«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى: «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشى»

0:00 / 0:00

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدە 16-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى جەريانىدىكى بەزى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى كۆرۈنگىنىدەك ئەمەسكەن.

مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭ 12-ئىيۇل ئۈرۈمچى زىيارىتىنى باشلىغاندىن تارتىپ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىپ، ھېچقانداق خەۋەر ئېلان قىلدۇرمىغان. ئۇ بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئاندىن خەۋەر تارقاتقان. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان ئۇيغۇر دىيارىدا خاتىرجەم زىيارەت قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىيچە كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيدۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلغا سالغان. بۇ ئۇسسۇل، ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھالىتىگە ماس كەلمەيدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە كىيىنىشلىرى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان زوراۋانلىق بىلەن يولغا قويۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش سىياسىتىگە زىت كېلىدىكەن.

مەسچىتلەرنى چېقىش، كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، ئۇيغۇر ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدىغۇچى زىيالىيلارنى تۈركۈملەپ تۇتۇپ كۆزدىن يوقىتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىيچە كىيىندۈرۈپ ئۇسسۇلغا سېلىشى ھەمدە «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» تارقاتقان سۈرەتلەردىكى مىللىيچە كىيىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قىزغىن كۈتىۋېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بىر مەيدان ساختا ئويۇندىنلا ئىبارەت ئىكەن.

ئۈچىنچىدىن، شى جىنپىڭ 2014-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى تېپىپ چىقىش» ھەمدە «قىلچە رەھىم قىلماسلىق» بۇيرۇقىنى بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلىدىن ئېتىبارەن تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان جازا لاگېرلىرى ۋە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ جازالىنىشى ئاشۇ چاغدىكى بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. شى جىنپىڭ ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كەلگەن.

شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇيۇقسىز ۋە مەخپىي زىيارىتىنىڭ ئارقا پەردىسىدە زادى نېمە بار؟

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشى» ناملىق ماقالىدا ۋە گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د دا ئېلان قىلىنغان «خىتاي پرېزىدېنتى شى 2014-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ رايونىنى زىيارەت قىلدى» ناملىق خەۋەردە ھەمدە «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى بومبىلارنى پارتلىماس ھالغا كەلتۈرۈشى لازىم» ناملىق ماقالىلەردە بۇ ھەقتە بەزى ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلغان.

«شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زوراۋان باستۇرۇشلىرى خەلقئارادا ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇندۇرغان. غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشقان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خوڭكوڭدا دېموكراتىك تۈزۈم ھالاك بولغان. ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن. بىراق شى جىنپىڭ ئاۋۋال خوڭكوڭنى، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق غەربكە ئۆزىنىڭ مۇتتەھەملىكىنى كۆرسىتىپ «مەن دېگىنىمنى قىلىمەن» دەپ «مۈرىسىنى چىقارماقچى» بولغان. ماقالىدا يەنە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «بۈيۈك جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ «بۈيۈك ئۇتۇق» نى ئۆزىنىڭ روياپقا چىقارغانلىقىنى نامايان قىلماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئۆكتەملىكى خەلقئارادا خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولىدىكەن.

ئا ر د دا ئېلان قىلىنغان «خىتاي پرېزىدېنتى شى 2014-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ رايونىنى زىيارەت قىلدى» ناملىق خەۋەردە ئىپادە قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» ئۇيغۇرلارنى

ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە بۇ قوراللىق كۈچنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان ۋە مەدەت بەرگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئارمىيەسى ھەم باشقا قوراللىق كۈچلىرىگىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمىلەر بەرگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە كوممۇنىستىك پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نۇقتىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن.

«شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى بومبىلارنى پارتلىماس ھالغا كەلتۈرۈشى لازىم» ناملىق ماقالىدا تەكىتلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي قاتارلىق تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە 4-ئايدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربىلەر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يىللىق تەرەققىيات سۈرئىتى ئاران 0.4 پىرسەنت ئۆرلەپ، مۆلچەردىكى 5.5 پىرسەنتتىن كۆپ ئۇزاقتا قالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئىشسىزلارنىڭ سانى ئارتىپ، شى جىنپىڭغا قارىتا نارازىلىقلار ھەسسىلەپ كۈچىيىپ «پارتلاش ئالدىدىكى بومبىلار» كۆپەيگەن. يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن چاقىرىلىدىغان خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ «مەڭگۈلۈك داھىي» غا ئايلىنىش شېرىن چۈشى سۇغا چىلاشقان. شى جىنپىڭ بولسا، خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا قازانغان نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان.