ھاجى ئۆمەر ئوسمان ئەسلى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ داشىمېن رايونىدىكى خىتاي مەكتىپى، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا گوللاندىيەگە چىقىپ، 2 يىلدەك گوللاندىيەدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ 2012-ياكى 2013-يىللىرى سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن.
ئۇنىڭ قايتىپ كېتىشىگە خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسىمۇ ئارىلاشقان بولۇپ، ئەلچىخانىنىڭ بىر خادىمى شۇ چاغدا تېخى 18 ياشقا توشمىغان ھاجى ئۆمەرنى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىگە قەدەر يەتكۈزۈپ قويغان.
بىراق رادىيومىزنىڭ ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ھاجى ئۆمەر گوللاندىيەدىن قايتىپ كېلىپ، ئارىدىن 5-6 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلغان. ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان 2 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ھاجى ئۆمەرنىڭ يېقىندا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ھاجى ئۆمەر ئوسماننىڭ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تاغىسى ئەلى تۇرسۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھاجى ئۆمەرنىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئەلى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ھاجى ئۆمەر چوڭ ئاچامنىڭ ئوغلى. 10 يىل كېسىۋېتىپتۇ. بۇ ئىنىمىزنى ئەسلى گوللاندىيەگە ئوقۇشقا يول ساپتىكەن، يەنى توغرا يول بىلەن. بۇ بۇرۇنقى گەپ. 2010-يىلى ئوقۇشقا چىققان، بىر ئايال ئېلىپ چىقىپتىكەن، گوللاندىيەدە ئوقۇسۇن دەپ. ۋەتەندە خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بالا ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇنىڭغىمۇ ‹ھەئە› دىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن بىر مۇنچە ختاي بالىلىرىمۇ بار ئىكەن. شۇلار بىلەن بىرگە كەپتىكەنتۇق… گوللاندىيەدە ئىككى يىل ئوقۇدى، جىيەنىم. ئىككى يىل ئوقۇپ تىلىمۇ خېلى يامان ئەمەس بولۇپ قالغانتى. لېكىن كېيىن قانداق بولدى، تۇرالمىدىم، كۆنەلمىدىم، بۇ يەر بولمايدىكەن، دەپ تۇرىۋالغان. مەن شۇ چاغادا يوقلاپ قوياي، دەپ بېرىپ كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇلار 18 ياشقا توشمىغاچقا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئايرىم ئوقۇتاتتىكەن.»
ئەلى تۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ھاجى ئۆمەرنى 2018-يىلى 6-ئايدا تەڭرىتاغ رايونلىق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن.
ئەلى تۇرسۇن يەنە مۇنداق دېدى: «تۇتقان ۋاقتى شۇ 2018-يىلى 6-ئاي ئەتراپىدا تۇشۇپتۇ. نەنگۇەننىڭ دېدىمۇ، شۇ يەردىكى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى ( گوباۋ) نىڭ دىدىمۇ، شۇنداقراق بىر نېمە دىدى. تەڭرىتاغ رايونلۇق نەنگۇەن ساقچىخانىسى ياكى گوباۋ. مەن شۇ گوباۋنىڭ (دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى) تۇتقانمىكىن، دېدىم. ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىن 10 يىل كېسىۋېتىپتۇ. ئەكەتكەن پېتى لاگېردا تۇتۇپ، ئەمدى كېسىپتۇ. 18 ياشقا توشماي تۇرۇپ قايتىپ كەتكەن بالا قانداق بولۇپ دۆلەتنى پارچىلايدۇ؟ مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى. ھېچقانداق ئىشى يوق، شۇنداق ئاق كۆڭۈل بالا ئىدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھاجى ئۆمەر 1995-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ۋاقتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ھەجگە بارغاندا ئۇنىڭغا ئېغىرئاياق ئىكەندۇق.
ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھاممىسى ئاسىيە تۇرسۇن، شۇ سەۋەبلىك ھەدىسىنىڭ ئوغلىغا ‹ھاجى ئۆمەر› دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھاجى ئۆمەر گوللاندىيەدىن سالامەتلىكى يار بەرمەي قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاكى تۇتقۇن قىلىنغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر ھاممىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن.
ئاسىيە تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۇكىمىز كېچىكىدىن تارتىپ خەنزۇچە ئوقۇغان. ھېچقانداق ‹ۋەتەننى بۆلۈش› دېگەنلەرنى ئۇقمايتتى. نامازلارغىمۇ بىز تېخى ئاران دەۋەت قىلىپ ئاپىراتتۇق، سەن ھەجدە تۇغۇلغان، ناماز ئوقۇ، دەپ. ئۇ خەنزۇچە ئوقۇغاچقا بۇنى چۈشەنمەيتتى. كېيىن ئۇ خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن مەكتەپتە دېيىشىپ، ئۈرۈمچى داشىمېندىكى 7-ئوتتۇرىغۇ، دەيمەن، شۇنىڭدا ئوقۇغان، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىچىدە گوللاندىيەگە چىقىپ كەتكەنلەر باركەن، ئۇمۇ ‹مەنمۇ چىقىپ ئوقۇيمەن› دېگەچكە چىقارغان. ئوتتۇا مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ، 9-سىنىپتىغۇ دەيمەن، شۇ ۋاقىتتا چىقىپ كەتكەن.»
رادىيومىز ئېرىشكەن خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدا، ھاجى ئۆمەرنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى» ۋە «2021-يىلى 5-ئاينىڭ 10 كۈنى بىڭتۈەننىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. بىراق ئۇنىڭدا ھاجى ئۆمەرنىڭ قاچان، قايسىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغانلىقى، ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش» قا ئالاقىدار قانداق كونكېرت ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان.