خوتەن «گۈزەل ماكان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ئەكبەر ئىمىن 25 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە جەمئىيەتتە «ئەكبەر دالۇ» دەپ تونۇلغان، بايلىق جەھەتتە خوتەندە ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلەردىن سانىلىدىغان 51 ياشلىق كارخانىچى ئەكبەر ئىمىن 2018‏-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. بىز ئەكبەر ئىمىننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، ئەكبەر ئىمىننىڭ بىرقانچە شىركىتى بارلىقى، شىركەتلىرىدىن بىرىنىڭ «گۈزەل ماكان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتاي تور ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا، بۇ شىركەتنىڭ 2007-يىلى قۇرۇلغانلىقى، خوتەن شەھەر ئىتتىپاق يولىدا ئىشخانىسى بارلىقى، شىركەتنىڭ 13 مىليون 343 مىڭ يۈەن مەبلىغى بارلىقى قەيت قىلىنغان. بىز بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتە مېڭىۋاتقان ياكى توختىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك يەرلىك باج ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىممۇ، بۇ تۈر ئەھۋاللارغا جاۋاب بەرمەسلىك ھەققىدە ج خ تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس ھۆججىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خوتەن ۋىلايىتىدە سىياسىي قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بىر خادىم، ئەكبەر ئىمىننىڭ خوتەن شەھەر ئىچىگە سېلىنغان 16 قەۋەتلىكتىن 30 نەچچە بىنادىن تەشكىللەنگەن «بەخت ئولتۇراق رايونى» نىڭ ساھىبى ئىكەنلىكى ۋە 2 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن ئاساسەن دېگۈدەك خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

«گۈزەل ماكان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» ھەققىدىكى توردىكى تونۇشتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئىشلىرىدىن باشقا تاشقى سودا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ئەكبەر ئىمىننىڭ چېگرادا سودا رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىمنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەكبەر ئىمىننى مۇددەتسىز كېسىلدى دەپ جەمئىيەتتىن ئاڭلىغان، ئەمما ئىدارىسىدىن بۇ ھەقتە ئۆزىگە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بايىقى سىياسىي قانۇن خادىمى ئەكبەر ئىمىننىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ نۆۋەتتە خوتەندە سىر ئەمەسلىكىنى، چوڭ-كىچىك ھەممىلا كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئەكبەر ئىمىننىڭ ئىشنى قاشتېشى سودىسىدىن باشلىغانلىقى ۋە خوتەندە ئولتۇراق ئۆي-بىناكارلىق ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى ۋە دەسمايىنىڭ بىر مىليارد يۈەندىن ئاشقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قەستلىشىگە ئۇچرىغانلىقى» نى مەلۇم قىلغانىدى. ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ سودا ئورتاقلىرى بولغان ئىككى قېرىندىشى ۋە بىر ئوغلىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز تېخى داۋاملاشماقتا.