئىلىم ساھەسى ۋە ئىلىم ئەركىنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن قانچىلىك زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق كۆرسىتىپ بەردى. يەنە بىر ياقتىن ‹خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى›نىڭ قانداق بىر چاتاقچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل ھالدا ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى بەكمۇ مۇكەممەل يوسۇندا نامايان قىلىپ بەردى».

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار» تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل پائالىيىتى ھەققىدە مەخسۇس نارازىلىق مەكتۇپى تەييارلىغان ھەمدە بۇنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرۇپ مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇشۇنداق بىر سىياسىي تەشۋىقاتقا يول قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىدىن بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ھازىرچە ئۇلاردىن تېخى رەسمىي جاۋاب كەلمىدى. بىز بۇنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىمىز ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىدىن بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى بۇ قىلمىشنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ ‹شىنجاڭدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوقكەن› دەيدىغانغا ھازىر ھېچقانداق باھانىسى يوق. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىق ھازىر ئەنگلىيەدىكى بارلىق چوڭ گېزىتلەردە خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ. ئاندىن قالسا تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى لوندوندا سوت ھۆكۈمى چىقاردى. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ رەھبەرلىكى بۇ ئىشلارغا جەزمەن جاۋاب بېرىشى لازىم. بىزمۇ داۋاملىق بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار» تەشكىلاتى ئەنگلىيەدىكى «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندون ئىشخانىسى قارمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى بولۇپ بولۇپ، ئاساسەن ئەنگلىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم تۈرلەر ئەنگلىيەدىكى ئىلىم-پەن ساھەسى، جۈملىدىن تېببىي پەنلەر ساھەسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈش، شۇ ئارقىلىق غەرب پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى ئاياللارنى تۇغالماس قىلىۋېتىش قاتارلىق نوپۇس چەكلەش تەدبىرلىرىگە قايسى دەرىجىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگلىيەدىكى پەن-تېخنىكا مۇئەسسەسەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا باغلىنىشلىق ھەرقانداق ساھە بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى غەرب دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئاڭلىتىپ، غەرب پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ۋە ئالىي مەكتەپلىرىنى خىتاي مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن تەتقىقاتلارغا قاتنىشىپ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىش دېگەنلەر ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانى ئىكەن. بۇ قېتىمقى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناش ۋەقەسىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىكەن.