ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ئەرەب ژۇرنالىست: «خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان» (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىيوردانىيەلىك مۇخبىر نىھاد جارىرى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر بوۋاينى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى ئىيۇل.
ئىيوردانىيەلىك مۇخبىر نىھاد جارىرى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر بوۋاينى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى ئىيۇل.
Nihad Jariri xanim teminligen

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نىھاد جارىرى خانىم ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە رايوننى لاگېرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور تۈرمىگە ئوخشاتقانىدى.

ئۇ سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئالالماسلىقى بولغانلىقىنى ئېيتىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى: 

«مەن ئۇ يەردە ئىنگلىزچىنى شۇنداق راۋان سۆزلەيدىغان بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ‹ئېنگىلىزچەڭ بەك ياخشى ئىكەن. چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى خالامسەن؟› دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: ‹ئەلۋەتتە خالايمەن، ئەمما مېنىڭ پاسپورتۇم يوق› دېدى. مەن ھەيران بولۇپ: ‹نېمىشقا، سەن پاسپورت ئىلتىماس قىلالايدىغان ياشقا كەلگەن تۇرساڭ› دېدىم. ئۇ ماڭا: ‹كەچۈرۈڭ، مەن بۇ ھەقتە گەپ قىلالمايمەن› دەپ جاۋاب بەردى. مەن پاسپورت مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە زور قىيىنچىلىق بارلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ بىر تۈرمىكەن. ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلار بىخەتەرلىك تەدبىرى ئەمەس، سېپى ئۆزىدىن بېسىم، سېپى ئۆزىدىن زۇلۇم.»

نىھاد خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى جەريانىدا مەلۇم بىر جايدا ئۇششاق-چۈششەك ماللارنى ساتىدىغان بىر ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان. بۇ ئۇيغۇر ئايال گەپ قىلىۋېتىپلا تۇيۇقسىز كۆز ياشلىرىغا بوغۇلۇپ كەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. نىھاد خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: 

«ئۇ ئايال ماڭا ئوغلۇم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇڭ، دېدى. ئۇنىڭ قولىدىن ئوغلى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدىكەن. ئەمما ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دۇئامۇ قىلالمايدىكەن. چۈنكى بىلگىنىڭىزدەك، ئۇ يەردە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن. مەن يەنە قەشقەردە بىر چايخانىغا كىردىم. ئۇ يەردە ئادەملەر خۇشال-خۇرام ھالدا ئۇسۇل ئوينايدىكەن. مەن شۇ يەردە ماڭا ئوخشاش بىر ساياھەتچى خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن چايخانىدىكى بىر ياشانغان ئۇيغۇردىن ‹سىلەر نېمىشقا خۇشال؟› دەپ سورىدىم. ئۇ بوۋاي ماڭا ‹بىزنىڭ ھازىر يەيدىغىنىمىز بار، قورسىقىمىز توق، شۇڭا خۇشال› دېدى. مەن يەنە باشقا سوئاللارنى سوراي، دەپ ئېغىزىمنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ بوۋاي ماڭا ئېغىزىنى سېرتمىلىغان ئىشارەتنى قىلدى. مەن ئۇ بوۋاينىڭ ‹بىزنىڭ ئېغىزمىز ئېتىك› دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندىم.» 

نىھاد جارىرى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاللىقاچان بىر بىخەتەرلىك تەدبىرى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلغان تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرگە ئىگە كىشىلەرگە قارىتا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: 

«ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئەمما مەنچە رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوق. بىخەتەرلىك بىلەن تېخىمۇ ئالاقىسى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى ئوپ-ئوچۇقلا ئۇيغۇرلارنى بۇ دۇنيادىن يوق قىلىۋېتىش ئىكەن. مەن بۇنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت، دەپ قارايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا سۇسلاشتۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىگە سىڭدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋېتىپتۇ. بۇ زور بىر خاتالىق.» 

نىھاد خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېلىپ، مەركىزى دۇبەيدىكى «ئاخبار ئالان» ناملىق ئەرەب تېلېۋىزىيەسىدە زىيارەتلىرى ھەققىدە بىر پروگرامما تارقاتقان. پروگرامما تارقىتىلغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ سورىغان سوئال «غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا دېيىلىۋاتقانلار راستمىكەن؟» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. چۈنكى نىھاد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئەرەب دۇنياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا غەربنىڭ خەۋەرلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان خاھىش مەۋجۇت ئىكەن. شۇڭا نىھاد خانىم ئۆزىنىڭ شۇنداق سورىغانلارغا بىز ئاڭلىغان خەۋەرلەر يۈز پىرسەنت راستكەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەۋەرلەردە دېيىلىۋاتقانلار يۈز پىرسەنت راست. چۈنكى مەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاش ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم ۋە كۆردۈم. سىز شۇندىلا خەۋەرلەردە دېيىلىۋاتقانلارنىڭ قىلچىلىكمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى، قىلچىلىكمۇ ئاشۇرۇۋېتىلمىگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەنسىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى راست ۋە ھەقىقەتەن يۈز بېرىۋاتىدۇ». 

نىھاد جارىرى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىقنى ئويلىمىغان كىشىلەرنىمۇ شۇ كويغا سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باھانىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا يەتمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا «رادىكاللىق» تىن ئىبارەت يېڭى بىر مەدەنىيەتنى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلىۋېتىپتۇ.» دېدى. 

يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 25 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين ۋە ئومان قاتارلىق نۇرغۇن ئەرەب مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كە يېقىن دۆلەت خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاپ ئىمزالىق مەكتۇپ يازغانىدى. بىز بۇنى نىھاد خانىمنىڭ سەمىگە سالغىنىمىزدا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەرەب دۇنياسىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئەرەب جامائىتىگە توغرا خەۋەرلەر بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئەرەب زىيالىيلىرى ۋە خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلاشتا باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەرخىل چوڭ ئىجتىمائىي ئورگانلار ئارقىلىق ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

تولۇق بەت