«شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى ئاشكارىلىغان خىتاي ئىنژىنېر 4 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.02.18
«شىنجاڭ ۋەزىيىتى» نى ئاشكارىلىغان خىتاي ئىنژىنېر 4 يىللىق كېسىۋېتىلگەن خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

4 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان خىتاي ئىنژىنېر ھازىرغا قەدەر پۇتىدىكى كىشەندىن قۇتۇلالمىغان.

«بۈيۈك ئىرا» تورى 17-فېۋرال «ئوغلى تىۋىتتېردا شىجاڭ توغرۇلۇق ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالىنىپ پۇتىغا كىشەن سېلىندى، ئانىسى توردا ياردەم سورىدى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: ئەسلى يۇرتى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھرىدىن بولغان لى لىن 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شىمىگو رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغان ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئۇ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

لى لىننىڭ ئانىسى لى شىنخۇا 2020-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. ئەمما سوت مەھكىمىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ۋە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. بىر سوت خادىمى ئۇنىڭغا «مېنىڭ ۋەزىپەم سېنى سوتتىن يىراقلاشتۇرۇش» دېگەن. لى شىنخۇا 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلىپ ئوغلىنىڭ پۇتىدىكى كىشەننى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق مەسئۇل ساقچى خادىمى ئۇنىڭغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ بەلگىلىمە نىزاملىرىغا بىنائەن، بۇ خىل دېلودىكى ئادەملەرنىڭ پۇتىغا داۋاملىق كىشەن سېلىنىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

لى لىن نېمە گۇناھى ئۈچۈن 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولغان؟

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، لى لىن ئۈرۈمچىدە يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى توساق ئاتلاپ «شىنجاڭ ۋەزىيىتى» توغرىسىدا يوتۇب ۋە تىۋىتتېردا 5 پارچە ئۇچۇر تارقاتقان. بۇ 5 پارچە ئۇچۇرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن:

1. ھازىر شىنجاڭ كوچىلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرمەيدىغان بولدى. ئەمما بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ شىنجاڭ نوپۇسىدىكى پۈتكۈل ئادەملەر ساقچىغا بېرىپ تىزىملىتىش، قان ئەۋرىشكىسىنى ۋە كۆز قارچۇغى بەلگىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش باشلاندى. ئاممىۋى سورۇنلار ۋە شەھەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش بۇرۇنقىدەك داۋام قىلىۋاتىدۇ. كوچا دوقمۇشلىرىدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى 2 يىلغا سېلىشتۇرغاندا، كۆرۈنەرلىك ئازايدى.

2. شىنجاڭدىكى تور سىستېمىسى داۋاملىق ئۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. VPN نىڭ يۇمتاللىرىنىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

3. ئاي شەكىللىك بەلگىلەر، مەسچىت بەلگىلىرى ۋە ھالال ئىبارىلىرىنى بىكار قىلىش ھازىرقى يېڭى سىياسەت. بۇ خىلدىكى بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مال ئىشكاپلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئىجازەت يوق. مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىۋاتىدۇ. تېخى كۆرمىدۇق.

4. شىنجاڭدا ھەر 500 مىتېردا بىردىن ساقچى پونكىتى بار. ئۇنىڭغا قورال-ياراقلار ۋە چارلاش ماشىنىلىرى قوشۇلغان. ئۇنى پېنسىيەگە چىققان بىر كىشى «ئاممىغا قولايلىق يارىتىش پونكىتى» دەپ ئاتىدى. بىز ھەممىمىز ئۇنى «پوتەي» دەپ ئاتايمىز. پوتەيلەر ھەممە يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

5. ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ، ھازىرقى سىياسەت مۇشۇنداق داۋاملاشقان تەقدىردە، بۇ مىللىي زىددىيەتنى كۈنسىرى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىدۇ. بىر كادىر بىر نامراتنى قۇتۇلدۇرۇش، «قوشماق تۇغقان» بولۇش دېگەنلەر ھەرگىز ئاقمايدۇ. مۇھىمى يۇقىرى بېسىم شەكىللەندۈرگەن قورقۇنۇش ۋە تۇرمۇش قولايسىزلىقلىرى كىشىلەرنى ساراڭ قىلاي دەپ قالدى، نەپرەتلەنگۈچىلەر ۋە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر دەرھال ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا سولانماقتا.

لى لىن بۇ خەۋەرلەرنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدا تارقىتىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى تارتقان. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ساقچىلار ئۇنى دۆلەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ «يالغان خەۋەر تارقىتىش، دۆلەت رەھبەرلىرىگە تۆھمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت سىياسىتىگە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا دائىر تەدبىرلەرگە يامان نىيەتتە باھا بېرىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن تۇتقان. ئاندىن ئۇنىڭ نوپۇسىنى شىنجاڭ نوپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، بىر تالاي يالغان تۆھمەتلەر بىلەن 4 يىللىق كېسىۋەتكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكلەرنى ساقلاش ئۈچۈن مىللەت ئايرىماي جازالاش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

لى لىننىڭ ئانىسى لى شىنخۇا 17-فېۋرال سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان نارازىلىق باياناتىدا شىنجاڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى «راست گەپنى قىلمايدىغان، پاكىتقا ھۆرمەت قىلمايدىغان، قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغان ئادالەتسىز ئورۇن» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئوغلىنىڭ پۇتىدىكى ئىشكەلنى 3 يىلدىن بۇيان ئېلىۋەتمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، لى شىنخۇا بۇ ھەقتە چەت ئەل ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ھازىر نازارەت ئاستىدا ئىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز پۇقراسىغا سالغان بۇ زۇلىمىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆرۈۋاتقان ئېغىر كۈلپەتلىرىنى قىياس قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.